ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:33:37

ھۈنەرۋەنلەرگە تەكلىپ

20يىللار ئىلگىرى ھەر-قايسى كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سودىسى ياخشى بۇلۇپ بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن ئىدى، مەيلى تىككۈچىلىك بولسۇن مەيلى رىمونىتچىلىق كەسىپلېرى بولسۇن بازاردا خېلى پۇت تىرەپ تۇرالايتتى ھەم ئۈگەنگۈچى شاگىرتلارمۇ كۆپ ئىدى.
بىر مەزگىل كىيىم-كىچەك ۋە ئائىلە-ئىلىكتىر سايمانلېرى باھاسىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشى نەتىجىسىدە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكانلېرى چۆلدەرەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇلىسى تۇڭلاتقۇ رىمونت قىلىشقا يۈتكىلىۋالدى ياكى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بازار-بازارلاردا تەييار مەھسۇلاتلارنى سىتىش بىلەن مەشغول بۇلسا يەنە بىر قىسىملېرى كەسىپنى تاشلاپ دېھقانچىلىق بىلەن مەشغول بولدى. ئاز ساندىكى تىككۈچى ئۇستاملار دۇكانلاردا باشقا ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشنى تىزىملاپ بېرىپ قىلغان ئىششىنىڭ كىرىمىنىڭ %60 تىنى بېرىش شەكلى بىلەن ئىشلىتىپ شۇ ئارقىلىق يەنىلا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما مەن رىمونىتچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇ ئۇسولنى قوللانغىنىنى كۆرمىدىم.
بۇنداق قىلغاندا ‹‹ھۈنەرۋەنلەر تۇلا ماڭدۇرىدۇ›› دىگەن گەپلەرگىمۇ ئورۇن قالمايدىغان بۇلىدۇ، دەسمايىسى يوق ئەمما ھۈنىرى بارلارغا چىقىش يۇلى تىپىپ بېرىدىغان بۇپلا قالماي نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر توپلاشقاندىن كىيىن ئەمىلى تەجىربىلېرىنى ئالماشتۇرۇپ كەسىپتە تىخىمۇ زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىدۇ. شاگىرتلارغا تىز ئۈگەتكىلى بۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شاگىرتلىققا كىلىدىغانلارمۇ كۈپىيىدۇ، شاگىرتلار كۈپەيگەنچە دۇكاننىڭ نامى تىخىمۇ تارىلىپ خەق ياسىتىش ياساتماسلىقتا ئىككىلىنىپ تاشلاپ قويغان نەرسىلېرىنى ياساشقا ئىلىپ كىلىدۇ. بىر كەسىپتە بازارنىڭ ياخشى بۇلىشىنى بەلگىلەشتە شاگىرت بالىلارنىڭ ياكى رىمونىت قىلىدىغان كەسپى خادىملارنىڭ كۆپ بۇلىشى بەك چوڭ رول ئوينايدۇ. رىمونىت سۈپىتى يۇقىرى كۈتىرىلىدۇ، يەنە رىمونىتچىلىقتا ئىشلىتىدىغان زاپچاسلارنى توپ ئالىدىغان بولغاچقا باھادا ئېتۋارغا ئېرىشەلەيدۇ. يەتكۈزۈش شىركەتلېرىمۇ توپ مال بولغاندىكىن تىزرەك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بەزى بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان، سۈپىتى ياخشى بولمىغان زاپچاسلارنى مەخسوس ئۆزلېرى قايتا رىمونىت قىلىپ ئىشلىتىش دىگەندەك يىڭى بايلىق يوللېرى ئىچىلىدۇ، مەسلەن ئالغاندا ھازىر بازارلاردا ئىلىكتىرماتور، تۇڭلىتىش ئۈسكىنىلېرىنىڭ كومپىسسورلېرىنىڭ تۇلىسىدا مىس ئورام ئىشلەتمەي ئاليومىنلىق سىم ئورام ئىشلىتىلىۋاتقاچقا بەك ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ، ئاليومىنلىق ئورامنىڭ مىس ئورامدىن كۆپ ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىپ ئاز ئىش ئىشلەيدىغانلىقىنى كۈپىنچە قېرىنداشلېرىمىز بىلىدۇ. بۇ يەردىغۇ خەنزولار يىڭىنى ئالىدىغان باھادا بولسىمۇ مىس ئوراملىق قىلىپ ئورىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
ھازىر بولسا تىخىمۇ ياخشى يېرى ھۈكىمەت مۇشۇنداق شەكىلدىكلى كارخانىلارغا يۈلەش مەبلىغى ئاجىرتىپ بېرىدىغان يېرى. يەنە بىرىگە بۇنداق شەكىلدە كارخانا بولسا يەككە ئىش قىلغانغا ئوخشاش بازارنىڭ كۆزىدىن ئۆي ئىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سەل چەتتىن كۈلىمى چوڭ ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنى ئالسىمۇ بۇلىدۇ. شۇنداق قىلغۇسى بارلارھەر-قايسسى يەرلىك ھۈكىمەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باققىنى ياخشى.

