مەن كىم؟ ‹ئەڭ سۈزۈك نۇسقىسى› نادىر فىلىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار شۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن،http://v.youku.com/v_show/id_XNjYxMTM0NTAw.html?from=y1.2-1-96.3.1-1.1-1-1-0
بۈگۈن ھەر قايسى دوسلارنىڭ سەمىگە چىڭلوڭ رول ئالغاننادىر فىلىم <مەن كىم؟> نى ئىلىپ كەلدىم.
بۇ فىلىم 1998-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ شۇ يىللاردا ھەتتاكى ھازىرمۇ بۇ فىلىمنىڭ داڭقى تىخى يوقىغىنى يوق،
بۇ چىڭلوڭنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ھەركەتلىك فىلىمىنىڭ بىرسى بولۇپ چىڭلوڭنىڭ فىلىمدىكى خەتەرلىك ھەركەتلىرى قاتارلىق ھالقىلىق ئامىللار
كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلىپ تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
ھەم خىلى ۋاقىتقىچە كۆرلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى فىلىم بولۇپ قالغان.
فىلىم ۋەقەلىكى مۇنداق:
جەنۇبى ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر كاندىن ئىنىرگىيە قۇۋۋىتى غايەت زور بولغان بىر جىسىم بايقىلىدۇ، بۇ نەتىجىگە ئامرىكا ھەربى قىسىمدىكى
بەزى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ كۆزى چۈشىدۇ ۋە داڭلىق ئالىملارنى تۇتقۇن قىلىپ تەجىربىخانىغا ئىلىپ كەتمەكچى بولىدۇ،
ئامرىكا ئالاھىدە ھەركەت قىسمىبۇ ئالىملارنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ جەنۇبى ئافرىقىغا بارىدۇ ۋە ئالىملارنى قۇتقۇزىدۇ لىكىن ئىچكى قىسىمدىكى
قومانداننىڭ خائىنلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن ھەركەتكە قاتناشقان ئالاھىدە قىسىم ئەسكەلىرى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچراپ باش رولچى بولغان چىڭلۇڭدىن
باشقا ھەممىسى قازا قىلىدۇ،
ئامرىكا ھەربى قىسمىدىكى ئەمەلدارلار ئىشنى پاك-پاكىزە تۈگەتتۇق دەپ ئويلايدۇ، لىكىن ئويلىمىغان يەردىنئالاھىدە ھىركەت قىسمىنىڭ ئەزاسى
بولغان مەن كىم <چىڭلوڭ> شۇ يەردىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قۇتقۇزۋىلىشى ئاستىدا ھايات قالىدۇ لىكىن ئۇنىڭ خاتىرسى يۇيلۇپ كىتىپ ئۆزىنىڭ
بارلىق كەچۈرمىشلىرىنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يەرلەرگە قاتنايدۇ ئويلىمىغان يەردىن
ئامرىكا ھەربى قىسمىنىڭ ئەزالىرى ئۇنى بايقاپ قالىدۇ ۋە قوماندانىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ، قوماندان دەرھال ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردۇ
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىر كۈنىمۇ خاتىرجەم ئۆتمەيدۇ، ئاخىردا دوسلىرنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ خاتىرسى ئەسلىگە كىلىدۇ ۋە خائىنلارنى پاش قىلىش جىڭىگە
ئاتلىنىدۇ ۋە خائىنلارنىڭ بىرمۇ-بىر قاجىسىنى بىرىدۇ.
فىلىم جەريانى ئىنتايىن جىددى ھەركەتلىك بولۇپ كۆرگۈچى زىرىكىشلىك ھىس قىلمايدۇ.
يۇقارقى فىلىم ھەققىدە ئىيتىلغانلىرى مىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىنكى تەسراتىم، مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولسا ئەپۇ قىلاسىلەر
فىلىم كومپىيۇتىردا قويۇلمىسا يانفۇندا قويىلىدىكەن، بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادىرسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XNj ... -1-96.3.1-1.1-1-1-0 ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 18:39
جام ئەپەندى، سىز بىرەر تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئازراق ئ ...
