ياشلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش تاللىشى توغرىسىدا
ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىز ھۆكۈمەت ياكى كارخانىلاردىن خىزمەت ئىزدەش كېرەكمۇ ۋە ياكى مۇستەقىل ئىگىلىكتىكلەش كىرەكمۇدىگەن مەسىلەئۈستىدە گاڭگىراپ قېلۋاتىدۇ ،ئۇنداقتاياشلار ئىگىلىك تىكلەشيۇلىداقانداق شەرت شارائىت ھازىرلىشى كىرەك ؟ھازىرقى جەمىيەتتە يېڭىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇنياشلار ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەنمۇستەقىل
ئىگىلىك تىكلەش يولىدامېڭىۋاتىدۇ .جەمىيەتنىڭ باشقاقاتلاملىرىدىمۇمۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە ئالاھىدە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ ،ئەسلى ئىشلەۋاتقان خىزمىتىدىن ۋاز كىچىشكە تەييارلىق قىلۋاتقانلار ئاز ئەمەس .
مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئىنسانىي-قەدىر قىممەتنى ھەقىقى يۇسۇندا نامايەن قىلىدىغان ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش .ئۆز ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ،كۈندە دېگۈدەك شەھەربازارلاردا بىرمۇنچە يېڭى شىركەت ،زاۋۇت كارخانىلار قۇرۇلۇپتۇرىدۇ .ئەمما تۆت بەش يىللىق جان ساقلاش باسقۇچقدىن ئۆتەلەيدىغان كارخانىلار ناھايىتى ئاز.
دۇنياغا داڭلىق مېككىنسى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىرتەكشۈرۈشدوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگەن ھەر 100 ئادەمنىڭ 85 ى بىر قانچەيىل ئىچىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ بازار
سەھنىسىدىن چۈشىدىكەن ،قالغان 15 ئادەمنىڭ 10ى زور تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە قازانغاندەك قىلغان بىلەن ،8~10 يىل ئىچىدە ئىلگىرى تاپقان مال -دۇنياسىنى پاك- پاكىز يوقىتىپ ،قەرزدار ياكى كەمبەغەلگە ئايلىنىدىكەن .پەقەت 5%ئادەملەرلا قىينالماي جان بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.
سەۋەبى كارخانا قۇرغۇچىلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى،ئارتۇقچىلىقى ،قايسى ئىشنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى،قايسى ئىشنى قىلسا جەمئىيەتكەئەڭ ياخشى تۆھپە قۇشۇپ ئىنسانىي قەدىر- قىممەتنى ھەقىقى يۇسۇندا نامايەن قىلالايدىغانلىقىتوغرىسىدا سىستىمىلىق تەسەۋۋۇر ،ئەستايىدىل ئويلىنىش كەمچىل .
ئىجتىمائى ئەمەلىيەت تەجرىبىسى كەمچىل ياشلارھە-دېگەندە بىلگايتىستىن ئۆرنەك ئېلىپ ،ئوقۇشنى تاشلاپياكى مەكتەپتىن چىقىپلا كارخانىچى بۇلۇش يولىغاماڭسا ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىھتىماللىقى ئۆزى ئويلىغاندىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.شۇڭا ياشلار مۇستەقىلئىگىلىكتىكلەش يولىغا كىرىشتە،ئالدى بىلەن مەن نىمىش قىلالايمەن ؟بازار نىمىگە ئېھتىياجلىق ؟ مىنىڭ ئىقتىدار ،كاپىتال ،تەجرىبە ۋەباشقا شەرت شارائىتىم بىلەن بازار ئېھتىياجىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى نەدە ؟شۇ نۇقتىداپايدا قىممەت يارىتىشتا قانداق يادرولۇق رىقابەت ئىمكانىيىتىم بار؟دىگەن مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىھەم ئۆزگىنى قايىل قىلغۇدەك ئىلمى جاۋاپ ئىزدىشى كىرەك .
خۇلاسە كالام،مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ،كارخانىچى بۇلۇش ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش .يۇرت ماكاننى گۈللەندۈرۈش ،مىللەت ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ،مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائى مەسئۇليىتى ئىنتايىن زوربولىدۇ ،توختىماي بىلىم يىڭىلاش ،ئىزدىنىش،ئەقىدە قىلىش ئارقىلىق ئىقتىدار چەمبىرىكىنى چەكسىز زورايتىش –مۇستەقىل ئىگىلىكتىكلەپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى .0.gif مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىگە كەلگەن ياشلىرىمىز ئۈچۈن بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن. تېمىڭىزغا رەھمەت. ياخشى ھەم يېڭى بىر تېمىنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر . رەخمەت بۇ ياخشى تېما بۇپتۇ
مەمنۇن بولدۇم ،ياخشى تىما .
بەت:
[1]