تاكسىغا چىقىش خاتىرىسى - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
تاكسىغا چىقىش خاتىرىسىئەيساجان تۇردى ئاچچىق
تانمايمەن تاكسىڭدا ئولتۇرغىنىمدىن،
پەقەتلا ئون يۈەن بەرسەم بولاتتى.
ھەتتاكى قالماپتۇ خىزمەت كېنىشكام،
يانچۇقۇم ئەتىگەن لىپمۇ-لىق ئىدى.
يانچۇقنى قۇرۇقداپ قويۇپتۇ ئاپلا!
مەن بۇ شەھەرگە تۇنجى كەلگەنتىم
رەھىم قىل كۆرۈشۈپ قالارمىز قايتا.
‹‹كېرەك يوق›› دېدىڭيۇ تاكسىسچى سەتەڭ
ئىلمەكلىك يۈرەككە قول سۇندۇڭ ئەمما.
شەرتىڭگە قوشۇلدى ئەرلىك غۇرۇرۇم
سۆزۈمنىڭ ھەممىسىگە ئىشنىپ قالما.
تاكسىڭدا قېپ قالدى ئەنە كۆلەڭگەم
غەلىتە ئاھاڭدا قويدۇڭ ئۇزۇتۇپ.
سوۋغا قىلدىڭ ئىچەرمىكىن دەپ،
يۈرىكىڭگە شاراب تولدۇرۇپ.
بۇ قېتىم قىماردا ئۇتقىنىڭ بىلەن،
ئۇتتۇرمۇدۇم مەنمۇ ھىچ نېمە.
چىقىۋالدىم تاكسىڭغا ئەجەپ،
بولمىسىمۇ پۇل دىگەن نەرسە.
ئەيساجان ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. راس ياخشى چىقىپتۇ شىئىرىي ھېسياتقا بەك باي ئىكەنسىز ، شىىئرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .
بەت:
[1]