tashna يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:58:21

پۇل تېپىشنىلا ئەمەس ،خەجلەشنىمۇ بىلىش كېرەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-28 13:09

                         پۇل تېپىشنىلائەمەس ،خەجلەشنىمۇ بىلىش كېرەك

      قانداقپۇل تېپىش ۋە قانداق پۇلخەجلەشبىز مەڭگۈدۇچكىلدىغان مەسىىلە .پۇل تېپىشتىكى مەقسەتپۇلخەجلەشئۈچۈندۇر .ئەمماپۇلنى خەجلەش ئوخشاش بولمىغاچقا ،ھاياتقابولغان تۇنۇشىمۇئوخشاشبولمايدۇ .بەزىلەرنىڭتۇرمۇشى مەنىسىز ،بەزىلەر تۇرمۇشنىكۈنساناپ ئۆتكۈزىدۇ .بەزىلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدۇ ،بەزىلەر ھاياتتىنبەھىر ئالىدۇ .
پۇلخەجلەشكەقاراپ بىرئادەمنىڭ ھۆكۈمقىلىش ئىقتىدارى،ئالاقەئىقتىدارىۋەماسلىشىش ئىقتىدارى قەتەرلىقكەسىپتە كەم بولسابولمايدىغان ئاساسى ساپاسىنىڭقانداقلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .شۇڭابەزىلەر‹ پۇل تېپىشتېخنىكا ،پۇل خەجلەش› سەنئەت دەيدۇ .
      پۇل خەجلىگەندە چىدىيالمايدىغانكىشىلەر ئەركىن ئازادەخىزمەت قىلالمايدۇ .ئۇلارنىڭخىزمەتئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىمۇ خوجايىن ۋەخىزمەتداشلىرىنىرازى قىلالمايدۇ.ئەمماپۇل خەجلەشنى بىلىدىغانلارئۇنىڭغائوخشىمايدۇ ،پۇل خەجلاەشنىبىلدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت پاسسىپنائىلاجلىقتىن قىلدىغان ،خاپالىق،ئۇزۇن جەريان بولماستىن   ،تەشەببۇسكارۋە ئاكتىپ ئىشتۇر .ئۇلارخىزمەتنىڭجاپاسىنىئەمەس ،شادلىقىنى ھىسقىلدۇ .
       بۇبازار ئارلىغانغا ئوخشايدۇ .سىزقاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ،قاقشىغاچ،قىينالغاچ بازارچۆگلىسىڭىزمۇچۆگلەيسىز ؛قىزىقىش ،ھەۋەسبىلەنمۇ ،بازاركۈرۈپ ،ئالماقچى بولغاننەرسىڭىزنى تاللاپ ئالالايسىز ،بۇ جەرياندا سىز دەۋر تەرەققىياتىنى چۈشىنەلەيسىز،باشقىلارنىڭ ئىقتىدارى ،ئىجادچانلىقىنى چۈشىنەلەيسىز .
   پۇل تاپالىغانلىقپۇل بۈلۈنمىسىنىڭ جەزمەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ .پۇل تېپىشنىلائەمەس،پۇل خەجلەشنىمۇ بىلىشپۇلغا بولغان ھەقىقى ئەقىلدۇر .
   ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،«پۇل تاپالايدىغان ،خەجلەشنىمۇ بىلدىغان بۇلۇش ›› كېرەك.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:33:52

ماۋۇ پىكىرگە مەن تامامەن قوشۇلىمەن. پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇل تېپىشنىمۇ بىلىدۇ.
مۇشۇنداق قىسقا. ئەمما ھېكمىتى چوڭقۇر تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:26:59

مەنمۇ قوشۇلىمەن

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 03:07:48

قانداق قىلسا پۇل خەجلەشنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ؟

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 16:38:32

نېمانداق ئىسىل سۆزلەر بۇ- ھە! ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق، ئادەمنى ئويلاندۇرۇدىغان ئىشلار ئىكەن. نۇرغۇن يىللار بۇرۇن دادامنىڭ خىزمەتدىشى (شۇنداقلا مىنىڭمۇ خىزمەتدىشىم)- پىشقەدەم، تۇرمۇشقا كۆپ پىشقان بىر مۇئەللىم دائىم شۇنداق دەيتى: «پۇل تېپىش ئاسان- خەجلەش تەس» دەپ، مەن ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ گەپنىڭ تېرەن مەنىسىنى بىلىپ كەتمەيتىم، ھالا بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ گەپلەرنىڭ تېگىگە بارغانچە يېتىۋاتىمەن. بۈگۈن مۇنبەردە بۇ تېمىنى كۆرۈپ، مۇشۇلارنى ئەسكە ئېلىپ قالدىم.
ھەر راست، قېرىندىشىم، قارىسام سىز مۇنبەرگە مەخسۇس ئىقتىسادى مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان تېمىنى يوللاۋاتىسىز، سىز قايسى ئىش بىلەن شوغۇللىنىسىز؟

tashna يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 19:38:26

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،مىنىقوللىغىنىڭلارغا كۆپتىن -كۆپرەھمەت .مەن ھازىر ئوقۇۋاتىمەن ،ئوقۇشۇم پاتيېقىنداپۈتىدۇ ،مەن سودائىشلىرىغابەكقىزىقىمەن ،ئۈزۈمنىڭئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم باتتى.شۇڭلاشقا .....

tashna يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:54:08

جام يوللىغان ۋاقتى2015-1-31 16:38
نېمانداق ئىسىل سۆزلەر بۇ- ھە! ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،مىنىقوللىغىنىڭلارغا كۆپتىن -كۆپرەھمەت .مەن ھازىر ئوقۇۋاتىمەن ،ئوقۇشۇم پاتيېقىنداپۈتىدۇ ،مەن سودائىشلىرىغابەكقىزىقىمەن ،ئۈزۈمنىڭئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم باتتى.شۇڭلاشقا .....

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 18:11:48

ئىزدىنىشلىرىڭىز گە ئاپىرىن !نەپ بىردىغان تىمىنى ئىلىپ كەپسىز !
بەت: [1]
: پۇل تېپىشنىلا ئەمەس ،خەجلەشنىمۇ بىلىش كېرەك