zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:14:03

华为c8813qنى قاندا ئوڭشىدىم؟

بىر دوستۇمنىڭ 华为c8813qدىن بىرسى بار ئىدى،بالىسى ئويناپ بۇزۇپ قويۇپتۇ،نورمال ئشلىمەيدىكەن(رىكۋىرغىمۇ كىرمەيدىكەن،بىراق تورغا چىقىدىكەن،كومپىيۇتىرمۇ نورمال تونىمايدىكەن،ھەممە مەشغۇلاتلارنى wifiئارقىلىق تورغا چىقىپ قىلدىم)،مىنى كۆرۇپ باققىن دىدى،مەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ،华为نىڭ زاۋۇت تورىغاhttp://www.emui.com/plugin.php?id=unlock كىرىپ زاۋۇت قۇلپىسىنى ئاچتىم،بەيدۇ روت ئارقىلىق روتلىدىم،رومنى قايتا يازماقچى بولۇپ،رونى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم،بىراق قوزغالغاندىن كىيىن lmage signature verify fail دەپ چىقىپلا تۇرىۋالدى،بەيدۇدىن ئاختۇرۇپ ئامالىنى تاپتىم.ئالدى بىلەن بىردانە سىغىمى 1Gدىن چوڭراق يانفۇن ساقلاش كارتىسىدىن بىرنى تەييارلاپ زاۋۇت ئادرىسىغا كىرىپ(http://www.emui.com/) بۇ ئادرىسقا كىرىپhttp://www.emui.com/plugin.php?id=hwdownload&mod=detail&mid=9بۇ يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىنdloadھۆججىتىنى يانفۇن ساقلاش كارتىسىغا كۆچۈرۈپ ،يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى يانفۇنغا سېلىپ مەنبە كونۇپكىسىنى ،ئاۋازنى يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش كۆنۇپكىسىنى 10سىكۇنت بېسىپ تۇرساق قايتىدىن قوزغۇلۇپ رومنى قاچىلاپ ،يېڭى ھالەتتە قوزغىلىدۇ.
بۇ مىنىڭ تەجىربەم، 华为ماركىلىق باشقا تېلفۇنلارغىمۇ ماسكىلىشى مۇمكىن،ئۇستازلارنىڭ تەنقىدى پىكرى بولسا قوبۇل قىلىمەن.

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:22:14

بۇ ئارقىلىق بەلكىم يانفۇنلىرىمىزنى يېڭى ئالغان ھالەتكە ئەكۋىلىشىمىز مۇمكىن.

سۈربۆرە يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:39:19

ھەرھالدا بۇمۇ يېڭى بىلىمكەن

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:54:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-17 22:03

بۇ بارلىق huaweiتىلفۇنلىرىغا زاۋۇت رۇمىنى يىزىش ئۇسۇلى ھەممىگە شۇ ئۇسۇلدا زاۋۇت رۇمىنى يازىدۇبۇنىڭغا رۇت ئىلىش ، قۇلۇپ يىشىش كەتمەيدۇ ئەمما 3-تەرەپ recovery قاچىلىغاندا بۇ ئىقتىدار تازا ئىشلىمەي قالىدۇ بۇ ئىقتىدار پەقەت زاۋۇت recovery دىلا ئىشلەيدۇ

پاراڭچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 16:36:50

نورمال ئشلىمەيدىكەن(رىكۋىرغىمۇ كىرمەيدىكەن،بىراق تورغا چىقىدىكەن،كومپىيۇتىرمۇ نورمال تونىمايدىكەن،ھەممە مەشغۇلاتلارنى wifiئارقىلىق تورغا چىقىپ قىلدىم
بۇ گەپلەرنى تازا چۈشەنمىدىم، نۇرمال ئىشلىمىسە قانداق تورغا چىقتىڭىز؟ يا بۇ تېلفۇننىڭ سېستىمىسى بۇزۇلمىغانمۇ؟

akram315 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:18:42

پاراڭچى يوللىغان ۋاقتى2015-1-18 16:36
نورمال ئشلىمەيدىكەن(رىكۋىرغىمۇ كىرمەيدىكەن،بىراق تور ...

خۇاۋېى c8815 تېلفۇنغا rom قاچىلىغاندىن كىيىن 3g تورىغا ئۇلانماس بوپ قالدى، بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:56:54

ياخشى   گەپ   بوپتۇ   مۇشۇسىغىمكارتىسىدىنروم   ئ‍الماشتۇرۇش   ئ‍ۈچۈنبېشىمقېتىپ   تۇراتتىمەندىكىمۇ   شۇ   تىلفۇن    ئ‍ىدى
بەت: [1]
: 华为c8813qنى قاندا ئوڭشىدىم؟