ئۇيغۇرچە غەيۋەت ۋە ئۇيغۇرچە غەپلەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-20 13:19ئۇيغۇرچە غەيۋەتۋەئۇيغۇرچە غەپلەت
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام" نامىدىكى ھېجرەت خاتېرسى ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر غەپلەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىللەتچىلىكى تولىمۇ پاساھەتلىك تىل ۋە ئوبرازلىق مىساللار بىلەن قامچىلىنىپ بارچە ئۇيغۇر سۈيۈپ ئوقۇيدىغان ھەم ئۆزىگە ئەينەك قىلىدىغان ياخشى ئەسەر بولغان ئىدى. ئەمما بۇيازغىلى تېما تاپالماي ئاران تۇرغان "كەمبىغەل قەلەمكەش" لەرگە ناھايتى كەڭ بىر تېما بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ بىر مەھەل "ئىللەت سۆكمىچىلىك " دەۋرىگە ئاساس سالدى. بۇ "تېما"شۇنىڭدىن باشلىنىپ ۋە ھەتتاكى ھازىرغىچە توختىماي يېزىلۋاتىدۇ. يېزىلغىنى ياخشى ئىقرارمىزكى بۇنىڭ ئىجابى تەسىرمۇ ياخشى بولدى. ئەمما تېما چاينالمىچىلىقى ۋە"ئۆز-ئۆزىنى غاجاش" تىن ئىبارەت بۇ ئىللەت ئەدىبىياتىمىزغا كانىدەك چاپلىشىۋېلىپ تولىمۇ تېتىقسىزلىق ھەم پەسكەشلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.
مەن بۈگۈن ئۈندىدارىمنى ئېچىلپ uysabiسالۇننىڭ ئۈندىدار سالۇنغا يوللىغان " ئۇيغۇر مىليادىرلىرىنىڭ ھازىرقى ھالى قانداق؟ " نامىدىكى ئىمزاسىزماقالىسىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى. بۇ ماقالىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىمۇ بىر ئوقۇپ ھەي .....دەپدېمىمنى ئىچىمگە يۈتكەن ئىدىم. ئەمما ئەمدى بولمىدى.....
ماقالىدا ئۇيغۇر مىليادىرلىرىدىن بىر نەچچە كىشى تىلغا ئېلىنىپ ئۇلارغا بولغان سەلبى قاراش ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ .(ئەمەلىي مىساللارنى uysabiسالۇننىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈندىكى ساندىن كۈرۋالغايسىز). دىمەكچى بولغىنى ئاشۇ مىليادىر بايلىرىمىز پۇل تېپىپتىمىش ئەمما ئىشسىزلار بىلەن كارى بولماپتىمىش.ئۇلار پۇللا تېپىپ باشقىنى ئويلىماسمىش.......
