بۇنى مۆجىزە دېيىشكە بولامدۇ؟ دىيابېت كېسىلىگە شىپا تېپىلدى..
ئىلاۋە:ھەممىمىزگە مەلۇم، دىيابېت كېسىلى دۇنيا مىقياسىدا ساقايماس كېسەل دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەممىمىز بىردەك ئىشىنىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ تەسىرىدىن بىزنىڭ ئېڭىمىزغا ئاشۇنداق بىر ئۇقۇم سىڭىپلا كەتكەن. بىز دۇنيادا مۆجىزە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمىز (ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەي تۇرۇپ بىرەر مۆجىزىگە ئىشەنمەيمىز.)
ھەركىم ئۆزى كۆرگەننى، ئاڭلىغاننى سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ تىلسىماتلىق دۇنيادا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە كۆپ ساندىكىلىمىز ئانچە ئىشەنمەيمىز. لېكىن بىز ئىشىنەيلى ياكى ئىشەنمەيلى، مۆجىزە ھامان يۈز بېرىدۇ.
تۆۋەندە دىيابېت كېسىلى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باقايلى:
دىيابېت كېسىلى دېگەن نېمە؟
دىيابېت كېسىلى سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئۇنىۋېرسال كېسەللىك. ئۇ بەدەندە ئىنسۇلىننىڭ كەمچىل بولۇشى، ئىنسۇلىنغا قارشى ھورمۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئىنسۇلىن رولىنىڭ نورمال بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەدەندىكى قەنت، ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان بىر خىل ئىچكى ئاجراتما كېسەللىك.
دىيابېت كېسىلىنىڭ تۈپ-ئالاھىدىلىكى: قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارى زىيادە كۆپىيىپ كېتىش بىلەن سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى پەيدا بولۇش. قان قەنتنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن بىمارلاردا «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» ئالامەتلىرى يەنى كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش ۋە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھەر خىل يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىمۇ پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغانلىرىدا كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، يۇقىرى ئوسموسلۇق كېتونسىز ھوشسىزلىنىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. كېسەللىك تارىخىنىڭ ئۇزىرىشىغائەگىشىپ كۆز، يۈرەك، مېڭە تومۇرى، بۆرەك، نېرۋا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق توقۇلما ئەزالاردا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر پايدا بولىدۇ. ئەگەر بىمارلار ۋاقتىدا، مۇۋاپىق داۋالانمىسا، يۈرەك تومۇرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش، كۆز كۆرمەسلىك، پۇت سېسىپ كېتىش قاتارلىقلار يۈز بېرىپ، بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ياكى مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
دىيابېت كېسىلىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
دىيابېت كېسىلى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بەدەندىكى ھەممە ئەزا ۋە سىستېمىلاردا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا بىمار مېيىپ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتە ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن، كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ھوشسىزلىنىش، يۇقىرى ئوسمۇسلۇق كېتونسىز ھوشسىزلىنىشلار كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. دىيابېت كېسىلى بارلار باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا يۈرەك، بۆرەك، مېڭە تومۇرى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت كېسىلى كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز تېگى قاناش، ھەتتا ئەما بولۇپ قېلىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ نەپەس يولى، ئۆت يولى ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا يۇقىملىنىش پەيدا قىلىدۇ؛ پۈتۈن بەدەندىكى ئەتراپ نېرۋىلىرىنى بۇزۇپ پۇت–قول ئۇيۇشۇش، ئاغرىش، زەخىملىنىپ ئۇزاققىچە ساقايماي سېسىپ كېتىش، چوڭ–كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ كونكرېت سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇھىت ئامىلى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىدىسىدىكى مۇرەككەپ تەسىرلەر دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدۇ. مۇھىت ئامىلى ۋىرۇس بىلەن يۇقىملىنىش بەدەن ئىممۇنىتېت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئىنسۇلىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە نېرۋا قاتارلىق روھىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىيابېت كېسىلىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
دىيابېت كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى-ماغدۇرسىزلىنىش، ئاسان چارچاش، ئېغىز قۇرۇش، ئۇسساش، سۈيدۈك مىقدارى ھەم قېتىم سانى كۆپىيىش، قورساق تېز ئېچىش ۋە ئورۇقلاش.
