aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:33:33

ئۈچىنچى كۆز - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

ئۈچىنچى كۆز

(شىئېر)

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

      1      
سەن ئاسماندىكى ئىككىنچى قۇياش،
مەن ئونىنچى بىر تەنھا پىلانىت.
سەن زىمىندىكى بەشىنچى ئوكيان.
مەن يېڭىدىنلا تۇغۇلغان چوڭ كىت.
سەن سەككىزىنچى جەننەتنىڭ ئۆزى.
مەن شۇ ماكانغا ماڭغان يولۇچى.
2
ئاۋازىمىز ئون ئۈچۈنچى مۇقامنىڭ كۈيى.
ماكانىمىزسەككىزىنچى قىتئەنىڭ ئۆزى.
يارىتىلدى ھاياتلىقنىڭ بەشىنچى پەسلى.
      سىرداشساق ئون ئۈچۈنچى ئايدا ئۇخلىماي.
كۆرۈپ قالدى ئۇ ئەمانىڭ ئۈچۈنچى كۆزى.
3      
كىم ئۇ ئەما تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان كۆزى؟!
كىم ئۇ ئېغىزى يوق ئاڭلانغان سۆزى؟!
كىم ئۇ سۆيگۈمىزنى مەقبۇل كۆرمىگەن؟!
كىم ئۇ بەخىتىمىزگە زۇۋان سۈرمىگەن؟!
كىم ئۇ كۆكسىمىزگە پىچاق تەڭلىگەن؟!

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 16:13:47

ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ تاتلىق شېئىرلىرى مۇنبەردىن ئۆكسىمىگەي.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:09:43

مۇبارەك بولسۇن .
بۇ قايسى خىل شىئىر شەكلى ؟

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2015-6-13 06:15:33

تەپەككۈردىكى ئالتىنچى سېزىم،كەينى-كەينىدىن ئاپىرىدە بولىۋاتقان قوشماق ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر ئالىمىدە قانات قېقىۋاتقان لېرىك ئىلھام سىزگىلا مەنسۇپ بولغان ئىجادىيەت خاسلىقىدۇر.بۇنداق تەپەككۈرنى سىزلا قىللايسىز ۋە تىلغا جان كىرگۈزەلەيسىز. سىزگە مىڭلارچە ئاپىرىن!...
بەت: [1]
: ئۈچىنچى كۆز - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق