ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:42:40

سىنوسلۇق مەنبە ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى

   كۈپىنچە دوسىتلار تەتۈر ئۆزگەرتكۈچلەرنىڭ ئىمپىلوسلۇق مەنبە چىقىرىدىغانلېرىنىڭ توك يۇلىنى كۆرگەن بولسىمۇ سىنوسلۇق ئۆلچەملىك توك مەنبە ھاسىل قىلىش پىرىنسىپلېرىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، چۇنكى ئۇمومەن يەككە ئۈزەك ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولغاچقا مۇناسىپ ماتىريال تىپىشمۇ تەسرەك. يەككە ئۈزەك مەن بۇرۇنلاردا تىلغا ئالغاندەك كۆپ ئىقتىدارلىق بىر تېخنىكا يۇشۇرىدىغان قۇرال ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مەن مەكتەپلەردە ئىلىكتىر كەسىپلېرىدە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ۋە يىڭى ئۈگەنچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بۇرۇن يازغان تىمىلېرىمدا چالا قالغان قىسىملېرىنى تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇلارنى مۇشۇ كەسىپلەردىكى ھەممە ئادەم ئۆزى بىۋاستە ھىس قىلىپ باقاي دىگەن ھالەتتىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن ئاددى ئىسخىما يوق ھەم بىۋاستە تگجىربە قىلىمەن دىسە يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ھەر دانىسى 2-3 يۈز مىڭ يۈەنگە كىلىدىغان دۇلقۇن كۆرسەتكۈچلەرنى تەييارلاش ئاسان ئەمەس. مەنمۇ قۇياش ئىنىرگىيە شىركىتىدە ئىشلىگەن چاغدىن باشقا يەردە تىخى ئۇنچە ئىسىل دۇلقۇن كۆرسەتكۈچنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە تۈۋەنرەك چاستوتىلىق قىلىپ سىنىسا ئادەتتىكى دۇلقۇن كۆرسەتكۈچلەردىمۇ ئەينەن كۆرگىلى بۇلىدۇ.
چىقىرىدىغان تۇكى ئىمپىلوسلۇق بولسۇن ياكى سىنوسلۇق مەنبەدە بولسۇن ئالدى بىلەن يۇقىرىراق بىسىمدا ھاسىل قىلىنغان ھەرە چىشى سىگنال ھاسىل قىلىنىدۇ، ئىمپىلوسلۇق مەنبەدە چىقىرىش تۇكىنىڭ چاستوتىسى قانچە بولسا ھەرە چىشى سىگنالنىڭ چاستوتىسىمۇ شۇنچە بۇلىدۇ، ئەمما سىنوسلۇق مەنبەدە بولسا ھەرە چىشى سىگنالنىڭ چاستوتىسى 10-20كىلوگىرتىسقىچە بۇلىدۇ ھەم تولدۇرغۇچى ئىمپىلوس توك چاستوتىسىمۇ شۇ ھەرە چىشى سىگنال چاستوتىسىغا تەڭ بۇلىدۇ، چىقىرىش توكىنىڭ چاستوتىسىنى سىنوسلۇق سىگنالنىڭ چاستوتىسى بەلگىلەيدۇ.

بىز يېرىم ئۈتكۈزگۈچتە سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياسىماقچى بولساق ئاددىراق قىلىپ ب خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچتەك ئىككى ئۇچلۇق تىرانسىفورماتور ئىشلەتسەك ئاددىراق بۇلىدۇ. ئالدى بىلەن ھاسىل بولغان سىنوسلۇق سىگنالنىڭ ئۇتتۇرا قىسمىدىن ئۈستىنكى قىسمىنى ئايرىم توك يۇلى ئىشلىتىپ ئاستىنقى قىسمى بىلەن پۈتۈنلەي ئۇخشايدىغان قىلىپ يەنە بىر يولنىڭ سىگنالى قىلىپ ئىشلىتىمىز.