دىيابېت كېسلى بارلارنىڭ ھەممىسىدە تىپىك ئالامەتلەر بولامدۇ؟
دىيابېت كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بولىدۇ، لېكىن بۇ ئالامەتلەر دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولمايدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا گەۋدىلىك كۆرۈلسە، يەنە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېنىق بولمايدۇ، تەخمىنەن %30~%40 بىماردا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، باشقا تەكشۈرۈشلەردە دىيابېت كېسىلى تەسادىپىي بايقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
دىيابېت كېسىلى قانچە خىل بولىدۇ؟
ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئۆلچەم بويىچە دىيابېت كېسىلى تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ (1) 1–تىپلىق دىيابېت كېسىلى؛ (2) 2–تىپلىق دىيابېت كېسىلى؛ (3) ئالاھىدە خىلدىكى دىيابېت كېسىلى؛ (4) ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلى. كىلىنكىدا كۆرۈلىدىغان دىيابېت كېسىلىنىڭ %98 تىن كۆپرەكى 2– ۋە 1–تىپلىق دىيابېت كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
1–تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
1–تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئاساسەن ياشلار-ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن بەزى ئورۇق كىشىلەردىمۇ ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بۇ تىپتىكىلەرنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى تېز ھەم جىددىي بولۇپ، ئۇلاردا كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر ئېنىق، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ روشەن بولىدۇ. بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ ھەمدە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. بۇنداق بىمارلارنى داۋالاشتا ئىنسۇلىنغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىچىلىدىغاندورىلار ئاساسەن كار قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ تىپتىكىلەر بالىلار تىپى ياكى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان تىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي دىيابېت كېسىلىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ.
2–تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
2–تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئومۇمىي دىيابېت كېسىلىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، كۆپىنچى 40 ياشتىن ئاشقان سېمىز كىشلەردە ۋە دىيابېت كېسىلى ئىرسىيىتى بارلاردا كۆرۈلىدۇ. كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى ئاستا، ئالامەتلىرى گەۋدىلىك بولمايدۇ. كۆپ ئۇسساش، كۆپ سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بەزى بىمارلاردا كۆرۈلسا، بەزى بىمارلاردا كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ تىپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزىدە دىيابېت كېسلىنىڭ بارلىقىنى ۋاقتىدا بايقىيالمايدۇ. بۇنداق بىمارلارنى داۋالاشتا تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىللە، ئىچىلىدىغان دورىلار ياكى ئىنسۇلىن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقىيېڭى قاراشتا دىيابېت كېسلى بايقالغان ھامان ئىنسۇلىننى قىسقا مەزگىل ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر قىسىم بىمارلار ئىنسۇلىننى 3~6 ئايغىچە ئىشلىتىپ، نەچچە يىلغىچە دورا ئىشلەتمەيمۇ ياخشى تۇرالايدۇ شۇڭا، بۇ تىپتىكىلەر چوڭلار تىپى ياكى ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان تىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قانداق كىشىلەر دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتا بولىدۇ ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن تارتىپ 80~90 ياشلىقكىشىلەرنىڭ ھەرقاندىقىدا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، شۇنداقلار تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىامللىقى يۇقىرى بولىدۇ؛
ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق–تۇغقانلىرىدا دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەر؛
40 ياشتىن ئاشقان سېمىز، تامىقى كۆپ ياكى بەك قۇۋۋەتلىك يەيدىغان، ھەرىكىتى ئاز كىشىلەر؛
بالىلىرى چوڭ تۇغۇلغان ئاياللار.