شۇ ماقالىنىڭ 4-5-ئابزاسلىرىدا "مىرەن" شىركىتنىڭ قىرغىسىتاندىكى بىر تارماق شىركىتىنىڭلا بىر كۈنلۈك كىرىمىنىڭ 500000مىڭ يۈئەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى"قىران بۈركۈت " سودا سارىيى كۆلىمىنىڭ 32000 كۇۋادىرات مىتىر كېلىدىغانلىقىنى، ھەم خوتەندە 52000 كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدە سودا سارىيى بارلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. ئەجىبا ئاشۇ "مىرەن "شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە ئون زەنجىرسىمان شىركەتلىرىدە ، قۇدرەت ھاجىمنىڭ جەمئى 84000 كۇۋادىرات مىتېرىلىق ئاشۇ سودا سارىيدائىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىغانمىدۇ ؟
ماقالىدا تىلغا ئېلىنمىغان ياكى تىلغا ئالمىغانيېقىنقى يىللاردىن بويان ئۈرۈمچىنىڭ ھۆسىنىگە ھۆسىن قوشۇپ ئارقا ئارقىدىن قەد كۈتۈرۈپ تىجارەتكە كىرىشكەن"قۇتاد "،" تەڭگە تاغ"، " جۇلا" ،....قاتارلىق سودا سارايلار تىجارەت باشلاپ مىڭلىغان ئىشسىزلارنى خىزمەت شارائىتى ۋە مۇۋاپپىق تىجارەتسورۇنى بىلەن تەمىنلەپ كىلۋاتقىننى ھەممەيلەن ئىتراپ قىلىدۇ. "ئۇلۇغ ھويلا" دەك ساخاۋەت ئىگىللىرى بىزنىلا ئەمەس قېرىنداش مىللەتلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ كىلۋاتىدۇ. بۇ مىسال ئەمەسما ؟
تېلۋۇزۇردىن " ئىگلىك سەھنىسى "قاتارلىقلاردىن كۆرىۋاتىمىزكى يېقىنقى يللاردىن بويانئۇيغۇر شىركەتلىرى " يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇكتەك" ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە باش كۈتۈرۋاتىدۇ ھەم سانىمۇ ئىنتايىن تېز ئاشماقتا. ئەلۋەتتە ئاشۇ ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاشۇ ماقالە ئىگىسى تىلغا ئالغان "ئىشسىزلار" ئەمەسما؟
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تېلۋۇزۇردىن ئۈرۈمچى "چوڭ ئۆي يىمەك-ئىچمەك شىركىتى" نىڭ خوجايىنىڭ (ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ)ئىگلىك تىكلەش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ كىلىپ دەل مىنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇساجىڭزا (قۇمقۇدۇق) تا ماشىنا كىراسىغىمۇ تۆلىگۈدەك پۇلى يوق ماشىندىن چۈشۈرۈلۋېتىلگەندىن كىيىنئاشخانىدا ئاشقان تاماقىنى تىلەپ يىمەكچى بولغاندا ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا ئاۋال بىر قاچا ئاش بىرىپ بۇنىڭ بەدىلىگە ئوتۇن يېىرىپ بېرىشنى بۇيرىغانلىقى ۋە شۇ بىر " ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىپ ھالال تائام يىيىش" تىن ئىبارەت ئەقەللى ساۋات ئاساسىدا ئون نەچچە يىل تېرىشىپ ئىشلەپ ھازىرقى مەيلى كۆلەم مەيلى ھەر جەھەتتىكى ئىناۋەت جەھەتتىن بولسۇن تۇللۇق ئاساس سېلىنغان ئۈرۈمچى "چوڭ ئۆي يىمەك-ئىچمەك شىركىتى" نى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ھەم ئۈلگىلىك بىر مىسالنى سۆزلىگىننى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە شۇ كىشىنىڭ ھازىرقى شىركىتىدىمۇ ئاز دىگەندىمۇ نەچچە يۈز "ئىشسىز" ئىشلەۋاتقاندۇ؟بۇ ھېساپ ئەمەسما ؟
بىز نىمىشقا ، نىمە سەۋەپتىن، زادى نىمە مەخسەتتە ئۆز – ئۆزىمىزنى "تالايمىز" ؟؟؟ . بۇنىڭدىن زادى نىمە نىشانغا يېتىمىز؟ ئۇيغۇر نامى شۇنچە پەس ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە مىللەت نامىغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدىغان سۆزلەرنى ، ئۇيغۇر نامىغا مەدەت ۋە مەسلىھەت بېرەلەيدىغان ئىشلارنى قىلساق ئانىمىز بىزدىن قانچە پەخىرلىنەر ئىدى ھە قېرىنداشلىرىم ؟كېسىپ ئېيتىمەنكى بۇنداق پەسكەش ماقالىلارنى يېزىشنى ئۆزىگە ئۇدۇم ۋە ۋەزىپە قىلغان قەلەمكەشلەرنىڭ (ئۇلارنى قەلەمكەش دىيىشمۇ جىنايەت ) ئۆزىنى "يازغۇچى" قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئۆزگە مەخسىدى بار دىيىش نۇمۇسسىزلىق.......
