تىلگىرافنىڭ چوڭراق تىجارەت زالىدا ئىشلەيدىغان دوسلاردىن مەسلەھە...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ھۆرمەتلىك روھلانداشلار .سىلەرگە مۇنداق بىر .ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى .ياردىمىڭلانى ئايىماسلىغىڭلارنى سورايمەن،مەن 2014 -يىلى 6-ئايدا ئۈيۈمگە كەڭ بەلۋاغ تورى ئورناتقان ،ئۇلار 89 يۈۋەنلىك تاۋسەن يىللىقىنى 900 يۈۋەن تۆلەيسىز قالغىنىنى شىركەتتىن كۆتۈرىدۇ دەپ بېجىرىپ بەرگەن .ھالا ..بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇ 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يان تېلفۇنۇم قەرىز چىقىشقا باشلىدى تىجارەت زالىغا بارسام پۇللۇق بىر كەسىپنى بېجىرىپ قاپسىز دەپ 10000 غا تېلفۇن قىلىپ ئەتكۈزۈشنى ئېيتتى ،مەن 10000 غا تېلفۇن قىلسام ئتىۋەتتىم 2-ئايدىن باشلاپ پۇل تۇتمايدۇ دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتى .بۈگۈن ئەتىگەن سۈرۈشتۇرسەم 19 يۈۋەن قەرەز ،دەيدۇ...يۇ مەخسۇس قالدۇق سوممىڭىز 293 يۈۋەن سوغا قىلىنغان قادۇق سوممىڭىز 590 يۈۋەن دەيدۇ لىكىن تېلفۇننىڭ نىمە سەۋەپتىن قەرىز بۇلىۋاتقىننى چۈشەنمىدىم مۇشۇ 10 كۈن ئچىدە مەن 100 يۈۋەن قاچىلاپ بولدۇم مەن تىجارەت زالىغا بارسام پۇلىڭىز بار قالغىنىنى 10000 دىن سوراڭ دەيدۇ مەن ئەتىگەندىن بىرى 10000 غا تېلفۇن قىلىپ ئادەم مۇلازىمىتىگە ئۇلىيىلماي بەك جىلە بوپ كەتتىم شۇڭا تىلگىراف شىركىتىدە ئشلەيدىغان دوسلارنىڭ18096931440 مۇشۇ نۇمۇرنى تەكشۈرۈپ ماڭا بىر مەسلەھەت بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .بۇ مىنىڭ ئقتىسادىمغا زىيان سالغاچقا كۆپچىلىكنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇمەن ،ياكى تورنى ئەتكۈزۋېتىپ سىلەر بىلەن نەچچە ئاي كۈرىشەلمەسلىگىم مۇمكىنمەن بىر سەھرالىق بولغاچقا .ھازىر سەل يامانلىق چاغ بوپ قالدى ، 10000 دىن كەلگەن ئۇچۇر ماناhttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/dd195af7/http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/dd195af7/ Hiyalparas يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 00:10مەن بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى دەپ بېرەي، بەلكىم سىزنىڭ ...
مەنمۇ دەل سىز ئۇچرىغان ئەھۋالغا ئۇدا يېرىم يىلچە ئۇچرىغان ئىدىم، كىرىپ ئەھۋال ئېيتسام ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ، ئۇلار قۇرۇق گەپ قىلىپ ھارمىدى، مەن ھەر ئايدا 30-40 يۈەندىن تۆلەپ ھارمىدىم، ئاخىرى بولماي، ئىش بېجىرىدىغان مىراخورنىڭ ياقىسىدىن ئالاي دەپ پەيلىمنى تازا بىر بۇزۇپ، شۇنىڭغا ياندىشىپ توختىماستىن 10000 غا ئەرز قىلىپىتىكەنمەن، بۇ ئىشلار ئوڭشىلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ يېقىندىن بىرى كۆپقۇ ئەمەس، تۇرۇپ- تۇرۇپلا شۇ «ھۈنەر» نى يەنە تېپىۋالدى بۇلار. كېلەر ئايدا يىللىق كۆتۈرە ھەققى ئاخىرلىشىدۇ، قايتىدىن پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا، تازا بىر تەپسىلىي، ئىنچكىلەپ سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزۈشكەن توختامغا ئېنىق يازدۇرۇپ، چۈشىنىپ ئاندىن پۇل تاپشۇرارمەن. توختامدىن سىرت يەنە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە، ئىلگىرىكى ئارتۇق تۆلىگەن پۇللىرىمنىڭ تالۇن- ئىسپاتلىرىغا ئاساسەن، ئۇ خۇمپەرلەرنىڭ ئانا- مانىسىنى تازا بىر كۆرسىتىپ، قانۇننىڭ نېمىلىكىنى، توختامغا خىلاپلىق قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويارمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن.