دىيابېت كېسىلىگە شىپا بارمۇ؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، دىيابېت كېسىلى دۇنيا مىقياسىدا ساقايماس كېسەل دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەممىمىز بىردەك ئىشىنىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ تەسىرىدىن بىزنىڭ ئېڭىمىزغا ئاشۇنداق بىر ئۇقۇم سىڭىپلا كەتكەن. بىز دۇنيادا مۆجىزە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمىز (ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەي تۇرۇپ بىرەر مۆجىزىگە ئىشەنمەيمىز.)
ھەركىم ئۆزى كۆرگەننى، ئاڭلىغاننى سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ تىلسىماتلىق دۇنيادا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە كۆپ ساندىكىلىمىز ئانچە ئىشەنمەيمىز. لېكىن بىز ئىشىنەيلى ياكى ئىشەنمەيلى، مۆجىزە ھامان يۈز بېرىدۇ.
ھېكايىمىز مۇنداق باشلانغان:
1996-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر ياش كۈتۈلمىگەن بەختسىزلىككە يولۇقۇپ، ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرايدۇ.
ئابدۇراخمان ئىسىملىك بۇ قېرىندىشىمىز شۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشتىن كېيىن، تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەي يانپاش ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
1998-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، قېرىندىشىمىز ئابدۇراخماننىڭ نىكاھ كۈنى بولىدۇ. ئابدۇراخمان گەرچە ھەممىمىزدەك بىجىرىملىقتىن ھوزۇرلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ماشىنا ۋەقەسىدىن ساق قالغانلىقىغا شۈكرى ئېيتىپ، بەدىنىدە ئازراق نوقسانلار بولسىمۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ياشايدۇ.
2001-يىلى ئويلىمىغان بىر ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. 1996-يىلىدىكى ماشىنا ۋەقەسىنىڭ ئاسارىتىدىن ئابدۇراخماننىڭ بۆرىكى يىگىلەپ، ئاخىرى ئەرلىك ئىقتىدارىدىن تولۇق ئايرىلىپ قالىدۇ.
گەرچە ئابدۇراخمان ئۆزى ئاڭلىغانلىكى دوختۇرخانىلارنىڭ، دوختۇر-تىۋىپلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ داۋالىنىپ كېتىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلارنىڭ جاۋابى بولسا ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق جاۋابقا ئېرىشىشتىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
بىر ئەر كىشىگە ئۆزىنىڭ ئەرلىكىدىن قېلىشتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك، ئابدۇراخمان دەل ئاشۇ ھەر قانداق بىر جەبدەس ئەرمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان ئېغىر مۇدھىشلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، «دوختۇرلارنىڭ داۋالاشقا ئامال يوق.» دېگەن ئاشۇ ئېچىنىشلىق جاۋابىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويماي، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ھاياتقا بولغان ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە، 2001-يىلىدىن 2002-يىلغىچە 2 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزى ئاڭلىغان تەجرىبىلىك تىۋىپللار ۋە باشقا چوڭلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، تەجرىبە يىغىنچاقلاش، ئىزدىنىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2001-يىلى 12-ئاي ئەتراپىدا توپلىغان رېتسىپلار ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار ئاساسىدا ئۆزىگە شىپا قىلىدىغان مەھسۇلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، 2002-يىلى 4-ئايدا دوختۇرلار تەرىپىدىن «ئامال يوق» دېيىلگەن كېسەلدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
بۇ دوختۇرلار «ئامال يوق» دېگەن كېسەلدىن ساقىيىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆز كېسىلىگە شىپا تاپقان ياش كېيىنكى كۈنلەردە ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن «بۆرەك مۇتەخەسسىسى»، «ئەل ئىچىدىكى بۆرەك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن ئابدۇراخمان سىراجىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراخمان سىراجى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئازابلىق كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىدەك ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن دوختۇرلار تەرىپىدىن «ئامال يوق» لىقىدىن ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك سەپىرىگە ئاتلانغان تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنى غەمدىن خالاس قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، 2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بۆرەك كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بۇ جەرياندا نۇرغۇن بۆرەك كېسەللىك بىمارلىرىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، شۇ يەرلىكتە «بۆرەك مۇتەخەسسىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. خەلق ئۇنىڭ بۆرەك كېسەللىكىنى داۋالاش جەھەتتىكى ماھارىتىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا «ئەل ئىچىدىكى بۆرەك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى» دېگەن نامنى بەرگەن.