جاھان مىدىيەلىرى ، دۆلەت ئىچىدىكى مىدىيەلەر ، ئۈندىدار قاتارلىق ئاخپارات ۋاستىللرى ۋە چەتئەلدە ھېجرەت ۋە باشقا ئىلىمخومارلىق ئىشتىھاسى بىلەن يۈرۋاتقان قېرىنداشلرىمىزنىڭ يازما ھەم ئاغىزاكى بايانلرىدىن مەلۇمكى ئۇيغۇرنىڭ پەزىلتى، ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم-مەرىپەتتىكى توختاۋسىز ئۇتۇقلىرى، ئۇيغۇرنىڭ شۇ دۆلەت ۋە رايۇندىكى ئورنى، ئۇيغۇرنىڭ جاھان ئىلىم-پەن ۋە باشقا ساھەلەردەپارتىلاش خارەكتىرلىك مۆجىزە يارىتىۋاتقانلىقى ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان پاكىت.
بىل. گەيتىسكە ئوخشاش ئىزچىل دۇنيادىكى بىرىنچى باي نامى بىلەن ياشاۋاتقان ، پايدىنى سىكونىتقا بۈلۈپ ھېساپلاپ ئىقدىسادىنىڭ ئەمەليى سانىنى مەكگۈ بىلىشكە قادرى بولالالمايدىغان پۇلدارلارنىڭ يۇرتىدىمۇ ئاچلىق، ماكانسىزلىقتىن ئۈلۈپ كىتىۋاتقانلارنى ئاشۇنداق تېتىقسىز بىرنىمىلەرنى يېىزىپ ئولتۇرغانلار بىلمەمدىغاندۇ دەيمەن. ئسېىڭىزدە بولسۇنكى بىزنىڭ يۇرتىمىزدا پارتىيە-ھۆكۈمەت ، ئارمان، ئىخلاس، مىراس، ئابىدە، ئامىنە.....(ئىسمى ئاتالماي قالغان ساخاۋەتلىك كارخانلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن) قاتارلىق ئاجايىپ ساخاۋەتچى كارخانلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىدىن پۇل-مېلىنى ئايىمايدىغان ئەزىز خەلقىمىز بولغاچقا تېخىچە بىرەر ئۇيغۇر ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كەتكىننى ئاڭلىمىدۇق ياكى كۆرمىدۇق.
دىمەك بىز ئۈلگە ئالىدىغان ، بىز تەشۋېق قىلىدىغان، بىزنى نىشان مەخسەتلىك ياشاشقا ئۈندىيەلەيدىغان ئەمەلىي مىساللار ساماندەك. ئۆز-ئۆزىمىزنى تەنقىتلىسەك بولدۇ، ئەمەلىي بولغان، زۈرۈر بولغان "ئىللەت"لىرىمىزنى تۈزەتسەك تېخىمۇ بولدۇ . ئەمما ئىلمىيلىك بىلەن تەتقىق قىلماي ۋەتەكشۇرمەي تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىش تولىمۇ بىمەنىلىك.
يېقىننى مىسالغا ئالساق ئۆتكەن يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيسىدە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن قېرىنداشلرىمىز ئۆي-ماكانسىز قالدى.....بۇ خەۋەر كومپىيوتېر تورى، ئۈندىدار ۋە باشقا مىدىيەلەر ئارقىلىق تارقالغاندا پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋەھەر قايسى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپ تەشكىلىشى پۈتۈن قېرىنداشلرىمىز ئادەتتىن تاشقىرى ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇندى...... شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ دىكتورى ، ساخاۋەت ئەلچىمىز شەمىسيە ئەبەيدۇللا ۋە باشقا بىر قىسىم تور بەتلەرنىڭ مەخسۇس مۇخپىر خادىملىرى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئاپەت رايۇننىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلارغا قەلبىنى يەتكۈزۈپ تۇردى. قېرىنداشلرىمىز ئىئانە قىلغان ماددى بۇيۇمدىن ھەتتا كېرىيە ناھىيسى تۇيۇنغۇدەك ھالەتكە كەلدى.....
