تۆھپىكار ئەزالارغا نامزات كۆرسىتىش باشلاندى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !ئالدىنقى ھەپتە روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق قۇتلۇق كۈنى يېتىپ كەلدى!!! ناملىق تېمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېكىتىمىزدىكى كونا-يېڭى ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن بۇ تېمىغا ئاۋاز قوشۇپ، روھلان تور بېكىتى قۇرۇغانلىقنىڭ 2 يىللىق قۇتللۇق كۈنىنى بەس-بەستە تەبرىكلەشتى.
بىز يەنە پەخرىم شىركىتىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بېكىتىمىزگە ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈن-تىنسىز نادىر بىلىملىرى، ماتىرىياللىرى ۋە ئەسرلىرىنى يوللاپ تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزالارغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل سوۋغىمىزنى سۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق .
==============================================================================================
روھلان تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەش پائالىيتىنى پەخرىم شىركىتى ئالاھىدە قوللىدى .
تارقىتىلىدىغان مۇپاكات تۈرى ۋە بۇيۇملار:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر- مۇكاپات بۇيۇمى:1 دانە 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ،بىر دانە كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.pahrim.com/soft/shopurluk
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر- مۇكاپات بۇيۇمى: بىر دانە 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ، 10 QQ پۇلى
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.pahrim.com/soft/computer
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر- مۇكاپات بۇيۇمى:2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىياكى كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسىدىن بىرنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ .
پەخرىم شىركىتىنىڭ باشقا نادىر مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بىردەك مۇنبەر تەڭگىسى، ئىناۋەت، قىزغىنلىق ۋە ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
شۇڭا بىز بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان روھلان تور بېكىتىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان باشقۇرغۇچى ۋەئەزالارنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز، نامزات تاللاشتا بېكەتتىكى تېمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقساڭلارمۇ بولىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى
2010-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەن ھازىر توردا كۆپ بولۇپ بوللامىغانلىقىمدىن بىلىپ كېتىپ بولالمايۋاتىمەن . تورداشلارنىڭ ئاكىتىپلىق بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . خەير. مەن بۇلاق ئەپەندىنىڭ تۆھپىكار ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەنمۇ بۇلاق ئەپەندىنىڭ تۆھپىكار ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنمۇ بۇلاق ئەپەندىنىڭ تۆھپىكار ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى بىرلا ئەمەس، شۇڭا كۆپ تۆھپىكارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ . بۇ تېمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2010-9-21 10:24
تۆھپىكار ئەزالارغا بۇلاق ئەپەندى،تۇرسۇن007،دولانى ئەپەندىلەرنى كۆرسىتىمەن،قالغىنىنى يەنە كۆرۈپ بىر نىمە دەي. تۆھپىكارئەزالارنىڭسانىقانچىلىكتۇ ؟؟بۇنى بىلسەك ياخشى بولاتتى. بۇ تېمىنى ئاخىرىدا parzantlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2010-9-20 23:32
دوستلار، بۇنىڭغا ياخشى، باشقىلارنى تەربىيىلەش قىممىتىگە ئىگە بولغان ھەم پايدىلىنىش قىممىتى ياخشى بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى دەرسلىك ۋە باشقا ئەسەرلەر، دېتاللارنى كۆپ يوللىغانلارنى تاللىساق. مەنمۇ ئادەتتە تورغا كۆپ چىقالمىغاچقا، كىمنى تاللاشقا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدىم، روھلانجانغا تايىنىپ قالىمىزمۇ قانداق؟
مەن بىر قىسىم تۆھپىكارلارنى كۆرسىتىپ ئۆتەي ئەمىسە .
تۆھپىكارلاردىن: تۇرسۇن007، بۇلاق874، ھەۋەس، دۇلانى، ئارزۇ، لەزنا، شۇڭقار، 超人将军007،ئويرۇك، ئاددى ئادەم،مەلىكە، ئابلەت331، ئەرۋاھ، ئەلئوغلى، سەھرالىق، چايان88، ئابلىمىت،پەرزەنتلەر،... قاتارلىقلار بار .
تورداشلار مۇشۇلار ئىچىدىن كۆرسەتسىمۇ ياكى ئايرىلىپ قالغان باشقا تۆھپىكارلارنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ .