ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى
بۇ مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن ئوغلانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولدى.http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012747606.jpg
ھەي نېمە دەيمىز، مەرھۇم ئوغلانىمىزنى كىچىكىمدە گېزىت – ژورناللار ۋە تېلېۋىزورلاردىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئابدۇراخمان ئابلىكىملارنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوغۇللار ئارا بوكىس پەلىيى سېتىۋېلىپ مەشىق قىلىش مودا بولغان ئىدى. مانا شۇ بىزلەرگە ئوت ياققان ئوغلانىمىزنى ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ يوللاپ قوياي دېگەن نىيەتتە ئىزدەپ شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان تەرجىمھالىنى تېپىش تەسراقكەن. ھازىر يېزىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسىبەت خەۋىرىدىن كېيىن يوللانغان تېمىلاركەن. ئويلاپ قالدىم، ئەجىبا بىرى ئارىمىزدىن كەتمىسە ئۇنى ئەسلىمەمدۇق؟! ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012818248.jpg
بەزى جايلىرىنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بوكس ھەركىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، جوڭگو بوكسچىلىق تارىخىدا ناھايىتى زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان، تۇنجى بولۇپ جوڭگودىنئاسىيا چىمپىيونى بولغان ، ئاسىيا بوكس سەھنىسىدە نۇرغۇن ماھىرلارنى قورقۇتقان بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى - ئابدۇراخمان ئابلىكىم.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى.
1995-يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىبىگە كەلدى.
ئۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، تېرنېرى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرىشىتنىڭ يېتەكچىلىگىدە كەسپىي بوكس مەشقىنى باشلىدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012845262.jpg
1998-يىلى شىنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
1999-يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ھىندىستان، كورىيە ۋە قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى يېڭىپ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا جوڭگودىن چىققان تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ قالدى.
1999-يىلى ئۇ يەنە گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيپون بولدى
2000-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012920350.jpg
2000-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پولشا ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، گەرچە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىدە پەرىق بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن چوڭ خەلقئارا مۇسابىقە تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى دەل ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا سەۋەپ بولدى.
2001-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا 3-بولدى.
2001-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى 75 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012951441.jpg
2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
2002-يىلى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
2003-يىلىغا كەلگەندە ئولىمپىكنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى- گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزىلىدىغان 28-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىستىگىدە قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان بەل كۆمۈرچەك ئۇمۇرتقىسى چىقىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە شۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
شۇنداقتىمۇ ئابدۇراخمان يەنىلا مەشىقنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇردى.
2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكسچىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى.
2008-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تېرنېر ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ئىشلىدى.
2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2009-يىلى 11-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 2-مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.
شۇندىن كېيىن بوكس سەھنىسىدىكى 15 يىلغا يېقىن ماھىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201501/21/184622l3l1s1xem5h4mo8t.jpg
مەرھۇم پەقەت بوكىسچى بولۇپلا قالماي يەنە تەرجىمانلىق، يازغۇچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.
بىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆزى تاماملاپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئۆز شاگىرتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە جوڭگو بوكسچىلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
ھەي...............ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي!
سىز ماڭغاچ تۇرۇپسىز، بىز ھەممىمىز ئارقىڭىزدىن چوقۇم بارىمىز...
ئەلھۆمىلىللا! ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي!! مەرھۇمنىڭ شىنجاڭ بوكىسچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى زور ئىدى. ياتقان يېرى ياخشى بولغاي. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي بۇئۇيغۇربوكىسئەزرىمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئېغىريوقىتىشبوپتۇ. ئامىن قېرىندىشىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى،ھەممىمىز كىتىمىز پەقەت ئىلگىرى -كىيىنلىكى ئوخشىمايدىكەن،مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي. مەنمۇ بۇ زاماندىشىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى تۈرلۈك ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىلگەن ئىدىم. كىچىكىمدىنلا دەۋرىمىز ئاۋانگارتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىم، يېشىمغا شۇنداقلا ئۆزۈم شوغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرىمغا ئانچە ماس كەلمىسىمۇ رادىئو- تېلېۋېزورلاردىن، گېزىت- ژورناللاردىن دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئاش- نان يىمەي، ئارام ئالماي دېگۈدەك كۆرۈدىغان ئادىتىم بولغاشقىمۇ، بوكسچى ئابدۇراخمان ئابلىكىم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. 90- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىمۇ ياكى 2000- يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ ئىشقىلىپ مەلۇم بىر ژورنال مۇقاۋىسىغا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئاسىيا تەنھەرىكەت چىمپپيۇنى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلۈك سۈرئىتىنى كۆرگەندىن باشلاپ، ئەزەلدىنلا باشقىچە قارايدىغان تەنتەربىيە تۈرى- بوكس ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە شۇ ۋەجىدىن ئازدۇر- كۆپتۇر دىققەت قىلىدىغان بولغان ئىدىم.
ھەي، كىم بىلسۇن، شۇم پەلەك، كاژ تەقدىر خەلقىمىزنىڭ بۇ شەرەپلىك ئوغلانىنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇ مەرھۇم ئوغلاننىڭ نۇرغۇنلىغان ئارمانلىرى بولغىيتى، خەلقىمىزگە يەنە كۆپلىگەن تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارزۇسىدا يۈرگەن بولغىيتى، ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، بۇ ئارمان، بۇ ئوتتەك ئىستەكلەر.....
بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئوغلانىمىزنى قىيالماستىن ئۇزۇتۇپ قويۇش بىلەن بىرگە، ھەر بىرىمىز ئۆز ھاياتىمىز، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قىزغىن سۆيۈپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە يارىشا ئىشلىرىمىزدا ئۇتۇقلار قازىنىشقا قايتىدىن ئىرادە قىلايلى ھەم بۇنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتەيلى. پەقەت شۇنداق قىلالىساقلا، مەرھۇمنىڭ روھى ئەمىن تاپىدۇ. :L مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي . جايى بولسۇن جەننەتتە،
بەت:
[1]
2