يانفۇننىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى ئىشلىتىشتىن مەسلىھەت سورايمەن
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم دوستلار، مەن مۇنداق بىر ئىشنى ھەر قايسىڭلاردىن مەسلىھەت سوراپ باقماقچى ئىدىم. بىلىدىغانلار ياكى سىناپ باققانلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلار.1. كۆچمە ياكى بىرلەشمە كارتىنىڭ سۆزلىشىش ھەققى كۆپ بولسا، يانفۇننىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى ئىشلىتىپ توردىن ياكى باشقا ئۇرۇنلاردىن مال سېتىۋالغىلى بۇلامدۇ؟ سىناپ باققانلار بارمۇ؟
2. ئەگەر مېنىڭ سۆزلىشىش كارتامدا سۆزلىشىش ھەققى كۆپ بولسا، ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسىمنى باشقا سۆزلىشىش كارتىسىغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بۇلامدۇ؟
3. كۆچمە ياكى بىرلەشمە كارتىلىرىنىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى چوقۇم شۇ كارتىنىڭ ئۆزىدە ئىشلىتىپ تۈگۈتىش كېرەكمۇ؟
مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامان تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسىدا بەلكىم سىز ئوتتۇرغا قويغان بۇ ئەھۋاللارمۇ پات كەلگۈسىدە مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمدىكى ئاساس: قايسى مەنبەدىن بىلگىنىم تازا ئېنىق ئېسىمدە يوق، شۇ ئاڭلىغان ئۇچۇرۇمدا، ھازىر بىز يانفون قاتارلىق كۆچمە تېرمىناللاردا تورغا چىقىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئېقىم سېتىۋالىمىز ۋە قاچىلايمىز. بىزدە ئارتۇقچە ھېسابلانغان بۇ ئېقىمنى كەلگۈسىدە نەق پۇلغا ياكى باشقا نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇشقا، بىراۋلارغا يۆتكەپ بېرىشكە بولىدۇ دېيىلگەن. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ مېنىڭچە سىز دېگەن ئەھۋال كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئوبدان سۇئالكەنلىكىن مەن بۇئىشلانى ئۇخمايدىكەنمەن مىنىڭ بىلىدىغىنىم چ چغا ھەقلىق ئەزا بۇلۇش چ چ پۇلى قاچىلاش دىگەندەكئەمما پۇل يۇتكىلىگىلى بۇلمايدىغۇ دەيمەن ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
1-سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى:تېلېفۇن كارتىڭىزدىكى پۇلغا توردىن مال سېتىۋالالمايسىز،ئەمما qq ،شۇنلېي...دىگەندەك دىتاللارنىڭ ئالاھىدە ئەزالىق كەسىپلىرىنى ئاچالايسىز.
2-سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى:تېلېفۇنىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىز كۆپ بولسا بۇ پۇلنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدۇ،بولغان تەقدىردىمۇ ھازىرقى ھەرقانداق تىجارەت زالىغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرمىدى ھەم بەرمەيدۇ،پەقەت شۇ شىركەتلەرنىڭ باش دىرىكتۇرلىرى بىلەن مۇناسىۋېتىڭىز يېقىن بولسا ئاندىن بۇ ئارزۇيڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ،
3-سۇئالىڭزنىڭ جاۋابى:كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىنى باشقا كارتىغا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن ،ئۆزىڭىز ئىشىلتىپ تۈگەتمەكتىن باشقا چارە يوق.
ئەگەر بۇ جاۋابلار يىتەرلىك بولمىغان بولسا بىلدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ. مەنغۇ بىلمەيدىكەنمەن. مېنىڭ بىلشىمچىمۇ (دانا:) دوستىمىزنىڭ جاۋابى ئورۇنلۇق بوپتۇ
نىمدا جىق پۇل سىلىۋەتكەنسىز كارتىڭىزغا ھى ھى دانا ئەپەندىنىڭ دىگىنى توغىرا:
ئۇستازلار مەن بىر قانچە كۈن بۇرۇن مۇشۇ تور بەتتە ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى كىنۇ فىلىملارنى چۇشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تىمىنى كۆرگەن ھەم دەرسئىكىنمۇ كۆرگەن ئەينى چادغدا تازا دىققەت قىلىماپتىكەنمەن .ئەمدى ئاشۇ دەرىسلىك بەك لازىم بولىدى ياردەم قىلىساڭلار ئىكەن Internet Download Managerنىڭ دەرىسلىكى ئىدى.ئايرىم يوللىيالمىدىم .توغرا چۇشنەرسىلەر baxbahar يوللىغان ۋاقتى2015-1-27 18:29
دانا ئەپەندىنىڭ دىگىنى توغىرا:
ئۇستازلار مەن بىر قانچە ...
بەك تاپالمىسىڭىز مىنى قۇشۇڭ،مەن ئەۋەتىپ بىرەي،مۇنبەرگە يوللاي دىسەم سىغىمى سەل چوڭكەن،تور سۈرئىتىم ئاستا بولغاچ ۋاقىت يار بەرمىدى،چ چ 2356660211
بەت:
[1]
2