بۇنىڭغاlm324ئىشلەتسەك ئادەتتىكى 50گىرتىسلىق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچكە بولغان ھالەتتىمۇ سىنوسلۇقى ئىچىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىمپىلوس سىگنالنى ھاسىل قىلىشقا ماس كەلمەي قالىدۇ. شۇڭا سۈرئىتى يۇقىرىراق بولغان lm393 نى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. سىنوسلۇق سىگنالنى lm393نىڭ پىلوس مەنبەلىك كۈچەيتىش بىشىغا، ھەرە چىشى سىگنالنى مىنوس مەنبەلىك كۈچەيتىش بىشىغا ماس قارشىلىق بىلەن ئاجىزلىتىپ بەرگىنىمىزدە lm393نىڭ قۇۋۋەت چىقىش ئۇچىدا ھەقىقى PWM
سىگنال ھاسىل بۇلىدۇ، شۇ ئىسىمىزدە بولسۇنكى مۇشۇنداق توك يۇلىدىن ئىككىنى ئىشلەتكەن چىغىمىزدا ئاندىن سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچنىڭ بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان ئۈستىنكى يېرىم دەۋىر ۋە ئاستىنقى يېرىم دەۋىر سىگنالى ھاسىل بۇلۇپ بولغان بۇلىدۇ. ەنى ئۈستىدىكى ھەركەتچان رەسىمدىكىدەك توك يۇلى ئارقىلىق ئاستىنقى يېرىم دەۋىر سىنوس سىگنالنىمۇ 12 ۋولىتلىق مەنەگە ئوڭ يېرىم دەۋىر قىلىپ ئۆزگەرتىپ يەنە بىر يېرىم دەۋىر ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.

دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بولسا سىنوس سىگنالنىڭ توك مەنبە بىسىمى ئىككى پىلوس-مىنوس 9 ۋولىت، ھەم سىگنال بىسىمى سىنوسلۇق سىگنالدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بۇلۇپ، ھەرە چىشى سىگنالنىڭ توك مەنبەسى 18 ۋولىت بۇلىدۇ ، چىقىرىش توك بىسىمىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەرە چىشى سىگنال ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان ھالەتتە توك مەنبەسى يۇقىرى سۈرئەتتە يۇقىرى-تۈۋەن يۈتكىلەلەيدۇ. ئەلۋەتتە توك مانبەدىن بىۋاستە يۈتكەيدىغان قىلساق قۇرۇلما بەك مۇرەككەپلىشىپ كىتىدۇ، ئەمما ھەرە چىشى سىگنال ھاسىل قىلغۇچتىن چىققان سىگنالنى ئايرىم ئىككى كۈچەيتكۈچتە كۈچەيتىدىغان قىلىپ(ئوڭ يېرىم دەۋىر ۋە سول يېرىم دەۋىر PWM دۇلقۇنى ئۈچۈن ھەرە چىشى سىگنالمۇ پۈتۈنلەي قەدەمداش ئىككى سىگنال بۇلىدۇ)، شۇ سىگنال كۈچەيتكۈچنىڭ توك مەنبە بىسىمىنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلساقلا بۇ مەسلىمۇ ھەل بۇلىدۇ. مەن 2007-يىللېرى ھەرە چىشى سىگنالنىڭ چاستوتىسى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا بىسىمىنى يۇقىرى-تۈۋەن ئۆزگەرتىپ lm358 ئارقىلىق سىناپ باققان ئىدىم. ھەرە چىشى سىگنالنىlm358نىڭ بىر بۇغۇمىغا بىر دانە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا قۇشۇپ چىقارغان ئىدىم، سىگنال بىسىمى ئاساسەن مەنبە بىسىمىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ. سىنوسلۇق سىگنال ھاسىل قىلىش، سىنوس سىگنالنىڭ سىگنال بىسىمىنى مۇقىم ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى ئىمپىلوس سىگنال ھاسىل قىلىشلارنى 2012-يىلى ئۆيدە بىر دانە lm324 ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ سىناپ باققان.

