arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 14:47:49

گوۋۇيۇەن مائاش تەڭشەش لاھىيەسىنى ئېلان قىلدى

                   گوۋۇيۇەن ئورگان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تەڭشەش
                              لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
            
    خەلق تورى بېيجىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگىراممىسى، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۇەننىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كادىرلار مىتىسترلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى خۇ شاۋيى ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سوغۇرتا تۇزۇلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. خۇ شاۋيى مۇنۇلاردى بېلدۈردى، بۇقېتىملىق ياشانغاندا بېقىلىش سوغۇرتا ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن گوۋۇيۇەن ئىشخانىسى 3 پارچە يولغا قويۇش لاھىيەسىنى تارقاتقان، بىرىنچىسى ،مەمۇرلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى تەڭشەش، ئىككىنچىسى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي مائاشىنى تەڭشەش، ئۈچۈنچىسى، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى پىنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىناتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت.ھەرقايسى ئورۇنلارگوۋۇيۇەن ئىشخانىسى تارقاتقان ھۆججەتنى ئاساس قىلىشى، توردىكى ھۆججەتنى ئاساس قىلماسلىقى لازىم.

http://tvplayer.people.com.cn/player.php/xml/L3B2c2VydmljZS94bWwvLzIwMTUvMS8yMC82ZmI0ZDc2My02MzUwLTRhMmItOGRiOS01OTAwOGQ2YTdiMTYueG1s/norecomm/1/skin/2/playerByOsmf.swf

http://politics.people.com.cn/n/2015/0119/c1001-26409733.html

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 20:30:53

بۇمۇ ياخشى بوپتۇ، مائاش ئۆسمىگىلىمۇ خېلى بولۇپ قالغان ئىدى، ھەرقانچە بولسىمۇ تەڭشەشتە چۈشۈپ كەتمەس.
خەۋەرنىڭ سۈرەتلىك قىسىمىنىمۇ تېمىغا قوشۇپ قويدۇم.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:28:49

ئاساسىي مائاشنى ئۆستۈرۈش دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغىلى خېلى بوپتىكەن. ئاساسىي مائاش ئۆسسە، مۇئاش ئۆستى دىگەن گەپ. قالغان قوشۇمچە پۇللار ئىشەنچىسىز.
تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

barhan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:47:45

ھەي بۇ ئىشلار ئەمىللەشسە بولاتتىغۇ.بۇنىڭ ئاڭلاپ مال باھاسى يەنە ئۆسۈپ كەتمىسە بولاتتى مائاش ئۆسۈپ بولغىچە ،

Maarip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:08:29

barhan يوللىغان ۋاقتى2015-1-22 10:47
ھەي بۇ ئىشلار ئەمىللەشسە بولاتتىغۇ.بۇنىڭ ئاڭلاپ مال با ...

دوستۇم سىزدە ئۆزىڭىزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ئىشنەنمەيدىغان خارەكتىر يېتىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. تېمىدا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپتىغۇ! تېخى تۈنۈگۈن ئۇيغۇرچە قاناللاردىمۇ بېرىۋاتمامدۇ دەيمەن. قاراپراق بىر نېمە دەيلى . كەلسە كەلمەس جۆيلىگەننىڭ پايدىسى يوق!!!!

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:48:19

ماي بايرىمىغا ئۈلگۇرتەلەرمىكىن،ھەممە جاي ئۆزئەھۋالىغا قاراپ دەيدىغان يەرلىرى بار ھەقىچان،يۇرتىمىزغا كەلگۈچە ھېچ بولمىسا يېرىم ياكى بىر يىل كىتەرمىكىن.

barhan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:48:11

ئىلان قىلغان بىلەن ئەمىللەشكەندە ھە دىمىسەك بولمايدۇ.شو قوشۇلدىغان پۇل قوشۇلۇپ كارتىغا كرىئگىچە مال باھاسى نەچچەئۆسۈپ بولارمىكىن دەيمىنا
بەت: [1]
: گوۋۇيۇەن مائاش تەڭشەش لاھىيەسىنى ئېلان قىلدى