arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:19:53

ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسى

ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلارغا نىكاھ ئىشلىرى ئورنىدىن ‹‹ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسى›› يېزىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ،بۇنداق كۆڭۈلسىز ۋاقىتتا ئادەمنىڭ بىرنەرسىلەرنى باغلاشتۇرۇپ يازمىقى ئاسانغا چۈشمەيدۇ ئەلۋەتتە.
تۆۋەندە ‹‹ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسى›› دىن بىر پارچە يوللاندى، لازىم قىلىدىغانلار ساقلاپ قويۇڭلار.لېكىن ئىمكانقەدەر ئاجرىشىدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭ.مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ.
نىكاھتىن ئاجرىشش كىلىشمنامىسى

ئايال تەرەپ: xxx، ئايال، ئۇيغۇر، xxxx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، xx ناھىيە xx بازىرى xxكەنىت x-گۇرۇپ xx-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق.
كىملىك نۇمۇرى: 652924xxxxxxxxx
ئەر تەرەپ: xxx ،ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىشچى، x ناھىيە x بازىرىx ئاھالىلار رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق.
كىملىك نۇمۇرى: 652924xxxxxxxxx
بىز ئىككى تەرەپ xx-يىلى xx-ئاينىڭ x-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان بۇلۇپ بىز ئىككى تەرەپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا پەرزەنتلىك بولمىدۇق. بىزنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتىمىز بىز توي قىلىپ بىريىل ئەتراپىدا نورمال ئۆتتى، شۇنىڭدىن كىيىن بىز ئىككى تەرەپ تۇرمۇشتا كىلىشەلمەي پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق. مۇشۇ سەۋەپلىك بىز ئىككى تەرەپ x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر ئايرىىلپ تۇرۋاتىمىز شۇڭا بىز كىلىشىم ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجرىشىپ كىتش قارارىغا كىلىپ تۆۋەندىكىدەك نىكاھتىن ئاجرىشش كىلىشىمنامسىنى تۈزۈپ چىقتۇق.
1.        بىز ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان بۇلۇپ كىلششتۇق.
2.        بىز ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىمزىدا پەرزەنتىمىز يوق، ئايال تەرەپ ھامىلدار ئەمەس.
3.        بىز ئىككى تەرەپ 35گىرام ئالتۇن جابدۇق،بەش يوتقان،بەش كۆرپە،10دانە ياستۇق،ئۈچ يۇڭ ئەدىيال،ئۈچ پارچە گېلەم،بىر دانە توڭلاتقۇ،بىر دانە كىر ئالغۇ،بىر دانە تېلۋىزۇر،10دانىدىن چىنە.تەخسە،پىيالە،لىگەن ۋە بىر دانە كىيىم ئىشكابى قاتارلىق تويلۇققا ئەكەلگەن نەرسىلەرنى يەنە ئورتاق مۈلۈكتىن 500 (بەش يۈز يۇەن) يۈەن قىممىتىدىكى چىنە-قاچا،قازان-قۇمۇچ قاتارلىقلارنى ئايال تەرەپ ئالىدىغانغا ،ئورتاق مۈلۈكتىن گاز ئوچاق بىلەن ئوچاق جازىسىنى ئەر تەرەپ ئالىدىغانغا كىلىشتۇق.
4.        مەزكۇر كىلىشىم بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ئاساسىەن تۈزۈلگەن بۇلۇپ بىز ئىككى تەرەپ ئىمزا قۇيۇپ بارماق باسقانىدىن كىيىن قانۇنى كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. ئاڭلىق رىئايە قىلىمىز ۋە ئىجرا قىلىمىز.

ئايال تەرەپ:

ئەر تەرەپ:

xxxx-يىلىxx -ئاينىڭxx-كۈنى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:55:20

ئاجىرشىدىغانلارئۈچۈن تەييارلا ماتىرياللاركەنغۇ؟;P

jiuxing يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:32:17

ئورتاق مۈلۈكنى قانداق ئارىشىدۇ يەنىمۇ تەپسىلىرەك يازماپسىزغۇ...پايدا چىقىدىغاندەك بولسا بىزمۇ سىناپ باقامىز....

alxir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:54:58

مەن توي قىلالماي ئاۋارە;P

سادا0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:35:18

ۋاھ   ۋاھ   ۋاھ   قالتىس تېمابوپتۇ...

purset يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 00:53:22

نوچىراق قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى بولسا يوللاڭلا،تاپقان قىزلار توي قىلىۋېلىپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى،ھې ھې

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 01:19:24

تاپقاننى بوش تۇتسىڭىز توي قىلىۋالىدۇ شۇ،پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماڭ ھە.

ئوغلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 14:00:03

purset يوللىغان ۋاقتى2015-2-4 00:53
نوچىراق قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى بولسا يوللاڭلا،تاپقان ق ...

قىز كەلتۈرۈش كېلىشىمى دىگەن ئەسەرنى تاپقان قىز دوستىڭىز بىلەن بىللە ئاڭلەپ باقسىڭىز بولامۇ يە؟ ھې ھې

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 21:24:12

بۇ قارىغاندا بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق تېما بوپتۇغۇ، بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن (ئەمما سىز ھەرگىز «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا» دېگەن گەپنى باش- ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق كوچا پاراڭلىرىغا ئوخشىتىپ قالماڭ، بۇ ئەمەلىيەت بولۇشى مۇمكىن). شۇڭا دەيمەن.:@

مۇزات0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:50:52

جام يوللىغان ۋاقتى2015-2-4 21:24 static/image/common/back.gif
بۇ قارىغاندا بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق تېم ...

ئۇنداقمۇئ‍ەمەستۇ ؟؟؟
بەت: [1] 2
: ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسى