ئۆي ئىچىدىكى غەيرى پۇراقنى يوقاتقىلى بۇلامدۇ
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم.روھلاندىكى بارلىق ئۇستازلار .ئوي ئىچىدىكى غەيرى پۇراقنى بىرا ئاددىي ئۇسۇل بىلەن يوقاتقىلى بۇلامدۇ ..ئوزۇم بىلىدىغان تور بەتلەرنى قىزىۋەتتىم لىكىن بۇ توغرىسىدا بىرە تىيما تاپالمىدىم ..ئېغىر كورمەي ئىنكاس قايتۇرۋەتكەن بولساڭلار ..سىلەردىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان بۇلاتتىم .. ‹‹ يېمەكلىكلىرىمىزدىكى زىيانلىق تەركىبلەر ›› نامىلىق كىتابتا ئۆي ئىچىدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى تەپسىلىي ، ئەمەلىي مېساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن . ‹‹ يېمەكلىكلىرىمىزدىكى زىيانلىق تەركىبلەر ››نامىلىق كىتابنى كۆرۈپ بېقىڭ . دەرىزىنى ئېچىۋەتسىڭىز بولىدۇغۇ؟:lol بۇنى توردىن ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ .ئەڭ ياخشى ئۇسۇل .كۈندە دەرىزىنى 2 سائەت ئەتراپىدا ئېچىپ قۇيۇپ ئۆينى ھاۋالاندۇرۇش .ياخىشى ئۇسۇل . بېسىم بىلەن يوقىتىمەن دىسىڭىز. مىنىڭچە ئاپلىسىن پوستىنى سۇغا سېلىپ بۇلىشىغا قايناتسىڭىز ئەسلىدىكى پۇراقنى بىردەمدە باسىدۇ.. .ھ ھ ۋا قېرىندىشىم، بۇ ھەقتە تور ئارىلاپ كۆزلىرىڭىزمۇ تېلىپ كەتكەندۇ- ھە، جاپا چېكىپسىز :P شۇڭا ئۆزۈم بىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇراي پايدىلىنارسىز:1. غەيرى پۇراق مەنبەسىنى مۇمكىنقەدەر دەرھال يوقۇتۇڭ ياكى تەكرار غەيرى پۇراق چىقىشنى تىزگىنلەڭ؛
2. ئىشىك- دەرىزىنى دائىم قەرەلسىز ئېچىپ تۇرۇڭ (قىش ۋاقتى بولسا، توڭلاپ كەتسىڭىز بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئامال يوق :lol )؛
3. ئۆينىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىگە ئاپلېسىن پوستىنى ئازراق كۆيدۈرۈپ تاشلاپ قويۇڭ؛
4. ئۆيىڭىزگە ھەرخىل گۈللەرنى قانچىلىك كۆپ تىزالىسىڭىز شۇنچە كۆپ تىزىپ، ئۆستۈرۈپ، پەرۋىش قىلىپ تۇرۇڭ؛
5. ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ، ئەتىر ئىشلىتىڭ. كۈندە گىرىم قىلىدىغان ئىككى ئايالبولسىغۇ كۈندە خۇش پۇراق ئۈزۈلمەستى.(چاقچاقھە) ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ كۆلەنگە يوللىغان ۋاقتى2015-2-4 21:54 static/image/common/back.gif
كۈندە گىرىم قىلىدىغان ئىككى ئايالبولسىغۇ كۈندە خۇش پ ...
قىززىقگەپ بوپتۇ
جام يوللىغان ۋاقتى2015-2-4 21:39
ۋا قېرىندىشىم، بۇ ھەقتە تور ئارىلاپ كۆزلىرىڭىزمۇ تېلى ...
شۇنداق راق بۇپ قالغان رەھمەت سىز گە
بەت:
[1]
2