ئۈمۈد2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 14:05:29

(ياردەم) «قوش تىل مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9، 12- سانلىرى لازىم ئىدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن مەكىت ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ماڭا «قوش تىل مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9- ۋە 12- سانلىرى لازىم بولۇپ قالدى. سەۋەبى ئىچىدە ئۈنۋان ئېلىشتا لازىم قىلىدىغان ماقالە بار ئىدى. مەن 2015-يىللىق سانلىرىغا مۇشتىرى بولدۇم. مەن تەھرىر بۆلۈمىدىكى تەھرىر ۋە ژۇرنال تارقاتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشتىم. تولىمۇ ئەپسۇس مەن كېچىكىپ ئالاقىلىشىپتىمەن. ئەسلىدە ئۇلار يىل ئاتلىغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ژۇرنىلىدىن يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر نەچچە نۇسخا ساقلاپ قويۇپ، باشقىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىكەن. ساقلاپ قالغىنىنى ماڭا بېرەلمەيدىكەن. ئەمما ژۇرنال بەش مىڭ نۇسخا چىقىدىكەن. مەن قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سۇرىسام، ئېنىق ئورنىنى ئۇلارمۇ دەپ بېرەلمىدى. قەشقەردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە شەخسىي كىتابخانىلاردىن مەن بىلىدىغانلارغا باردىم، ئەمما ھەممىسىدە يوق ئىكەن. ژۇرنالنىڭ باھاسى 12 يۇەن ئىدى. مەن 50 يۈەن بولسىمۇ ئالاتتىم، بىراق تاپالمىدىم. تەھرىرلەر ماڭا ژۇرنالنى ئاقسۇدىن ئىزدىشىمگە، بولسا مائارىپ ئىدارىسىدىكى تونۇش-بىلىشلەردىن سۈرۈشتە قىلىشنى ئېيىتتى. چۈنكى ئاقسۇدىن مۇشتىرى بولغانلار سانى باشقا جايلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەن. روھلاننىڭ قۇرغۇچىسى ئادىلجان ئاقسۇلۇق بولغانلىقى ھەم بۇ تورنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئىچىدە ئاقسۇلۇق قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ماڭا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىم بولسا، مەيلى قەيەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. شۇڭا، قوش تىل مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9- ۋە 12- سانلىرى بار قېرىنداشلىرىم بولسا ياكى بار يېرىنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلىپ ئۇچۇرىنى بەرگەن بولسا دېگەن ئۈمىتتىمەن. ناۋادا تېز يوللانمىدىن سېلىپ بەرسە ھەققىنى مەن تۆلەپ ئېلىۋالىمەن. كىتابخانا ئاچىدىغان قېرىنداشلاردا بولسا مەن كارتىسىغا ياكى تېلېفون نومۇرىغا 50 يۈەن ئۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ قەشقەر تەۋەلىكىدىن ھەم تەھرىر بۆلۈمىدىن تېپىشقا كۈزۈم يەتمىدى. مۇشۇ ژۇرنالغا يېزىلغان قېرىنداشلار بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرنىمۇ ياردەمسىز قويماس ئىنشائاللاھ.
ئۈمۈد:   15199345681
باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي بۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويغان بولساڭلار. رەھمەت.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:29:34

ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن ئىزدەپ بېقىڭ .
تور ئادرېسى : http://izdinix.taobao.com

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:34:22

پۈتۈن جاھانغا ئاڭلىنىدىغان بۇ سادايىڭىز مېنىڭچە، چوقۇم سىز سۆيۈنگۈدەك جاۋاب ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:34:48

ھېلىقى خەنزۇچە ماقالە كۆپ ساننى ئېگەللەيدىغان ژورنال شۇ ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ ژورنالنى مەكتەپلەرگە مەجبۇرى تارقىتىپ يۈرەتتى، ئەمما ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، مەن جۈمە كۈنى مەكتەپكە بارغاندا ئىزدەپ باقاي، ئەگەر بەك جىددى دەپ قارىسىڭىز ھەپتە ئارلىقىدا بېرىپ باقساممۇ بولىدۇ (مەكتەپكە بېرىپ كېلىشنىڭ كىراسىنى سىز چىقىرىسىز :lol)

كەزگۇ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:40:32

مەن كورلىدىن ئەتە كىتاپخانىىغا بارماكچى ئىدىم ئىزدەپ باقاي    ئىز -دېرىكىنى قىلالىسام   ئىنكاس يازاي

ئۈمۈد2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:51:36

ئادىلجان رەھمەت سىزگە، سىز دېگەندەك 80 بەتلىك ژۇرنالنىڭ 40 بېتى ئۇيغۇرچە، 40 بېتى خەنزۇچە چىقىدۇ. لېكىن قەشقەر تەرەپتە شىنجاڭ مائارىپىغا مەجبۇر مۇشتىرى قىلىدۇ، قوش تىل مۇنبىرىگە ئۇنداق ئەمەس، بۇ تەرەپتىن تاپماق بەسىي مۈشكۈل ئىكەن. ژۇرنالنى خاپا بولماي سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز، تەتىلدىن يىغىلغاندا بولسىمۇ بولىدۇ. ئاقسۇ ياكى كورلىنىڭ كىتابخانىسىدا بولسىمۇ خەۋىرىنى بېرىۋەتكەن بولساڭلار. بۇ تېمىنى پەقەت ئامالسىزلىقتا يازدىم. ناۋادا مەن بىرەر قېرىندىشىمنىڭ ياردىمى بىلەن ژۇرنالغا ئىگە بولسام، مۇشۇ تور يۈزىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تېلېفون نومۇرۇمنى قالدۇردۇم، ئۇرۇپ قۇيۇۋاتسەڭلار، ياكى ئۇچۇر قىلساڭلار ئۈزۈم قايتۇرىمەن.

ھېكىم يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 21:40:16

10كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئاقسۇدا كومپىيوتېر تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقان ۋاقىتىمدا ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدا سىز دىگەن ئاشۇ قوش تىل مۇنبىرىنىڭ 2014-يىللىق بىر قانچە سانلىرىنىكۆرگەن ئىدىم، (بىر ئاغىنەم ئاشۇ ژورنالدا ماقالە چىقىرىپىتىكەن، شۇ ئاغىنەم بىلەن بىللە كىرگەنلىك سەۋەپتىن )سىز دىگەن سانلىرىمۇ باردەك قىلاتتى، ئەمما ھازىر ناھىيمىزگە قايتىپ كەپ بولدۇم، ئاقسۇ شەھرىگە بېرىشقا 200كىلومىتىر يولنى بېسىپ بارالمايمەن، ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن بەلكىم سىزگە ياردەم قىلىدىغان بىرەر قېرىندىشىمىز چىقىپ قالار....ھە!

ئۈمۈد2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 01:56:41

ئاقسۇ شەھرىدە كىتاب ساتىدىغان شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرى بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار، ماڭا ژۇرنالنى ئەۋەتىپ بېرەلىسە، مەن ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئىككى يۈز يۈەنلىك كىتاب ئالاتتىم.
تېلېفون:    15199345681

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 11:59:48

مەن بۇنداق ژورنالنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
بەت: [1]
: (ياردەم) «قوش تىل مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9، 12- سانلىرى لازىم ئىدى