ھۆرمەتلىك «ئادىل» ئاتامان، بۇ مىنى تېمىلارغا ئۇزۇن ئىنكاس يازىدۇ دەپ مازاق قىلغىنىڭىزمۇ ياكى ئورۇنلۇق ئىنكاس يازىدۇ دەپ ماختىغىنىڭىزمۇ :P
مەنغۇ ئادەتتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيمەن، بولۇپمۇ مۇشۇ بىرقانچە يىللاردىن بويان ئائىلە ۋە شوغۇللىنىۋاتقان كەسپىمنىڭ باش قېتىمچىلىقىدا تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ مۇمكىنقەدەر ئۆگىنىشكە ۋاقىت ئاجرىتىپ يۈرۋاتىمەن. ئەپسۇس، كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكىلى كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ ئەمما تور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشقىنىمغا ئانچە ئۇزاق ۋاقىت بولمىدى. كۈنبويى ئالدىراش يۈرگۈنلىرىمدە كۆپىنچە مۇشۇ مۇنبەرنىلا كۆرۈپ ھەم ئازدۇر- كۆپتۇر بىلگەنلىرىم، ئويلىغانلىرىمنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ يۈردۈم. نۇرغۇن يىللار بۇرۇن ئۆزۈم يېزىقچىلىققا ئالاھىدە قىزىققانلىقىم ھەم بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرىيال كۆرۈپ، كۆپ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئىزدەنگەنلىكىم، مەشىق قىلغانلىقىم سەۋەبلىك مىنىڭ تىل ئىشلىتىش- يېزىقچىلىق جەھەتتىكى سەۋىيەم ئۆسكەن بولسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىن بەزىبىر تېما- ئىنكاسلىرىم سىز ھەم كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە بەزى ھاللاردا شۇنداق قاملاشتۇرۇپ يېزىلغان ھالەتتە بىلىنىشى مۇمكىن. ھەتتاكى مۇشۇنداق سەۋەبتىنمىكىن، مۇنبەردىكى «خىرىستال» خانىم كيۇ-كيۇ ھەم تېلېفوندا ماڭا «مۇشۇنداق تىل ئىشلىتىشتىكى ‹ماھىرلىقىڭىز ھەم بىلىمىڭىز› بىلەن بىر نەرسە يازماي يۈرگىنىڭىزگە ھەيرانمەن» دەپمۇ كەتتى. ئەمما، مەن ئۆزۈمنى بۇنداق قارىمايمەن. شۇڭا مەندە ئەمەلىيەتتە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق. بىر قىسىم تېما- ئىنكاسلارنى يازماقچى بولسام شۇنداق كۆپ ئويلىنىپ كېتىمەن، قايتا- قايتا، قايتا- قايتا، قايتا- قايتا تۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ دېگۈدەك ئاندىن يوللايمەن. شۇنداقتىمۇ يەنە يېزىپ بولۇپ، ئۆزۈمچە بىر يەرلىرى كەمدەك تويۇلۇپ قالامدۇ- قانداق، مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن ئىنكاسلار يوللىنىپ كېتىدىكەن :lolشۇنداقتىمۇ بۇ ھەقتە ئۆزۈمنى ئازراق ماختاپمۇ قوياي، ئادەتتە مەن بىر نەرسىلەرنى يازمىسام ياخشى، بىراق يازىمەن دەپ قولۇمغا قەلەمنى ئالسام (بۈگۈنكى كۈندە كونۇپكىغا قولۇمنى بىر قويسام) ئادەتتە ئويلىمىغان ئويلار كاللامدىن كەتمەيدۇ، يازغانچە يازغۇم، ئوي- پىكىرلىرىم ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىلەردەك يامراشقا باشلايدۇ. مۇشۇ ئادىتىمدىن ئۆزۈممۇ بەزىدە ھەيرانلىق ھېس قىلىپ قالىمەن، ھەم بەزىدە بۇنىڭدىن ئۆزۈمچە زوقلىنىپمۇ قالىمەن، بولۇپمۇ يازمىلىرىمنى كۆرۈپ، مەمنۇن بولغان ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ- ماختاشلىرىغا ئېرىشكەن چاغلىرىمدا :P مەن تالانتلىق ئارتېست چىڭ لوڭنى بىلگىلى ئانچە كۆپ ۋاقىتلار بولمىدى، شۇندىن بىرى ۋاقىت چىقىرالىسام ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرۈدىغان بولدۇم. چۈنكى، ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئۇ ب د ت نىڭ خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەير- ساخاۋەتچىنىڭ بىرسى. چىڭ لوڭ ھازىرغىچە جاپالىق فىلىم ئىشلەپ- رول ئېلىپ يۈرۈپ تاپقان نۇرغۇنلىغان پۇللىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان- مىليونلىغان نامرات ئاھالىلەرگە، ئۇلارنىڭ سەھىيە- داۋالىنىش، مائارىپ ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان. كۆپچىلىكنىڭ ھېلىھەم يادىدا بولسا كېرەك، بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئۇ ئاقسۇ رايونىمىزغىمۇ كېلىپ، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى ۋە باشقا رايونلىرىدا خەير- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىدە بولغان ئىدى.