يەنە سىنوسلۇق سىگنالدىن ئىمپىلوس سىگنال ئايرىۋىلىپ 50 گىرتىسلىق خىزمەت ھالىتىدىكى بىر يېرىم دەۋىر خىزمەتتىن تۇختايدىغان تەرەپنىڭ ھەرە چىشى سىگنالىنى ئۈزىۋىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز، دىمەك ھەر قىتىم سىنوسلۇق سىگنالنىڭ يېرىم دەۋرىدە خىزمەت قىلىدىغان تەرەپتە ھەرە چىشى سىگنال بار بۇلىدۇ، خىزمەت قىلمايدىغان تەرپىدە ھەرە چىشى سىگنال بىسىمى ئۈزۈلۈپ سىكونتىغا 50 قىتىم ئالمىشىپ خىزمەت قىلىدۇ.
ئەمدى بۇ سىگناللارنى lm323 ياكى باشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك كۈچەيىتكۈچ ئارقىلىق كۈچەيتىپ موس لامپىغا قوزغاتقۇچ سىگنال قىلىپ ئىشلەتسەكلا بۇلىدۇ. يۇقارقى ئىسخىما ئۆز لاھىيەم بۇيىچە سىزىلغان، باشقىلارنىڭ پاتىنت ھۇقوقىغا چىتىلمايدۇ. بۇرۇن ئامىركىدىن دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلىدىغان cw3525دەپ بىر توپلاشتۇرۇلغان توك يولدا sG3525 غا ئوخشاش ئاددى توك يۇلىدىلا 1000 ۋاتقىچە سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياسىلاتتى.دۆلىتىمىزدە تىخى بۇ خىل كىرىستاللىق سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتىش توك يۇلى يوق...
    يەنە يۇقىرى چاستوتىلىق ئىمپىلوس تەسىرىنى يۇقىتىش ئۈچۈن چىقىش تۇكى ئىككى سۈزگۈچ ئورام ۋە بىر مىكرولۇق كوندىساتورلاردىن ئۆتكەن دۇلقۇن تاسقاشتىن ئۈتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.

بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان تىرانسىفورماتورلار ئادەتتىكى 50 گىرتىسلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىرانسىفورماتور ياكى ئىلىكتىرماتورلاردىن ئورىلىپ تەييارلانسا بۇلىدۇ. يۇقارقى ئىسخىما ئۈستى تەرپىدىكى كىچىك تىرانسىفورماتوردىن 48 ۋولىت توك چىقىرلىپ رەتلەنگەندىن كىيىن قارشىلىقتىن ئۈتۈپ توك مەنبە بىسىمىنى 220ۋولىتتا مۇقىملىقنى كونتۇروللاش قىسمىغا بارىدۇ، ئەگەر توك بىسىمى تۈۋەن بولسا سىنوسلۇق سىگنالنىڭ ئورنى ھەرە چىشى سىگنالنىڭ تۈۋەنرەك تەرپىگە سۈرۈلۈپ PWM سىگنالنىڭ كەڭلىكىنى ئاشۇرۇپ توك بىسىمىنى كۈچەيتىدۇ، ئەگەر 48 ۋولىتتىن يۇقىرى بولسا سىنوس سىگنالنىڭ ئورنىنى ھەرە چىشى سىگنالنىڭ يۇقىرىراق تەرپىگە يۈتكەپ PWM سىگنالنىڭ كەڭلىگىنى تارايتىپ توك بىسىمىنىڭ تۈۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ يۈك چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن چىقىرىش توك بىسىمى مۇقىم 220 ۋولىتلىق تۇراقسىز توك ھالىتىدە تۇرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ھازىرقى مەسلە تىخىمۇ ياخشى شارائىت بولغاندا 8 ۋولىتقىچە بولغان يەككە مەنبەدە سىنوسلۇق سىگنال ھاسىل قىلساق ۋە سىگنالنىڭ يۇقىرى-تۋەن يېرىم دەۋىرلېرىنى مەنبەنىڭ مەنفى قىسمىغا رەتلىسەكلا ئاددى بولغان توك يوللېرىدىن پايدىلىنىپلا سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياساپ چىقىدىغان توپلاشتۇرغان توك يۇلىنى رۇياپقا چىقارغىلى بۇلىدۇ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 00:13:49

گەرچە بۇنىڭدەك كەسپى بىلىملەرنىڭ كۆرۈلىشى ۋە ئىنكاس سانى باشقا تېمىلارغا قارىغاندا ئاز بولسىمۇ ئەمما قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق كەسپى بىلىمللىرىڭىزنى يوللاشنى توختىتىپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 12:40:56

پەرىزىمچە سز كەسپى بېلىمجەھەتتىلا ئەمەس بەلكى كومپېيوتېردىمۇ بەلگىلىك بېلىم قۇرۇلمىسىغا ئېگە ئىكەنسزداۋاملىقمول مەزمۇنلۇق بېلىملەرنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:28:17

ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 00:13
گەرچە بۇنىڭدەك كەسپى بىلىملەرنىڭ كۆرۈلىشى ۋە ئىنكاس س ...