2008-يىلى قېرىندىشىمىز ئابدۇراخمان سىراجى دادىسىنىڭ ھەرەم سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ھاجى بولۇپ قايتقاندا ئالغاچ كەلگەن مەخپى رېتسىپلىق ئىپارغا ئېرىشكەن.
ئابدۇراخمان سىراجى ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ھەقىقىي ئىپارنىڭ راكقا شىپا بولىدىغانلىقى، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان سۈنئىي ياكى ساختا ئىپارنىڭ بولسا بۇنداق خۇسۇسىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بالىياتقۇ راكى ۋە سۇلۇق ئۆسمىنى داۋالاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دادىسى بەرگەن ئىپارنىڭ ھەقىقىي ئىپار ياكى ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ ئىپاردىن ياسالغان مەھسۇلاتنى بالىياتقۇ راكى ۋە سۇلۇق ئۆسمە بىمارىغا بېرىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بالىياتقۇ راكى ۋە سۇلۇق ئۆسمىنى تولۇق ساقايتقان.
2012-يىلى ئابدۇراخمان سىراجى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇپۇرغا ناھىيەسىدە بىر نەپەر ئاشقازىنى سېسىپ كەتكەن بىمارنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن، 2012-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن دىيابېت كېسىلىگە شىپا بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 12-ئايدىن 2013-يىلى 4-ئايغىچە، ئابدۇراخمان سىراجىنىڭ مەھسۇلاتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇپۇرغا ناھىيەسىدە 60 نەپەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارغا بېرىلگەن ھەمدە بۇ 60 نەپەر دىيابېت بىمارىنىڭ ھەممىسىدا ئالاھىدە شىپا بېرىش ئەھۋالى بايقىلىپ، ئۇلاردا كەيپىياتى ئالاھىدە ياخشى بولۇش، پۇت-قوللىرى يېنىكلەش، ئۇيقۇسى ياخشىلىنىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
ئابدۇراخمان سىراجى دەسلەپتە ئۆز كۆڭلىدە ئۆز مەھسۇلاتىنى ئىستېمال قىلغان ئاشۇ 60 نەپەر دىيابېت بىمارىدا 6 ئاي ئەتراپىدا قايتا كېسەللىك ئەھۋالى قوزغىلىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما 6 ئايدىن كېيىن بۇ 60 نەپەر دىيابېت بىمارىنىڭ ھېچقايسىسىدا دىيابېت كېسەللىك ئەھۋالى بايقالمىغان. 2 يىلدىن كېيىن قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدىمۇ ئۇلاردا قايتا دىيابېت كېسەللىك ئەھۋالى بايقالمىغان.
يۇقىرىقى باسقۇچ ۋە جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، 2013-يىلى 5-ئايدا، ئابدۇراخمان سىراجىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دىيابېتقا شىپا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
2013-يىلى 4-ئايدا، ئابدۇراخمان سىراجىنىڭ مەھسۇلاتىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىدىن بىر دىيابېت بىمارى شىپا تاپقان.
2013-يىلى 9-ئايدا، ئابدۇراخمان سىراجى مەلۇم بىر شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالىنىڭ كېسىلىنى ساقايتىپ شەھەر باشلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 8-ئايدا، ئابدۇراخمان سىراجى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە مەلۇم بىر يېزا باشلىقىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقان.
يۇقىرىقىلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە ئېنىق پاكىتقا ئاساسەن رەتلەپ چىقىلغان. بارلىق مەزمۇنلار «ئەل ئىچىدىكى بۆرەك مۇتەخەسسىسى» دەپ نام ئالغان ئابدۇراخمان سىراجىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ شىپا تاپقان كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئاساسەن رەتلەپ چىقىلغان.