چىڭ لوڭ رول ئالغان بۇ فىلىمنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت، قېنى مەنمۇ چۈشۈرۋالاي :P جام يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 17:22
مەن تالانتلىق ئارتېست چىڭ لوڭنى بىلگىلى ئانچە كۆپ ۋاقى ...
تۈزۈت قىلماڭ:handshake جام ئەپەندى، سىز بىرەر تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئازراق ئىنكاس يازغان ۋاقتىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟ //mobcent//app/data/phiz/default/46.png
مەن سىزنىڭ ھەر بىر ئىنكاسىڭىزدىن بىر يېڭى نەرسىگە ئېگە بولىمەن، شۇڭا باشقىلارنىڭ تېمىسىنى كۆرۈشكە ئامراق بولسام سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇشقا ئامراق.
ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 18:39
جام ئەپەندى، سىز بىرەر تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئازراق ئ ...
بوشلىقىڭىز جىق ئەنسىرمەيسىزدە :lol مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . سۈزۈكى يوقما چۈشۈرۈپ كۆرگىلى:lol
يوۋكۇدىكى فىلىمنى ئەڭ سۈزۈك دەپ:P ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 18:39
جام ئەپەندى، سىز بىرەر تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئازراق ئ ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇمئادىل ئەپەندىم ،مەن يىڭى ئەزا ھەم يانفۇندا تورغا چىققاچقا تىما يوللىيالمىدىم ،مەنتوردىن ماتىرىيال ئىزدەۋېتىپ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل نى بايقىدىم :بىز ئادەتتە توردىن ماتىرىيال يەنى دىتال ،دەرسىلىك ،ياكى كىنو -فىلىم ئىزدەيىمىز ،شۇڭا بىز www.pansoso.comچىقىپ ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۇزسەك ساقلانغان تور دىسكىلارنى كۆرسىتىپ ئاندىن بىز ساقلاۋالساقلا بولدىكەن ،بەيدۇ،خۇاۋې،115،360،قاتارلىق دسكىلارنى كۆرسىتىپ بىردۇ ياكى بىز مەلۇم بىرلا دىسكىنى كۆرستىپ بەرسەكمۇ بولدىكەن
ئادىلكا سىز پايدىلىق مەزمۇن دىسىڭىز ئايىرىم تىما قىلىپ يولىسڭىزمۇرەھمەت alxir يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 22:14
سۈزۈكى يوقما چۈشۈرۈپ كۆرگىلى
يوۋكۇدىكى فىلىمنى ئەڭ...
ئىشەنمىسىڭىز ئاستىدىكى ئادىرىسنى ئىچىپ فىلىمنى كۆرۈپ بىقىڭ ھەم بىرىلگەن باھا ئىنكاسلارنى ئوقۇپ بىقىڭ
بۇ فىلىمنى يوۋكۇدىكى ئەڭ سۈزۈك فىلىممىكىن دەيمەن تىخى:lol
بەت:
[1]
2