مانا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەت ، ياخشى كەيپىياتتىمۇ بىر قىسىم نائەھلى ، ئۆزى موچەننىڭ تۈشىكىدىن قىرىق بىر قېتىم ئۆتىدىغان ئەمما ئاشۇنداق كەچكىچە باشقىلارنىڭ تاپقان پۇلىغا كېچە-كۈندۇز ھەسەت قىلىپ ئۇخلىيالمايدىغان مۇناپىقسىمان ئادەملىرىمىز ئاپەت رايۇنلىرىغا تاپقان پۇلىنى بەرمىدى ..... دەپ تىللىمىغان ئالىمجان، ھاقارەتلىمىگەن ھېچبىر ئۇيغۇر شىركەتلىرى قالمىدى......ئىسىت دىدىم ....ۋاي ئىست دىدىم.
قوپاللىق بىلەن دىگەندە باشقىلار قان- تەر تۈكۈپتاپقان پۇلدا "ئانىمىزنىڭ ھەققى يوق".....................
ئۇيغۇرچە قانائەتچانلىققا قانچىلىك مەرد-سېخىلىق يۇشۇرۇنغىننى بىلمەي تۇرۇپئۇنى ھورۇنلۇق دەپ ئاتىغانلار ، ئۇيغۇرچە "يامان بولىدۇ"نىڭ ئارقىسىدىكى باشقىلار يېتىپ بولالمايدىغان ھەققىقەتنى خوراپىلىق دىگەنلەر، ئۇيغۇرچە يۇرۇتۋازلىقنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ، ھەقىقىي ئەركەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىللەت دەپ شايلىنى چېچىپ يۈرگەنلەر ئوزىنى بىزدىن دىمىسۇن!!!!
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۇنى ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا( قۇمقۇدۇق)تا يېىزىلدى.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق) نامىدىكى ھەر قانداق ئەسەر ئاۋال روھلان تورىدا ئېلان قىلىندۇ. ئوقۇرمەنلەر بولسۇن ۋە ياكى ھەر قايسى ئۈندىدار ۋە باشقا تور بىكەتلەر بولسۇن يازمامىنى كۈچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولساڭلار چۇقۇمباش مەنبە ئاۋال روھلان تورىنى ئەسكەرىتكەن ئاساستا ئاپتۇرلۇق ھوقۇقۇمغا ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بۇنداق دىيىشتىكى ئاساسىم بولسا مەن ئالدىنقى يىللاردا روھلان تورىدا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ماقالە ۋە يازمىللرىم بىكەت باشلىقى ئادىلجان ۋە ياكى مىنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقاتور بىكەتلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپئاندىن ئون نەچچىگە يېقىن ئۈندىدار سالۇننىڭ مەنبەنى باشقا تور بىكەت نامى بىلەن ئەسكەرتىپ قويشى ۋە شۇ تور بىكەتلەردە بولمىغۇر ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن بىر قىسىم كۈڭۈلسىز ئەھۋاللار كۈرۈلۇپ بەزى ئاۋارىچىلىق بولدى. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بۇ ئەسكەرتىشىمنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قەلبىدىن رىيا نى يىراق قىلغان، باشقىلارغا كۆز-كۆز بولمىسۇن دەپ يوشۇرۇن ياخشىلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتنى بىلمەي تۇرۇپلا ئۇنداق ئاسان بىرسىنى بىر قاراتمىلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ. تېمىدا دىيىلگەندەك ئىلگىرى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشنى نۇرغۇن داڭقى چىققان پەخىرلىك ئۇيغۇر شىركەتلىرى قالمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ياردىمىنى بىۋاستە ۋە ۋاكالىتەن يەتكۈزدى. شۇنى ئاشكارلىمىغۇچە نۇرغۇن كىشىلەر تىللىدى، ئەيىبلىدى...شۇڭا بەك ئالدىراقسان بولۇپ كەتمەي قارار چىقىرىش، بەك بىلىپ بولالمىسا قارار چىقىرىشقا ئالدىرماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن.
