aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:40:08

شەكىلسىز قىز - ئەيساجان تۇردى ئاچىق

شەكىلسىز قىز
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

سېنى كۆرۈپ باقمىغان بىلەن،
قىلالايمەن ئەمما تەسەۋۇر.
ئوخشىمايسەن پاھىشە قىزغا،
مەندىن باشقا بارلىق ئىنساننى،
قېنىپ- قېنىپ سۆيگۈنىڭ بىلەن.
ئوخشىمايسەن سەھرادا ئۆسكەن،
ساددا ئوماق سەھرا قىزىغا.
باشىقىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا،
تاساددىبى بارغىنىڭ بىلەن.

سەن ئوخشايسەن پەقەت ئۆزۈڭگە،
ئوخشىمايدۇ ساڭا ھىچ نېمە.
سەنسىزياشاش كۆيۈك ۋادىدا،
تۇيىلىدۇ مەڭگۈ بىمەنە.
پەقەت كۆزۈڭ ئوخشاپ قالىدۇ
مېنى ئەسلى سۆيمەكچى بولۇپ
كىرىپ كەتكەن شەيتان كەينىگە
گۈزەللىشىپ كەتكەن قەلبىمدە
تۇيغۇمدىكى تۇنۇش بىر قىزغا.
   
سەن بىلمەيسەن ئاچچىق تىلىنى،
مەن سۆزلەيمەن قارلىغاچ تىلىدا.
مېنىمۇ بىر سۆيۈپ قويمىساڭ
دىيەلمەيمەن ساڭا ئەلۋىدا.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:07:08

ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

كۇسەنى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 00:21:16

ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ شەكىلسىزقىزدىكىئىماگنى قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم،ئەمما ئەيساجان مۇئەللىمگە تەشەككۇرلەر ئېيتماي تۇرالمىدىم.

سەبىنە يوللانغان ۋاقتى 2015-4-5 17:17:04

ياخشى چىقىپتۇ قەلەم تۇلپارىڭقز ھارمىغاي تىنىڭقز سالامەت بۇلۇغاي بىزگە نادىر ئەسەرلەرنى سۇنغايسىز

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-4-5 19:02:26

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئاكمىزنىڭ قەلەم قۇۋتىگە قايىلمەن، تنىڭىز سالامەت ئشلىرىڭىز ،ئوڭۇشلۇق بولغاي...

خۇشتكىن يوللانغان ۋاقتى 2015-4-20 14:22:06

ئەيساجان ئاكا ،سىز مىنىڭ قەلبىمدىكى .........

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2015-6-13 06:04:38

تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى قىز بەلكىم سىز ئۇچراتقان بىرەرسىدۇر، سىز سۆيۈشكەشۇنچە ئىنتىزار، ئەمما، ئۇ قىز شۇنچە پاك، شۇنچە بىغۇربار.قانداققىلىش كېرەك؟ ئەلۋىدا ئېيتىپ كېتىپ قالغۇلۇقمۇ؟ بۇ يەردىكى ئاشىقلىق، مەستانىلىق ئېچىرقاپ كەتكەن شېئىرلىرىڭىزدىكى ئاشىقلىقتۇر.سىز لېرىكىلىرىڭىزدا شەكىلسىز قىزلارنى ۋىناستەك شەكىلگە كەلتۈرۈپ سۆيەلەيسىز، بۇ سىزدىكى تەبىئىي تالانت! سىزگە ئاپىرىن...
بەت: [1]
: شەكىلسىز قىز - ئەيساجان تۇردى ئاچىق