ئەسسالام ئادىل ئاكا، مەن چ چ ئارقىلىق كىرىش تۇختاپ قالغاندىن كىيىن مۇنبەرگە كىرىش شىفىرىمنى ئۇنتۇپ قىلىپ كىرەلمىدىم، تىلفوندىمۇ سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي قالدىم. شىفىرىمنى يىڭىلاپ ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز.
ھازىر كۈپىنچە ئىلىكتىر مەھسۇلاتلېرى PWM لىق توك مەنبە ئىشلىتىدۇ، يەنە يىڭىدىن چاستوتىسى كونتۇرول قىلىنىدىغان ئىلىكتىرماتورلارمۇ بازارغا كىرىۋاتىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدە بۇ تېخنىكىنىڭ بازىرى چوڭراق دىيىشكە بۇلىدۇ.
يەنە يۇقىرى بىسىملىق تۇراقلىق توك ئارقىلىق توك ئۇزىتىش دۆلىتىمىزدە سىناق تەرەققىسىدە يولغا قۇيۇلدى. بۇنىڭدا توك ئۇزىتىش ھەققىسەل يۇقىرى بولسىمۇ كەلگۈسىدە تېخنىكا تەرەققى قىلغاندا تەننەرخى چۈشۈپ كىتىدۇ.
ئادەتتە ئىلىكتىر ئىستانسىدىكى 6300ۋولىت توك تىرانسىفورماتور ئارقىلىق نەچچە ئون كىلوۋاتقا كۈتىرلىپ يىراقلارغا ئۇزىتىلىدۇ، ئاندىن بارغان يەردە يەنە بىر تىرانسىفورماتوردا 11 كىلوۋولىت بىسىمغا چۈشۈرلۈپ تارماقلارغا تارقىتىلىدۇ ھەمدە شۇ يەرلەردە يەنە كىچىك تىرانسىفورماتورلاردا 380 ۋولىتلىق ئۈچ سىملىق توكقا ئۆزگەرتىلىپ توك تەمىنلىنىدۇ.
ھازىر تىرانسىفورماتورلارنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى يەنىلا تۈۋەنرەك بۇلۇپ، كۈپىنچىسى تۇلۇق يۈكلۈك ھالەتتە ئىشلىگەندە %80 گە يەتمەيدۇ.
شۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا ئۇزىتىش تورىدا %50 ئىنىرگىيە ئۇزىتىش يۇلىدا ئىسراپ بۇلۇپ كىتىدۇ. ئەمما تۇراقلىق توكلۇق ئىنىرگىيە يەتكۈزۈشتە ھازىرقى تېخنىكىدىمۇ ئۇزىتىش ئۈنىمىنى خېلى يۇقىرى كۈتۈرگىلى بۇلىدۇ.
بۇلارنى يوللىشىم ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئانا تىلىدا چۈشىنىۋالسا خەنزوچە دەرىسلىكنى ئۆزلەشتۈرۈشى ياخشى بۇلۇپلا قالماي خەنزوچە خەتلىك ئۇقۇشلۇقتىكى مەزموننى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئىشىپ كىتىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:34:58

شىرى يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 12:40
پەرىزىمچە سز كەسپى بېلىمجەھەتتىلا ئەمەس بەلكى كومپېيو ...

ئەنئەنىۋى تىرانسىفورماتور، كەپشەرلەش ماشنىلېرىغا مىس سىمنى كۆپ ئىشلىتىشكە تۇغرا كىلىدۇ. ئىلىكتىرىك كەپشەر قىلغاندا بولسا تەننەرخى ئەن-ئەنۋى كونا تىپلىقلېرىدىن ئەزان بۇلۇپلا قالماي ئىشلىتىش قۇلايلىق تەرەپلېرى بار...
كومپىئوتىردا تور كۆرۈش، يىزىش سىزىشلارنى ئانچە مۇنچە بىلىمەن، ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:25:54

ھازىر بۇنداق توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى دۆلىتىمىز بازىرىدا بار ئىكەن.
بەت: [1]
: سىنوسلۇق مەنبە ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى