كومپيوتېر ئاساسىي ئاپىراتىدىكى مەسىلىنى تاپىدىغان دېتال بارمىدۇ؟
ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار ، كومپيوتېر ئاساسىي ئاپىراتىنىڭ قەيەرىدىن (توك مەنبە ، cpu ،ئىچكى ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا،كۆرسىتىش كارتىسى)كاشلا چىققانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىرەلەيدىغان دىتال ياكى ئەسۋاپ-ئۈسكىنە بارمىدۇ؟ قەيەردىن تاپقىلى بۇلار؟ با سىز دىگەن نەرسە مۇشۇ شۇhttp://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.4.5ywvEl&id=39178273349&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=&abbucket=4 دەل سىز دېگەندەك مۇشۇنداق ئۈسكۈنە بار، بۇنى خەنزۇ ئۇستاملارنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىرنى سېتىۋالغان بولساممۇ بىراق خەنزۇ تىلى سەۋىيەمنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكى ھەم ئەتراپىمدا شۇنى بىلىدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغانلىقىم سەۋەبىدىن ئېلىپ قويۇپ ئىشلىتەلمەي تۇرۋاتىمەن. بۇ بەك ئەپچىل ئۈسكۈنە بولۇپ، ئاساسىي تاختىدىكى كارتا ئوقۇغۇچقا (كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەيدىغان زاپاس ئوقۇرغا) سانجىپلا، كىچىك ئېكرانىدا چىققان سان- سىفىر ۋە ئاۋازغا ئاساسەن قانداق كاشىلا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن. قىسقىسى بەك قولايلىق ئىكەن. ئەپسۇس، مەن مۇشۇنى بىلىدىغان مەلۇم بىر تورداش بىلەن بىر يىل بۇرۇن بۇ ھەقتە ئالاقىلەشكەن بولساممۇ بىراق ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتە ھىشقانچە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن ھازىر كېچىچە مەلۇم بىر جىددىي ئىشلارغا تەييارلىق قىلىش سەۋەبىمدىن بۇ نەرسىنىڭ زادى نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر ئۇچۇردىن سىزنى خەۋەردار قىلاي دەپ، مۇنبەرنى قىسقا ۋاقىت ئېچىپ، تېمىڭىزنى كۆرۈپلا بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
روھلان تورىدەك مۇشۇنداق ئىقتىساسلىقلار توپلاشقان ماكاندا بۇنچىلىك ئۇچۇر بەلكىم سىزگە ۋە سىز ئارقىلىق بىزگە ئوخشاش بىلمىگەنلەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم بولغۇسى :P ئونسۇ يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 01:55
با سىز دىگەن نەرسە مۇشۇ شۇ
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.4.5 ...
دەل ئۆزى، رەھمەت «ئونسۇ» بۇرادەر، «جام» دىن يەنىلا «ئونسۇ» چوڭ- دە :P جام يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 02:14
دەل ئۆزى، رەھمەت «ئونسۇ» بۇرادەر، «جام» دىن يەنىلا «ئ ...
ئادەمنى خىجىل قىلىپ نىمە دەيدىغانسىز ؟:ow مەنمۇ بۇ ھەقتە ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنمەن جۇمۇ. بۇرادەرلەرگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا chaqmaq137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-13 17:19
بۇ كارتا بەك قولايلىق ،مەن مەخسۇس ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى كومپىيوتېر توك يولىنى رىمۇنىت قىلىمەن مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولدى ،بىر كومپىيوتېردا چىققان سانلار بىلەن يەنە بىرسىدا چىققان سانلار ئوخشمايدىكەن ،ئۇزۇن مەزگىل ھەر خىل كومپىيوتېرلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرساق ئۆگىنىپ كەتكىلى بۇلىدىكەن ،مەنمۇ خەنسۇچە تور بەتلەردە جىق ئۇچراتتىم بۇ كارتىدا چىقىدىغان كودلارنى، لىكىن تازا كىسىپ بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن،كومپىيوتېر توك يولىدا ئىشلەۋاتقان ئىككىلىك كودلارنى 16 لىك كودلارغا ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىدىكەن . جام ، ئونسۇ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ ۋاقىت ئاجىرتىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگىنىگە كۆپ رەخمەت. مەن سىزگە يەنە بىرسىنى تەۋىسيە قىلاي. بۇ ئۈسكىنە چاتاقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېكراندا خەنزۇچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تاۋباۋ تورىدىن ئۇچۇرتىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. مانا سىزگە ئەسقاتتى.
مانا بۇ زىيارەت قىلىش ئادرىسىكەن.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z0d.6639537.1997196601.627.6IwXNK&id=8331957372
تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. مۇشۇ تور بەتتە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كارتىلار نۇرغۇنكەن. قىزىقسىڭىز كۆرۈپ باقارسىز. ahat0902 يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 22:10
مەن سىزگە يەنە بىرسىنى تەۋىسيە قىلاي. بۇ ئۈسكىنە چاتاق ...
ماۋۇ قالتىسكەنغۇ {:1_1:}
بەت:
[1]