ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:28:01

Windows 10 ئېلان قىلىندى (ھەقسىز)

ئاخشامقى ئېلان قىلىش يىغىنىدا Windows 10 ئېلان قىلىندى. ئادەمنى خۇش قىلىدىغان خەۋەر ئاز ئەمەس. قىزىقسىڭىز داۋاملىق كۆرۈڭ!


1. ھەقسىز!
ئېلان قىلىنغان تۇنجى يىلى ھەقسىز!Windows 7, Windows 8.1, Windows Phone 8.1 قاتارلىقلارنى تۇنجى يىلى ھەقسىز نەسر يۇقىرىلاتقىلى بولىدىكەن. Windows 8 دەسلەپتە 248 يۈەن ئېتىبار باھادا سېتىلغان،   98 يۈەن ئېتىبار باھادا نەشرى يۇقىرىلىتىشقا يول قويۇلغان، شۇ قىسقا ۋاقىتلا شۇنداق بولغان. ئوخشاش ئۇسۇلدا، يەنى بىر يىل ئىچىدە كونا رەسمىي نەشرىدىكى سىستېمىنى Windows 10 غا كۆتۈرسىڭىز ھەقسىز دېگەن گەپ.



2. بۇ Windows 10 پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىلا ئەمەس، ئۇ بىر مۇلازىمەت.
بۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ خىل ئۇقۇم ئۇنى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغۇسى.


3. ئەلالاشتۇرۇلغان Windows 10 ئۈستەل يۈزى
بۇ قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېڭى ئۈستەل يۈزى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى. قارىماققا يېڭىلىق ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئاز ئەمەس.


4. ئاۋازلىق ياردەمچى Cortana
بۇ ئاۋازلىق ياردەمچى ئاخىرى قوشۇلۇپتۇ! خۇش بولىدىغان ئىش جۇمۇ بۇ.Hi, I am Cortan


5. يانفون نۇسخىسى Windows 10
خاتا ئاڭلىمىدىڭىز! دەل Windows 10،يانفون نۇسخىسىمۇ Windows 10 دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇ Windows 10نىڭ سۇپا ئاتلىغان ھالقىلىق مەھسۇلات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.



6. تەگمە نۇسخىسىدىكى يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرغا ئاتالغان Office دېتاللىرى
بۇ Office دېتاللىرى ھازىرقى Windows Phoneدىكى بىلەن پەرق قىلىدۇ، ئەكسىچە ھازىرقى كومپيۇتېر نۇسخىدىكىسى بىلەن ئوخشاش كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تەگمە نۇسخىسىدىكى يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇلغان.


7. ئورتاق يۇمشاق دېتال __ كومپيۇتېر، يانفون، تاختا كومپيۇتېردا ئوخشاشلا ئىجرا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال ئورتاق ئىجرا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە، ئوخشىمىغان ئەھۋالدا ماسلىشىپ ئىجرا بولىدۇ. بۇ جەريان Continuum ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرغا مائۇس چېتىلدىمۇ يوق دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئىجرا بولالايدىكەن.

8. يىپيېڭى تور كۆرگۈچ Project Spartan
بۇ يىپيېڭى تور كۆرگۈچ بولۇپ، بىر قىسىم ھالقىلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
1) كۆرسىتىش ئۈنۈمى جەھەتتىكى ئاساسىي تېخنىكا پەرق قىلىدۇ.
2) تور بەت يۈزىدە تۇرۇپلا يېزىپ OneDrive بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىقتىدارى بار.
3) كۆرۈش شەكلى ئىقتىدارى -- بەت يۈزىدىكى ئارتۇقچە جايلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت كىتاپ كۆرگەندەك كۆرەلەيسىز.
4) ئاۋازلىق ياردەمچى Cortana قوشۇلغان.
مىكروسوفت تەرەپ بۇ تور كۆرگۈچنىڭ كېڭەيتمە ئىقتىدارى ھەققىدە توختالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تور كۆرگۈچنىڭ IE بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىق ئەمەس.

بىزگە بىۋاستە باغلىنىشلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇشۇنچىلىككەن، باشقا تەپسىلاتىنى نەق مەيدان تارقىتىش بېتىدىن كۆرۈپ بىلىۋالغايسىلەر.رەھمەت.
باشقا ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ: http://www.ithome.com/html/win10/125121.htm

مەنبە: نۇرقۇت ئەترىتى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:29:30

مول مەزمۇنلار يىغىلغان 7 مېنۇتلۇق قىسقا فىلىم:

http://www.tudou.com/v/wGIQ0pZbTQE/&resourceId=0_04_05_99/v.swf

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:32:11

ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى كېلەر ھەپتە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگۈدەك، ھازىر ئىشلەتكۈڭىز بولسا تېخنىكلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.

ئاچقۇچ نۇمۇرى:Win10秘钥:NKJFK-GPHP7 G8C3J P6JXR HQRJR
چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://yunpan.cn/cypAqPcuwf5un    提取码 fa34

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:44:19

كۆپ نەرسىلەرنى قوللىمايدىغان يىتەرسىزلىكى ۋاقىتلىق باش ئاغرىقى بولامدۇ ياكىۋىن7 قوللىغاننى نۇرمال قوللامدىغاندۇ؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:51:09

دانا2013 يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 18:44
كۆپ نەرسىلەرنى قوللىمايدىغان يىتەرسىزلىكى ۋاقىتلىق ب ...

بۇنى سىناپ باقماي تۇرۇپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، كېيىنكىھەپتە چۈشۈرۈش ئادرىسىتەمىنلەنگەندە ھازىرقى windows8.1 نى نەشىر كۆتۈرۈپ بېقىپ، ئاندىن بىر نەرسە دەيلى.

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 19:01:18

ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 18:51
بۇنى سىناپ باقماي تۇرۇپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، كې ...

بولىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا بىرتال ۋىن8 سېتىۋالغان ئىدىم،8.1گە يېڭىلاپ ئىشىلتىپ كەلگەن،مۇشۇ يېقىندىن بۇيان سەل ئېغىرلىشۋېلىپ ۋىن7 گە كۆچۈۋالغان ،ماۋۇ ۋىن10 چىقىپ يەنە ئوت تۇتاشتۇردى دىسە! رەھمەت سىزگە!

ئىنساپ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:23:05

بىرەر ھەپتە ساقلاپئاندىن سىناپ باقساق بولغىدەك.....ياخشى ئىش بوپتۇ ؟...

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:38:52

رەھمەت مەن شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم،ھازىرلا ساقلىۋالاي.

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:47:20

ھەقىقەتەن خۇشخەۋەر ئىكەن بۇ، مەنمۇ تېزدىن تۇتۇش قىلىپ، دەرىجە يېڭىلىۋالاي.

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 21:03:41

windows10ھەقىقەتەن ياخشى.
بەت: [1] 2 3 4
: Windows 10 ئېلان قىلىندى (ھەقسىز)