توردا بولىۋاتقان ئەلى مۇئەللىم ۋە زىۋىدە خانىم توغۇرلۇق پىكىر بايان ۋە فىلىملەرنى راس گەپنى قىلسام مەنمۇ بەك كۆرۈپ كەتمىدىم. ئازراقلا كۆرۈپ بولدى قىلدىم. ئۈمىدىم شۇكى :شۇلار مىللەت ۋە خىرىسقا ئۇچىراۋاتقان ئېتقادىمىزغا زىت ئىشلارنى قىلمىسىكەن. كۆڭلۈمدىكىدەك تېما بولۇپتۇ ماۋۇ، نەچچە كۈندىن باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە تورلاردا ئەلى مۇئەللىم ۋە زىۋىدە خانىم توغرىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان گەپ سۆزلىرىمىز بولۇنۇپتىمىش، ئەمما مەن ھېچقايسىسىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم ھەم خالىمايمەن، ئۇلار بىزنىڭ بىلىملىك كىشىلىرىمىز، ئۇلارنى دەيدەيگە سېلىپ، تىللاپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ زىيىنى باركىن پايدىسى يوقلا بىر ئىش، شۇڭا روھلانغا مۇشۇ ھەقتە ناگان-ناگاندا يوللىنىپ قالغان تېما ئىنكاسلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئۆچۈرۋەتتىم.
بىز ھېچ بولمىسا روھلان مۇنبىرىمىزنى غەيۋەت-شىكايەت ماكانىغا ئايلاندۇرىۋالماسلىقىمىز لازىم دەپ قارايمەن، ئاندىن باشقىلارغا مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلايمەن. نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ دەل جايىغا تېگىپتۇ. دىمىسىمۇ بىزدە ئازراق بولسىمۇ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەك. كۆزىنى يۇمۇۋېلىپلا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈش مەيلىئىجتىمائىي ئەخلاققا، مەيلى ئادىمىيلىك پەزىلەتكە بولسۇن تولىمۇ يامان ئىش. ياخشى يېزىلىغان ئەسەرئىكەن مەيلى ئاددى ئادەم بولسۇن ،مەيلى ھوقۇقدار بولسۇن ،مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ئۇلار پەقەت ئادىمىيلىك ،ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقنى قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلامىلىرىغا قارارلاشتۇرۇپ ئىش قىلىدىكەن ،ھەم قىلغان ئىشلىرىدا بۇلارنى ئاساسىي مىزان قىلىدىكەن ،ئۇ ئىش كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ،غەلبىلىك بولسۇن ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشسۇن ئۇنى خاتا دەيدىغانغا ،ئۇششاق گەپ ،غەيۋەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوبىرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ھىچقانداق ئاساسىمىز يوق . ئىنسان بولدىكەن ئۇنىڭىداكەمچىلىك ۋە ئۇششاق خاتالىقلار سادىر بولۇپ تۇرىدۇ.ھەرئىنساننىڭ قەلىبىدەئىنساننى ھەر ۋاقىت تەپتىش قىلىپ تۇرىدىغان ،بۇيرۇيدىغان ،ئىجىرا قىلىدۇرىغان ،يولغا باشلايدىغان،قىزىقتۇردىغان ،ئاگاھلاندۇردىغان ،توسۇيدىغان بىر كۈچ بولىدۇ ،ئۇ كۈچ ئادىميىلىك ،ئىنسانپەرۋەرلىك ،گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۇغۇرۇلىدىكەن ئۇ ئىنسان ھەر ۋاقىت ياخشىلقنى ئويلايدۇ ،ھەم ھەر ۋاقىت ياخشى سۆز قىلىدۇ . باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىش ھەرىكەتلىردىن خۇرسەن بولىدۇھەم ياخشى سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوللايدۇشۇنداقلا مەدەت ،ئىلھام بىرىدۇ ،ئەگەر بۇنىڭ ئەكسى بولىدىكەن ئۇ ئىنسان مىللەت ۋەتەن ئۆچۈن ئاپەت بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-18 06:46
ھارماڭ نەۋرۇز ئەپەندىم ،،،،،،تىمىڭىزنى ناھايتى سۈيۈنۈش ،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە قايتا قايتا ئۇقۇپ چىقتىم ھەم قاتتىق بىر ئويلاندىم،،،،،ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس دەيدىغان گەپ بارغۇ بىزدە،،،،،،نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى ئەمما، مۇشۇنچىلىك بولسۇن،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-1-17 14:14
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما بولۇپتۇ ماۋۇ، نەچچە كۈندىن باشقىلا ...