شۇڭا، مۇشۇلارغا ئاساسەن، ھۆرمەتلىك «جوردان» ئەپەندى، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق، قانۇنلۇق يول ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىڭىزنى قوغداپ كۆرۈڭ (ماڭا ئوخشاش كۆكەمىلىك قىلماڭ ئەمما :lol ). باشقۇرغۇچى ئۇستازلار مىنىڭ تىمام بۇ مۇنبەردىن چەتنەپ كەتكەن بولسىمۇ رەنجىمەي تەستەقلاپ قويساڭلار . مەن بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى دەپ بېرەي، بەلكىم سىزنىڭمۇ مېنىڭكىدەك بولۇپ قالغان بولسا كېرەك. مەن 2012-يىلى تور ئورناتقۇزغاندا، مېنىڭ ئائىلەمE9نىڭ 99 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بىجىرگەن. ۋە يىللىق ھەققىگە 1200 يۈەن تۆلىگەن. ئەمما ئۇدا تۆت ئايغىچە مەنمۇ خاتىرجەم تور ئىشلىتەلمىدىم. ھەر ئاينىڭ ئونىغا يېقىن توختاپ قالدۇ، سۈرۈشتۈرسەم 30 سومدىن ئۇشۇق قەرىز، ھېساباتتا بىر مۇنچە پۇل، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئايغىچە سەۋەبىنى بىلەلمەي، مۇلازىمەت زالىغا بارسام ھەر ئايدا ئاپتۇماتىك تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلدىن ئېشىپ كەتكىنىنى ئۆزۈڭ تۆلەيسەن دەيدۇ، ئادەمگە قارايدىغان تەلەت يوق ئۇ خەقتە، شۇنىڭ بىلەن بوپتۇ ئېتىشىپ قالماي دەپ نەچچە ئايغىچە تۆلىدىم. ئەمما، نەتىجە ئوخشاش، ئاخىرى ئاچچىقىم كېلىپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن تېلفۇنىست مۇلازىمىتىدىن ياتدەم سورىدىم. ئەمما، ئۇ خەقمۇ مەسىلىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۆزۈم ھېساباتلارنى تور تىجارەت زالىدىن تەكشۈردۈم. تور تىجارەت زالىدە ھەر ئايلىق تەپسىلىي ھېسابات تالۇنى چىقىرىپ قويۇلدىكەن. قارىسام كاساپەتلەر ئاپتۇماتىك سېستىما چىقىم قىلدىغان سوممىسى ئاران 67 يۈەن ئىكەن. دېمەك كەم دېگەندە ئۈستىدىكى 32 يۈەننى مەن تۆلىشىم كېرەككەن. شۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ ھېسابات تالۇنىنى ئاچقۇزۇپ كۆرسەتسەم، بىزدىكى مەسىلىكەن دەپ چىقىم قىلىش سوممىسىنى 99 يۈەنگە ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ باش قىتىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇم. ئاخىردا ئارتۇق تۆلىگەن يۈز نەچچە يۈەنگە توختامدىكى مۇددەتتىن بىر ئاي ئوزۇن ئىشلەتتىم. qqگە 10000نى قوشىۋېلىپ شۇلارغا ئەرىز قىلسىڭىز تىزراق ھەل بولىدىكەن،شۇلارغا ئەرىز قىلسىڭىز ناھىيلىك تېلگىراف ئىدارىلىرىمۇ سىزگە ئۆزلىرى تېلفۇن قىلىپ ئەڭ تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى بۈلدۈردىكەن. تىجارەت زالىدا ئىشلەيدىغان قېرىنداشلار يوقمىدۇ بۇ تېلگىراف شىركىتىنىڭ ئابونۇتلارنى رازى قىلىش نىسپىتى بەك توۋەن، كىملا بۇلسا قاقشاپلا يۇرگەن
مۇشۇ تىلگىرافنىڭ لالمىلىرى بەك ئاچچقىمنى كەلتۈرىدۇ ،پەقەت ئادەم مۇلازىمىتى ئالمايدۇ تەكشۈرۈپ بىرىدىغانلار يوقمۇ مەن خەنزۇچىنى بىلمەيمەن بىر ياردەم قىلساڭلار ، ئىككىمىزنىڭ ئەھۋالى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن