مۇھىم ماتېريال ساقلاشتىكى ئىشەنچىلىك ئۇسۇل ھەققىدە مۇنازىرە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك!مەن سىلەر بىلەن ئۆزىمىزدىكى مۇھىم دېتال ۋە ھۆججەتلەرنى قايسى خىلدىكى ساقلاش دىسكىسىدا ساقلىسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇزۇلۇپ قالماي ئىشەنچىلىك ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا پىكىرلەشمەكچى.
ئەتراپتىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىمۇ بىر-بىرگە ئوخشاش بولمىدى.
بەزىلەر: مۇھىم ماتېرياللارنى بارماق دىسكا، كۆچمە دىسكا ۋە سىغىم كارتىسى قاتارلىق مودا بولىۋاتقان ساقلاش دىسكىلىرىدا ساقلىسا ئىشەنچىلىك بولىدۇ دەيدۇ.
يەنە بەزىلەر بولسا: مۇھىم ماتېرياللارنى ئىشەنچىلىك ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، نۇر دىسكىسىغا (DVD تەخسىگە) ئويۇپ ساقلاش ئۇسۇلىدۇر.
چۈنكى نۇر دىسكىسى نەم تارتىپ قىلىش، سۇغا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ. تەننەرخىمۇ خېلى ئەرزان توختايدۇ. سىز بىر خىل ماتېريالنى 2 ياكى 3 نۇر دىسكىسىغا ئويۇپ ساقلاپ قويسىڭىز، پەۋقۇلئاددە بىرىسى بۇزۇلغان تەقدىردىمۇ، باشقا دىسكىدىكىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئەگەر مەندە ئىشەنچىلىك بارماق دىسكا بار دەپ بارماق دىسكىغىلا قاچىلاپ قويسىڭىز، پەۇقۇلاددە بۇزۇلۇپ قالسا يوق بولدى دېگەن گەپ. ئىشەنچىلىك بولسۇن دەپ بىر خىل ماتېريالنى 2 ياكى 3 دانە بارماق دىسكىغا قاچىلايمەن دېسىڭىز، باھاسى خىلى قىممەت توختاپ كېتىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئىككى ياكى ئۈچ دانە نۇر دىسكىغا ئويۇپ ساقلىغان ياخشى دەيدۇ.
شۇڭا تور ساھەسىدە كۆپ يۈرگەن، بىلىملىك تورداشلار بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى تەۋسىيە قىلسا دېگەن ئۈمۈتتىمەن. مىنىڭچە ، چ چ بوشلۇقىغا ساقلاپ قويسا بولامدىكىن ، ئەگەر بەكلا ئەندشە قىلسىڭىز ، بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ، بارماق دىسكىنى بىر ساندۇققا سېلىپ ، دېرىزە ئۇستىگە ئېلىپ قۇيۇڭ ھا ھا ھا ھا.......... ھەر قانداق ساقلىغۇچنىڭ ئۆمرى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ،سۈپىتىمۇ ئوخشىمايدۇ،ماتىرىيالنىڭ مۇيىملىقنى كۆزدە تۇتسىڭىز،بىر قانچە ساقلىغۇچلاردا زاپاسلاپ ساقلاڭ،پۇل ميىم بولسا ئەرزانراق بارماق دىسكا،قاتتىق دىسكىدا ساقلاڭ،ماتىرىيال مۇيىم بولسا سۈپىتى ياخشى بولغان قاتتىق دىسكا،بارماق دىسكىلاردا ساقلاڭ،
قاتتىق دېسكا بىلەن بارماق دېسكا بولماسمىكى. تاسادىپىي فورماتلا دېسە قۇرۇق قالسىز. يەنلا نۇر دېسكىغا ئويۇپ ساقلاڭ.
ئەگەر ھەقىقەتەن مۇھىم ماتىريال بولسا يەنىلا نۇر دېسكىغا ئۇيۇپ ساقلىسىڭىز ئىشەنچلىك .ماتىريال سىغمى كىچىكرەك بولسا cd-r دېسكىسىغا، چوڭ راق بولسا r+dvd دېسكىسغا ئۇيۇپ ساقلاڭ.ھازىرئىشەنچىلىك ،سۈپەتلىك ،ماركىلىق نۇر دېسكىسىنىڭ دانىسى بازار باھاسىدا 2-4يۈئەن ئەتراپىدا. توردا ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان.ئۇيۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر نۇسخا زاپاس ئۇيۇۋېلىشنىتەكلىپ قىلمەن.مۇقىم بۇلۇش، ۋىروسلانماسلىق ،مەڭگۈلۈك بۇلۇش.....تەك نۇرغۇن ئالاھىدىلكى بولغان بىلەن بېسىمغا ،سۈركۈلۈشكە نىسبەتەن ئاجىز ،ئالىمادىس سۇنۇپ كىتىپ قالسا ئاپلا دەپ قالدىغان گەپ.بولسا زاپاس ساقلىۋالغاندىن كىيىن نۇر دېسكىسنى ئوبدانساقلاپ قۇيۇپ ،ماتىريال ئىشلىتىشكە ،يۆتكەشكە توغرا كەلسا زاپاسلىۋالغاننۇر دېسكىنى ئىشلەتمەي بارماق دېسكنى ئشلىتىڭ. تور دىسكىسىدا ساقلىساقچۇ ؟
ئىشەنچىلىكتۇ ؟ توردىسكا ، توربوشلۇقدىگەنلەرگەھەرگىزشەنمەيمەن مەن !!!!!!!!!!!!!ئەڭياخشىسى نۇردىسكا . ئەڭ ياخشى ئامال شۇ نۇر دېسكا، مېنىڭ يىغىپ ساقلاۋاتقىلى 6يىل بولغان ماتېرياللىرىم تېخىچە شۇ پېتى ئىدى، بىراق ئوغرى ئالدى، ئوغرى ئالسا ئامال يوققەن ئۆزى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە، شۇنىڭغا قارىغاندا ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ كىيۇ-كىيۇ بوشلىقىغا ھەم نۇر دىسكىغا زاپاسلاپ ساقلاپ قويۇپ دائىم زىم بولىدىغانلىرىنى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋالساق بولىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭكىنى ئوغرى ئېلىۋەرمەيدۇ ئەمەسمۇ!!!! ئەڭ ياخشى ئامال شۇ نۇر دېسكا، مېنىڭ يىغىپ ساقلاۋاتقىلى 6يىل بولغان ماتېرياللىرىم تېخىچە شۇ پېتى ئىدى، بىراق ئوغرى ئالدى، ئوغرى ئالسا ئامال يوققەن ئۆزى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە، شۇنىڭغا قارىغاندا ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ كىيۇ-كىيۇ بوشلىقىغا ھەم نۇر دىسكىغا زاپاسلاپ ساقلاپ قويۇپ دائىم زىم بولىدىغانلىرىنى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋالساق بولىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭكىنى ئوغرى ئېلىۋەرمەيدۇ ئەمەسمۇ!!!! ھەي مەن ھەممسدە ساقلاپ باقتىم لىكىن زىيان تارتىۋەردەىم يەنلا نىمىدە ساقلىمايلى 3-4 نۇسقا ساقلىساق ياخشىكەن. بولسغۇ بانكىنڭ بىخەتەرلىك ئشكاۋى بولسا ھە!
بەت:
[1]