erkin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 18:45:20

ماۋزۇنى بولسىمۇ ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن يازايلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەليكۇم!
ئادەتتە بىز ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنى ئىزدىسەك، "ئىزدەش" كۆزنىكىگە ئىزدىمەكچى بولغان تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئىملا قائىدىسى بويىچە ياكى ئىملاغا رىئايە قىلماي يېزىپ ئىزدەيمىز. گاھىدا ئىزدىگەن تېمىلارنى تاپالىساق، گاھىدا تاپالماي قالىمىز. مەن ئادەتتە "تېلېفون" غا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەپ قالسام، ئۇنى بىر نەچچە خىل يېزىپ ئىزدەيمەن. ھەم نەتىجىگە ئېرىشەلەيمەن.
مەسىلەن: "تېلفۇن" "تېلېفون" تىلفون""تېلفۇن" ... دېگەندەك. "تېز"(ئىتتىك، چاققان) دېگەن سۆزنى "تىز" دەپمۇ ئىزلەيمەن. "كېسەك" دېگەن سۆزنى ئىزلەش توغرا كەلسە، "كىسەك" دەپمۇ ئىزدەيمەن. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.
دېمەكچىمەنكى، بىر سۆزنى نەچچە خىل يېزىپ ئىزدەش بىر خىل چوڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى! ئۇيغۇر تىلىدا 32 ھەرپلا بار. بۇ 32 ھەرپنى بىر جۈملە سۆزگىمۇ يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ:يەنى "شاكىرجان ئۆگۈنلۈككە بازارغا كىرىپ ، ماڭا يانفون ۋە ھەر خىل ژۇرناللاردىن سېتىۋېلىپ چىقماقچى"
... خاتا ئىملانى تۈزەيدىغان دېتاللار شۇنچە كۆپ. ئۇنى مىڭ مۇشەققەتتە روياپقا چىقارغانلارنىڭ ئارمىنى نېمە بولغىيتتى؟! مۇنبەرلەرگە كۆپىنچە يوللانغان "تېما"لارنىڭ ئىملاسىدىكى خاتالىق، مىللەتكە شۇنداقلا "ئانا تىل يېزىققا مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ۋىجدان ئىگىلىرىنى ئازابلايدۇ. ئىملاغا رىئايە قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن تېمىلار يوللاندى، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ئىش تۇتىدىغانلار كۆپ بولمىدى. "ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ" دېگەن نۇرانە ھەقىقەتتەكلا بولدى. شۇڭا دەيمەنكى، يوللانما - تېمىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن يازالمىساقمۇ، يوللانما - تېمىلارنىڭ ماۋزۇسىنى بولسىمۇ، ئىملا قائىدىسىگە چۈشۈرۈپ يازايلى!

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:26:39

تەشەببۇسىڭىزغا قوشۇلىمەن.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:43:42

مېنىڭ كۈنلۈك بېكەت باشقۇرۇش ۋاقتىمنىڭ 30 پىرسەنت ۋاقتى ماۋزۇ تەھرىرلەشكە كېتىدۇ، بۇ مەن دەيمەن دەپ دەپ بولالمىغان، بۇرۇن بىر قانچە رەت دەپمۇ تېما يوللىغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار تولۇق ئەمەل قىلىپ بولالمىغان گەپ ئىدى.
تېمىسىنىڭ ماۋزۇسىغا قارىسا شۇنچىلىك چۈشىنىكسىز ، كومپيۇتېردىن ياردەم سورايمەن، جىددى ياردەم......

رەسىمدە كۆرۈنگەنياردەم تېمىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ بەلگە قۇيۇلغان 4 تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى مەن تەھرىرلەپتىمەن. {:6_272:}

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:46:48

تور بېكەتتىكى ئىلگىرى كۆرگەن تېمىلارنى ئىزدەپ تاپالماسلىق، ئۆزىنىڭ تېمىسىنىمۇ ئۆزى تاپالماسلىق، يوللىغان تېمىسىنىڭ يېڭى تېمىلار قاتارىدىن ئۆچۈپ كەتسىلا قىممىتى قالماسلىق،... مەسىلىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىملانى خاتا يازغانلىق ياكى ماۋزۇنى مۇھىم ھالقىلىق سۆز بىلەن ئىپادىلىمەي ياردەم سۆزى بىلەن توشقۇزۇپ قۇيۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

omak77 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 22:24:21

مەنمۇ شۇنچە تىرىېشىپ يازىمەن يەنىلا قۇتۇلالمايمەن مۇشۇ ئېملا خاتالىقىدىن

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 22:56:13

مەن قاتتىق دىققەت قىلىمەن

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:10:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 00:23