ئەمدى يازمىمىزنىڭ تېمىسىغا كەلسەك:
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن، دۇنيا مىقياسىدا داۋاسى يوق، پەقەت قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ھاياتقا خەۋپ يېتىشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دىيابېت كېسىلىگە شىپا تېپىلىشنى مۆجىزە دېيىشكە بولامدۇ يوق؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا يەنىلا خەلق ئۆزى جاۋاب بەرگىنى ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن.
مەن ئابدۇراخمان سىراجىنىڭ دىيابېتقا شىپا بولىدىغان مەھسۇلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەندە بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ياكى بۇ بىر ئېقىپ يۈرگەن ئەپقاچتى گەپلەرمۇ دېگەن سوئال پەيدا بولدى ۋە 2014-يىلى 12-ئايدا ئەل ئارىسىدىكى «بۆرەك مۇتەخەسىسىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن بۇ تىۋىپ قېرىندىشىمىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش ئىستىكىدە بىر دوستۇم بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، ئابدۇراخمان سىراجى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستېمال قىلىپ شىپا تاپقان بىر قىسىم شۇ يەرلىكتىكى بىمارلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.
ئابدۇراخمان سىراجىدىن ئۇنىڭ قانداق قىلىپ دىيابېت كېسىلىگە شىپا تېپىش قەدىمىنى بېسىپ قالغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس دىيابېت كېسىلىگە شىپا ئىزدەش جەريانىنىڭ يوقلىقىنى، پەقەت بۆرەك كېسەللىكىگە شىپالىق ئىزدەش جەريانىدا ئۆزى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەھسۇلاتلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە شىپا بولۇش ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى باشقا بىمارلارنىڭ ئۇنىڭغا يەتكۈزگەنلىكى ۋە كېيىن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ھەقىقەتەن دىيابېتنىڭ شىپاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندىن سىرت، ئۆزىنىڭ ئەل ئارىسىدا خەلق تەرىپىدىن «بۆرەك مۇتەخەسسىسى» دەپ نامغا ئېرىشىپ قالغانلىقى، بۇ نامنى خەلقنىڭ ئۇ داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ يەنە ھازىرچە پەقەت بىرلا خىل بۆرەك كېسەللىكىگە ئامال قىلالمايدىغانلىقى قالغان ھەر قانداق بۆرەك كېسەللىكىنى تامامەن ساقايتالايدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭدىن «قايسى خىل بۆرەك كېسەللىكىگە ئامال قىلالمايسىز؟» دەپ سورالغان سوئالغا «سۈيدۈك ماڭمىغان ئەھۋالغا ئامال قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئوپېراتسىيە بىلەن شۇغۇللانمايمەن. ئەمما نورمال سۈيدۈك ماڭغان ھەر قانداق بۆرەك كېسەللىكىنى تامامەن داۋالاپ ساقايتالايمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.
بىز يەنە مەلۇم بىر بىمارنىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ساقىيالمىغان، دوختۇرلار ئەمدى ئۈمىد يوق دەپ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرگەن بىر بىمارنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىدەك ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشتۇق.
ئابدۇراخمان سىراجى يەنە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتە دىيابېت كېسەللىكى ئاساسلىقى 4 خىل بولىدۇ. بۇ 4 خىل دىيابېت كېسىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاشقازان مەنبەلىك دىيابېت، بۆرەك مەنبەلىك دىيابېت، نېرۋا خاراكتېرلىق دىيابېت ۋە جىگەر مەنبەلىك دىيابېتتىن ئىبارەت. ئادەتتە خوتەن رايونىدىكى دىيابېت بىمارلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى دىيابېت بىمارلىرىغا بېرىلىدىغان مەھسۇلات ئازراق پەرقلىنىدۇ. خوتەن رايونىدا ئاساسلىقى جىگەر مەنبەلىك دىيابېت كۆپ كۆرۈلىدۇ. خوتەندىكى دىيابېت بىمارلىرىغا بېرىلگەن مەھسۇلاتى ئۈرۈمچى ياكى قاراماي قاتارلىق باشقا جايلاردىكى دىيابېت بىمارلىرىغا ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم شۇ رايوننىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.»
