يانفوندا ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىۋىزورنى كونتىروللاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلاندىكى قېرىنداشلار، بەك ئۇزۇن بوپتۇ روھلانغا تىما يوللىمىغىلى.بىر يانغون دىيالى بار ئېدى 悟空遥控器 دەيدىغان، بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارى بەك ياخشى، ئۆيىڭىزدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىۋىزور، تور تىلىۋىزىيە قۇتىسى قاتارلىقلارغا تىزگىنەك رولى بار بولۇپلا قالماي نۇرغۇنلىغان تېلىۋېزور ئەپلىرىنى بىمالال چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.(ئەلۋەتتە ئۆيدە سىمسىز تور سېگىنالى بولىشى، تېلىۋېزور بىلەن يانغون بىر تور يولىدا بولىشى كىرەك) شۇڭا دوستلارغا تەۋسىيە قىلغىم كېلىپ قالدى.
سەۋەبىم:
ئۆيۈمدە TCL爱奇艺 تېلىۋىزورى بار ئېدى، ئۆزىنىڭ ئەپ بازىرىدە مەن ئىھتىياجلىق بولغان ئەپ دىتاللىرى ئىنتايىن چەكلىك، تېلىۋېزوردا تۇرۇپ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دىتاللىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش قۇلۇپلانغان(زاۋۇتتىن). مەن خېلى بولغان كومپىيۇتېردا چۈشۈرۈپ ساقلاش كارتىسىنىڭ مۇناسىپ مۇندەرىجىسىگە چاپلاپ تېلىۋىزورنىڭ 电视卫士دىگەن دىتالى ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، شۇنداق قولايسز، كىيىن 悟空遥控器دىگەن بۇ دىتالنى ئۇچىتىپ قالدىم، يانفونۇمغا ۋە تېلىۋېزورغا قاچىلىدىم(ئەلۋەتتە كومپىيۇتېردا چۈشۈرۇپ ساقلاش كارتىسى ئارقىلىق قاچىلىغان)، ئۈنۈمى قالتىسكەن، شۇنداق يىنىك، بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان دىتاللارنى يانغوندا تاللاپلا قاچىلىغىلى بولىدىكەن، ساقلاش كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، مۇشۇ ئەپتە تۇرۇپلا خالىغان تېلىۋىزىيە قانىلىنى قويغىلى، كىنولارنى تاللاپ قويغىلى بولىدىكەن.
دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://www.wukongtv.com/
رەسىملىرى:
http://www.wukongtv.com/file/info1yk.png
تەپسىلاتىنى ئۈستىدىكى توردىن كۆرۈپ بېقىڭلار.
مەنمۇ سىلەرگە بىر ئەپنى تەۋسىيە قىلايvst全聚合2.6ناھايتى كۆپ تېلۋۇزىيە قاناللىرى ۋە كىنو قاناللىرى بار ئىكەن ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە شىنجاڭنىڭ بارلىق قاناللىرنى كۆرگىلى بۇلدىكەن ، باشقىلارمۇ ياخشى دىتاللار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا تەۋسىيە قىلىپ قويسا ياخشى بۇلاتتى .
بەت:
[1]