مۇنبەردىكى ئىملا مەسىلىسى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەرگىنىڭىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. دەرۋەقە، تەۋەرۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ،تىلىمىزدا بار-يوقى 32 ھەرپنى بىر كۈندە بىردىن چىدام-غەيرەت بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر ئايدا تولۇق ساۋادلىق بولىۋېلىپ توغرا يازغىلىمۇ بولاتتى ھەم شۇنداق قىلىش-ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەقەللىي ساۋات ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ھەم باش تارتىپ بولماس بۇرچ ئىدى!تولىمۇ ئەپسۇس… خۇددى سىز تىلغا ئالغاندەك مۇنبىرىمىزگە يوللىنىۋاتقان تېما-ئىنكاسلاردا ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن كۆپ.گەرچە«ئاينىڭمۇ دېغى بار»، «ئالتۇنمۇ ساپ بولمايدۇ»غان بولسىمۇ، ئەمما ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش-تىلىمىزغا بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى بىز ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، ئۇنى زادى كىملەر قەدىرلەپ توغرا يازار!؟شۇڭا ئانا تىلىمىزغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمىتىمىزنىتېما -ئىنكاس يوللىغۇچىلارمۇ،تېخىمۇ مۇھىمى- تېما تەستىقلىغۇچىلارمۇ ئامالنىڭ بېرىچە ئىملا ئۆتكىلىنى چىڭتۇتۇش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىپادىلەشكە ئادەتلىنىشىمىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن!
ئېسىمىزدە بولغايكى: تىلىمىزدا بىر ئۆگىنىپ بولالمىغۇدەك ئۇنداق جىق ھەرىپمۇ يوق!

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:35:15

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:45:06

ھەقىقەتەن ئىسىل تېمىكەن، كۆڭۈلدىكى سۆزلەر ئىكەن. تېما- ئىنكاسنىغۇ ھازىرچە ماقۇل دەيلى، ئەمما شۇ يازغان تېمىدىكى بىرقانچە ھەرپنىمۇ جايىدا يازمايدىغان ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىدى. كۆپ قېتىملاپ ئىملاغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا تېما- ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قسىم تورداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەزەلدىن كۆنۈپ قالغان بۇ «ئادەتتىكى ئىش» دەپ قارايدىغان ئىدىيە تۈپەيلىدىن، بۇ خاتا ئىشلىرىمىز تور دۇنياسىدا، رىئال تۇرمۇشتا تەكرار- تەكرار ھالدا داۋام ئىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەرگە بۇ ھەقتە گەپ قىلساق بەلكىم، يۈزىمىزگە دېيەلمىسىمۇ كۆڭلىدە: «ۋاي ئۆتۈپ بارە ماڭە، ئەشۇ كىچىككىنە ئىملا خاتالىقى ھەققىدە بىلجىرلىغىنىڭ بىلەن سەن مەن بىلگەننى بىلەمسەن؟!» دېيىشى تۇرغانلا گەپ. شۇندااقلار بولسا مەن شۇنى ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سالىمەنكى: سىز مەيلى قانداقلا ئىش قىلىپ كېتىپ، قانداق شۆھرەتلىك نەتىجىگە ئېرىشىڭ، ئانا تىل- يېزىقىڭىزنى توغرا، ئۆلچەملىك ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز، ھۆرمەت قىلمىسىڭىز بەرىبىر سىز مىللىتىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇنچە شۆھرەت ئىگىسى سانىلالماسلىقىڭىز تۇرغانلا گەپ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت- ھەر مىنۇت ئۆز قەدىر- قىممىتىڭىزنى بۇ جەمئىيەتكە بىلدۈرۈپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئىلىم- ھېكمەتلىرى بىلەن تېپىشتۇرغان ئانا تىل- يېزىقىڭىزغا ھۆرمەت- ئېھتىرامىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن كۆرسىتىڭ!

روھلان365 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:48:03

مەنمۇ قوللايمەن
بەت: [1] 2
: ماۋزۇنى بولسىمۇ ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن يازايلى