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:32:52

بىلىۋالدۇق .

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:06:17

توغرا تەكلىپ بوپتۇ. مەنمۇ ھازىر بىرسىنى تەربىيەلەۋاتىمەن، نەچچە ئاي ئۆگەنگەندىن كېيىن، توختاملىشىپ، كەم دېگەندە بىر يىل ئىشلەتمەكچى. ئىش ھەققى بەلگىلىگەندە ئىش ھەققىڭىز مانچە پۇل دەپ بېكىتىپ بەرمەي، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى چېكىنى مەلۇم مىقداردا بېكىتىپ، ئاندىن مۇكاپات ئىش ھەققى ياكى ئۈنۈم ئىش ھەققى سۈپىتىدە دۇكاننىڭ ئايلىق ئومۇمىي سودىسىنىڭ (كىرىمىنىڭ) مەلۇم نىسبىتى بويىچە ئايرىپ بېرىشنى توغرا تاپتىم. بۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيان تارتمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. ھەممىگە ئۆزۈم ئىگە، ھەممىنى ئۆزۈم ئالىمەن دەپلا سودا قىلىش ئۇسۇلى ئاقماس يول. باشقىلارغىمۇ ئانچە- مۇنچە نەپ بەرگەندە (يول قويغاندا) ئاندىن ئۆزىمىزگىمۇ قالىدۇ. ھەرقانداق بىر سودىدا ئاچكۆزلۈك قىلىش، كۆزى كىچىكلىك قىلىپ، بۇرنىنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش- ئەڭ ئەخمىقانە چارىنىڭ بىرى.
«ئابلىمىت» ئۇستاز، باشقىلار بىلسىمۇ، ھېس قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە قىلالمايۋاتقانلار، ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتقانلار ئاز ئەمەس. سىز دەل مۇشۇ نوقتىنى ھۈنەرۋەن قېرىنداشلىرىمىزغا يورۇتۇپ بېرىپسىز، كۆپ تەشەككۈر!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:40:02

جام يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 10:06
توغرا تەكلىپ بوپتۇ. مەنمۇ ھازىر بىرسىنى تەربىيەلەۋاتى ...

مەنمۇ شۇ كىيىم تىككۈچىلەرنىڭ ئۇسولىنىلا باشقا كەسىپلەرگە تەدبىقلاشنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ قويدۇم، ئەلۋەتتە بەزى ھۈنەرۋەنلەر ئۇستىراق ، بەزىلېرى سەل يىڭى كىلىدۇ، بۇنىڭدا كىرىم پىرسەنتىنى كىمەيتىپ ياكى قۇشۇپ قىلسا بۇلىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ...
بەت: [1]
: ھۈنەرۋەنلەرگە تەكلىپ