ئابدۇراخمان سىراجى دىيابېتنىڭ شىپالىق پىرىنسىپى ھەققىدە سورالغان سوئالغا: «يىلىك كۆپەيتىش ئارقىلىق دىيابېتقا شىپا قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنى سۆڭەكتىن ئايرىلالمايدۇ. سۆڭەكنىڭ كۈچى (ئىلاستىكىلىقى) ئاشقاندا، دىيابېت كېسىلىدە ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.
ئاخىرىدا ئابدۇراخمان سىراجىدىن ھازىرغىچە قايسى كېسەللىكلەرگە شىپا تاپقانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالىمىزغا: «مەن ھازىرغىچە ئۆتكە تاش چۈشكەنلەرنى داۋالاپ باقتىپ، ئۆتكە 26 مىللىمېتىرلىق تاش چۈشكەن بىمارنى ئوپېراتسىيەسىز داۋالاپ ساقايتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ مەھسۇلاتىمنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھەر خىل تىپتىكى بۆرەك كېسەللىكى، دىيابېت كېسەللىكى، بالىياتقۇ راكى، ئاشقازان راكى، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىراپتار بولغانلار ياخشى شىپا كۆردى. ئەلۋەتتە، مەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىر ئوزۇقلۇقنىڭ ئورۇقلاش ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى ئىسپاتلاندى.
شۇڭا ھازىرغىچە ئاساسلىق دىيابېت، بۆرەك كېسىلى، بالىياتقۇ راكى، ئاشقازان راكى، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى، ئۆتكە تاش چۈشۈش ۋە ئورۇقلاش قاتارلىقلارغا شىپا تاپتىم.» دەپ جاۋاب بەردى.
بىز بۇلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئابدۇراخمان سىراجىدىن ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىكلەرگە تېپىلغان شىپالىق مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىش ئويىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ:«ئادەم ياشىغان ئىكەن، چوقۇم ھاياتىنىڭ مەنىسى بولۇشى كېرەك. ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا، قۇۋم-قېرىنداشلىرىغا، خەلقىگە قانچىلىك نەپ يەتكۈزگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مەن جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە خىل كېسەللىكنىڭ شىپاسىنى تاپتىم. ياراتقۇچىنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر ھېكمەتنى ئاتا قىلىپ، ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكىگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. ئەلۋەتتە مەندە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتمۇ يوق، پەقەت ياراتقۇچىنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ھېكمىتى بىلەن ئىزدىنىش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك شىپالىقلارنى بايقاپ چىقتىم.
شۇڭا مەن بۇ ئەمگەك مېۋەمدىن خەلقىمنى بەھرلەندۈرسەم مېنىڭمۇ ھاياتىم ھەقىقىي مەناغا ئىگە بولىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ئۆز كۈچۈمنىڭ چەكلىكلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىمنى شۇ شىركەتنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن كەڭ خەلقىمىزگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. ھازىر مەھسۇلات ئىشلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ بولدى، بىز مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەت، ماركا، ئورالما قاپ قاتارلىقلارنى تەييارلاۋاتىمىز. پات ئارىدا بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىمىز تاماملانسا مەھسۇلاتىمىز ئۈرۈمچىدىكى شىركەت تەمىنلىگەن مۇلازىمەت بىلەن قولايلىق ھالدا ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىغا يېتىپ بارغۇسى.
ئەلۋەتتە، كېسەل بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ تاماملىنىشى ساقلاپ تۇرمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىمىز تاماملىنىشتىن ئىلگىرى مەھسۇلاتىمىزغا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار بولسا، ئۈرۈمچىدىكى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى شىركەتنىڭ مەسلىھەت سوراش ۋە مال زاكاس قىلىش تېلېفونىنى قالدۇرۇپ قوياي، جىددىي ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار بولسا ئالاقىلاشسا بولىدۇ. شىركەتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى 6094848-0991 ياكى 6755592-0991.