مەن بىر يىلدىن بېرى "ئەلى مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى" نامىدىكى ماقالىغا تەييارلىق قىلۋاتقان ھەم تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئەمما يېقىندىن بويان تور دۇنياسىنى بىر ئالغان زىۋېدە خانىم ۋە باشقىلارنىڭ ئەلى مۇئەللىم توغرىسىدىكى قاراشلىرى ، ئىنكاس پىكىرلىرى ئادەمنىڭ غىدىغىنى قوزغايدۇ. مەسىلىنى يىلتىزدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قەلەمنى قولىغا ئېلىپلا يازغان بىلەنلا بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ ھەقتە پەقەت سۆز ئاچقۇم يوق. مەيلى ئەلى مۇئەللىم بولسۇن مەيلى باشقىلار بولسۇن ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرسىدە سۆز قىلىدۇ.باشقا تورداشلارنىڭمۇ مەيلى ئوقۇرمەن سۈپىتىدە بولسۇن ياكى پىكىر قاتناشتۇرغۇچى سالايىھىتىدە بولسۇن چۇقۇم مەسىلىنى ئەمەليەتكە باغلاپ چۈشىنىشىنى ھەم سوغاققانلىق بىلەن پىكىر قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2015-1-17 15:30
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ دەل جايىغا ت ...
رەھمەت نۇرلان ئەپەندى. ئەسلىدىمۇ مەن مۇشۇنداق تېمىلاردا يازما يېزىشقا بەك ئامراق. ھەم يازغانلىرىم سىزگە ئوخشاش قەلىمى ئوتلۇق قەلەمكەش قېرىنداشلىرىمنىڭ نەزىردىن ئۆتسە ئاندىن ئۆزۈمدىن رازى بولىمەن دەپ قارايمەن. ATLAN1 يوللىغان ۋاقتى2015-1-17 21:01
ياخشى يېزىلىغان ئەسەرئىكەن مەيلى ئاددى ئادەم بولسۇن ...
ئاتلان ئەپەندىنىڭ يازمام ئاساسىدا يۈرگۈزگەن ئىلمىي مۇھاكىمىسى مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى. رەھمەت سىزگە. سىھىر يوللىغان ۋاقتى2015-1-18 04:02
ھارماڭ نەۋرۇز ئەپەندىم ،،،،،،تىمىڭىزنى ناھايتى سۈيۈ ...
رەھمەت سىھىر خانىم. ئەمما نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى دەپ تۇرۇپ دىمەپسىز. گەپ يوللۇق بولسا ، ئورۇنلۇق بولسا ئەلدىن ئايىمىغۇلۇققۇ دەيمەن؟
مەيلى قايسى نوقتىدىن پىكىر قىلايلى ھەقىقەتنى ئەمەليەتتىن ئىزدىسەكلا ھەممگە ياقىدۇ ھەم قوللايدۇ.
بەت:
[1]
2