hardam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:18:06

ئۇيغۇرچە تاللا تور تېلۋىزىيەسى توغرىسىدا

ئەسسالام ئەلەيكۇم دوستلار :ئاراڭلاردا مۇشۇ ئۇيغۇرچە تاللا تور تېلۋىزىيەسىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ بولسا تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟
ئەزىزلەر ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم: ئۈيۈمگە سىملىق تور ئورناتقان ئادەتتە ئاتا ئانامغا تور ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى قانداق بەھىرلىنىش توغرىسىدا ئويلىشىپ قېلىپ ئۇيغۇرچە تاللا تور تېلۋىزىيەسى كاللامغا كىلىپ قالدى شۇڭا مۇشۇ توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا تەكلىپ بەرگەن بولساڭلار؟؟؟ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

يەكدىل يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:49:19

مەنمۇ كۆپ ئىزدىدىم يەنىلا نەتىجىسىز،شۇڭا خۇيۈ تورىدىن ئۇيغۇرچە قاناللارنى كۆرىۋاتىمەن،تورداشلارنىڭ ياخشىئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ باقايلى،ياخشى دېتاللار چىقىپ قالار!

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 10:55:21

مەن بۇ جەھەتتە ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنمەن.

tumankut يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:10:50

بۇ تاللا تېلىۋىزىيىسى ھەقىقەتەن ياخشى .پروگىراممىلار ھەقلىق ۋە ھەقسىز دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن . ھەقسىز رايوننىڭ ئۆزىدىلا ئون نەچچە تۈر پروگىراممىلار بولۇپ چوڭلارغا ياشلارغا بالىلارغا بەك ماس كىلىدۇ. تەكلىپىمبۇ يەردە باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپتۇرغىچە غاچچىدە بېرىپ تارتىۋىلىڭ . كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ياخشىلىكىنى ھېس قىلىسىز.

tumankut يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:17:04

نىمىلا بولمىسۇن ئۆزىمىزنىكىنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلايلى. بىزنىڭ ھازىر يېمەك ئىچمەك كارخانىلىرىمىز. كېيىم كىچەك كارخانىلىرىمىز. ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋاپالار كارخنىلىرىمىزنىڭ مەسئۇلاتلىرى بار بولدى. شۇلارنى قوللايلى كۆكلىسۈن.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 11:33:28

توغرا مىللىيكارخانىلارنىپۈتۈنكۈچىمىزبويىچەقوللايلىيەھۇدىلار ئۆزئارا قوللىغاچقاتەرەققىقىلىپكەتتى

ھارۇن يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:30:45

سىز تىلىۋىزىيە قۇتىسى سىتىۋلىڭ 机顶盒ئاندىن قايسى شىركەتنىڭ تورىنى ئورناتقان بۇلسىڭىز شۇ سىركەتنىڭ تور تىلۋىزىيسى كەسپىنى بىجىرسىڭىز بۇلىدۇ،ئايلىقى 10يۈەندىن 18يۈەنگىچە بولىدۇ

ھارۇن يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:39:53

مەنمۇ سىمسىز كەڭ بەلباغلىق تور ئورناتقان كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ يىللقى 680يۈەن،بۇنىڭ ئىچىدىكى 300يۈەننى ھەرئايدا25يۈەندىن تىلفۇنىمغا ئورۇپ بىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تورھەققى 380يۈەن دىگەن گەپ،مەن يەنە تورتىلۋىزىيسى كەسپىنىمۇ قۇشۇپ بىجىردىم،كەسىپ بىجىرىشكە ھەق ئالمايدىكەن ،ئايلىقى 10يۈەن ئىكەن بۇپۇلنى تىلفۇنىمىزدىن تۇتىۋالىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن تور+تىلىۋىزىيە=380+120=500يۈەن بۇلىدىكەن.
ئەسكەرتىش :سىز كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتى بۇلىشىڭىز كىرەك،يەنە سىمسىز تور روتىرىغا 300يۈەن زاكالەت ھەققى،تورتىلۋىزىيسى قۇتىسىغا 100يۈەن زاكالەت ھەققى تۆلەيدىكەنسىز.

پازىل يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 14:38:42

بۇ تاللا تېلىۋىزىيىسىمۇ؟

كۆلەنگە يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 21:02:19

تور تېلۋىزىيەسى دىسىڭىز. . . .uyntv.comچۇ
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرچە تاللا تور تېلۋىزىيەسى توغرىسىدا