ئەلۋەتتە، ئەگەر مەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشماقچى بولغان قېرىنداشلار بولسا، شىركەت خادىملىرى ئەھۋالغا قاراپ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. مەن پەقەت ئېھتىياجلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرگىزمۇ بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايمەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە كەڭ قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.
ئابدۇراخمان سىراجى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئارزۇ-ئۈمىدىنىڭ بارلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا: «ھازىر ھەممىلا يەردە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۇرزى چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، كۆرگەنلا ئادەم ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئالدامچى، ساختىپەز دەپ قارايدىغان ئەھۋال ئېغىر. بۇ يەردە بىر قىسىم نائۇستا تىۋىپلارنىڭ سەۋەبىدىن بولىۋاتقان ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغاندا، ئۇيغۇر تېبابىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇدەك ئىمتىيازغا ئىگە تېبابەت، چۈنكى تارىختا داڭلىق تىۋىپلىرىمىز دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تېبابىتىگە تايىنىپ دۇنيادا زور شۆھرەت قازانغان.
شۇڭا مېنىڭ ئۈمىدىم «مۇشۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەل داۋالىيالمايدۇ، پەقەت ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.»؛ «ئۇيغۇر تېبابىتى ئالدامچى، ساختىپەزلەرنىڭ جان بېقىش ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.»؛ «ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈنۈم بەرمەيدۇ...» دېگەندەك ئىشلارغا خاتىمە بەرسەك، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شۆھرىتىنى دۇنياغا قايتا تونۇتساق دېگەن ئۈمىدتىمەن ھەم مۇشۇ ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز قۇدرىتىم يەتكەن دائىرىدە بۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىش بىلەن بىرگە كەڭ خەلقىمىزنىڭ ساقلىق ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشسام دەيمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.
بىز ئاخىرىدا بۇ تىنىم تاپماي ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتقان ئىزدەنگۈچىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىنىڭ شاد-خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكلەر تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خۇشلاشتۇق ھەم بۇ خۇشاللىنارلىق خۇش خەۋەرنى بارلىق قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ھەقىقەتەن ياخشى تىما بۇپتۇئابدۇراخمان سىراجى ئاكىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن مىللىي تىبابىتىمىزنىڭ يۈزىنى تىخىمۇ يۇرۇق قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن
ھازىر بىر قىسىم ئادەملەر بار. دۇنيادا(ساقايماس) دىگەن كىسەلگە ئۇيغۇرنىڭ قولدىن شىپا بولدىغان بىر نەرسىنىڭ چىقىشغا ئىشەنمەيدۇ . راس ھەقىقىي ئىشمۇ ياكى… مۇمكىن بولسا شۇ ئابدىراخمان سىراجىنىڭ ئالاقىلىشش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟ ، ماڭا نىسبەتەن ئۈرۈمچىدىن قارىقاش يېقىن ئىكەن، ئانامدا دىئابىت كىسىلى بار ئىدى، قېشىغىلا بېرىپ باقسام دەيمەن. شۇ ئوغلانىمىزنىڭئىشلىرىنىڭتېخىمۇروناقتېپىشىغا تىلەكداشمەن.... شۇ ئوغلانىمىزنىڭئىشلىرىنىڭتېخىمۇروناقتېپىشىغا تىلەكداشمەن.... دىئابىت كىسىلنىڭتۈرى جىقبۆرەك سەۋەبىدىن بولدىغىنى ساقىيىش نىسبىتى يۇقىرى بۇ ئادەتتە ئۇيغۇر تىبابىتىدە ساختا دىئابىت دىيىلدۇلېكىنئاشقازان ئاستى بېزى سەۋەبى يەنى ئىنسۇلىن سەۋەبىدىن بولسايەنى ھەقىقىي دىئابىت بولسا ئاسان ساقايمايدۇ . بۇ ھەممە دىئابىت بىمارلىرىغا ماس كېلىشى ناتايىن. مىنىڭ دادام ۋە دادمنىڭ ئۇكىسى تەڭلا دىيابىت، ھەي . بۇ ئادەم ئەسلى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ كەتسە بولاتتى
بەت:
[1]
2