kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 19:44:27

30ياشتا قايتا تۇغۇلۇش

30ياشتا قايتا تۇغۇلۇش
مەن بۇ يىل 30ياش،مەن يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقتەك تەمتىلەپ يۈرمەكتىمەن.
يىڭى يىلنىڭ شامىلى ئېلىپ كەلگەن يىپەك يۇلى ساداسىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى مىنى ئويغاتتى،مەن ئۈزەمنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغانلىقىمنى،30ياشقا كىرىپ ئاندىن تۇغۇلغانلىقىمنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم.
ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە قانچىلىك ئادەملەر بۇ دۇنيادا ،يەر شارى ئۈستىدە ھايات كەچۈرۈپ ئۆتتى؟ ھېچكىم سانىنى بىلمەيدۇ.دىمەك ئۇلارنىڭ سانىنى ھىسابلاپ چىقىش بەسىي مۈشكۈل.ئۇلار شۇنچىلىك كۆپ...
لىكىن ھازىرغىچە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلار ئىتىراپ قىلغان مەشھۇر كىشىلەر نىمە ئۈچۈن 100نەپەر؟
بۇ مىنىڭ قايت اتۇغۇلغان تىنىمنى ،يىڭى تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان ئەقلىمنى چوڭقۇر ئويغا سالغان ئەڭ ،ئەڭ سالماقلىق سۇئال.
مەن بۇ سۇئاللار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈم ،ئويلاندىم،مۇلاھىززە قىلدىم.ئاخىرى ئۇنىڭ يۇرۇق جاۋابىغا ئىرىشىش ئۈچۈن غۇۋا پەنجىرىدىن بىرنى تاپتىم،ئۇ بولسىمۇ ئۈزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياشاش.
ئىنسانلار ھازىرغىچە ئۆزلېرى بىردەك ئىتىراپ قىلغان 100نەپەر مەشھۇر شەخسلەر دەل ئۆزلېرى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزگىلەر ئۈچۈن ياشىغان،ئىزدەنگەن،بىرەر سىكونتمۇ ئۆز مەنپەئەتىنىڭ قۇربانى بولمىغان.
ئەركىنلىك ،ئىدىيە،مەدەنىيەت ئۈچۈن ھەر خىل شەكىللەردە كۈرەش قىلغان.
ئىنسانىيەت كور ئەمەس،ئۇلارنىڭ كۆزلېرى بۇ مەشھۇرلېرىمىزنىڭ تۆھپىلېرىنى كۈرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغاندا ئۇلارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ،نەقەدەر ئالىيجاناپ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى-دە ئۇرۇش ئۇتى ۋەيران قىلالمايدىغان ،ئوغرى ئېلىپ تۈگىتەلمەيدىغان ئىلىم بىلەن ئۇنى كىتاپتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ئابىدە ئارقىلىق تۇرغۇزدى.
دىمەككى،ئۆلمەسلىك مۇمكىن ئەمەس،لىكىن مەڭگۈ ياشاش تامامەن مۇمكىن.باشقىلارنىڭ قەلبىدە ياشاش دەل مەڭگۈ ياشاشتۇر.
قانداق كىشىلەر مەڭگۈ ياشايدۇ؟ دەل ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس،ئۆزگىلەر ئۈچۈن ياشىغان كىشىلەر مەڭگۈ ياشايدۇ.خۇددى 100نەپەر مەشھۇرلېرىمىزدەك.
مەن نىمە ئۈچۈن 30ياشتا تۇغۇلدۇم؟ چۈنكى مەن ئۈچۈن ئىلگىرىكى 30يىل ئۈزەم ئۈچۈن ياشىغان 30يىل.بۇ 30يىلدا مەن پەقەت ئۆز نەپسىم ئۈچۈن،ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ياشىدىم.بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
ئەگەر 30يىل ئۆز نەپسى ئۈچۈن ياشاش زۆرۈر بولغان بولسا ،لوتپۇللا مۇتەللىپ تۇنۇلامتى؟
بىزنىڭ مىللىتىنىز ئىچىدىكى بەزى تۆھپىكارلېرىمىز گۆدەك چېغىدىلا بۇ ھەقىيقەتنى تۇنۇپ يەتكەن.لىكىن بىزچۇ؟ بەزىلېرىمىز 80،90ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا شۇ گۆدەكلەرچىلىك ئەقلىمىزنى ئىشلىتەلمەيمىز.مانا بىزچۇ؟ 30ياشقا كىرگەندە ئاھ-ۋاھلاپ ئۆزىمىزنى قايتا تۇغدۇرۋاتىمىز،قېنى دوستۇم،سىزمۇئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ كۈرۈڭ.سىز زادى قانچە ياشتا تۇغۇلغان؟؟؟
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
2015-1-

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 00:00:01

ئۆزىنى ئىزدەش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان، چوڭقۇر خىياللارغا ۋە تەپەككۇرغا باشلايدىغان ياخشى يېزىلغان ئەسەر بولۇپتۇ.
ئاپتورغا رەھمەت.
مېنىڭ جاۋابىم: مەن بۇ يىل (40 ياش) تا تۇغۇلغان ئوخشايمەن.

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 00:39:53

مەن نىمە ئۈچۈن 30ياشتا تۇغۇلدۇم؟ چۈنكى مەن ئۈچۈن ئىلگىرىكى 30يىل ئۈزەم ئۈچۈن ياشىغان 30يىل.بۇ 30يىلدا مەن پەقەت ئۆز نەپسىم ئۈچۈن،ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ياشىدىم.بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال.

ئۆزى ئۈچۈن ياشاش يامان ئىش ئەمەس . ئالدى بىلەن ئۆزى بولغاندا باشقىلار بولىدۇ، ئۆزىنى كۈچەيتكەندە،ئۆزىگە ئىشەنگەندە ئاندىن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ . گەپ ئۆزىنىڭ قانداق ياشىشىدا، ئەلۋەتتە يەپ-ئىچىپلا ياتساق بولمايدۇدە ؟
ئۆتكۈر پىكىر ،ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ تېمىڭىزغا رەھمەت ، ئەقلى سەگەك كىشىلەر بۇ تېمىدىن ئۆزىنى تېپىۋالغۇسى .
30 ياشتا ئويغۇنۇش يەنىلا خۇش بولغۇدەك ئىش، چۈنكى سىز دىگەندەك 80-90 ياشلاردىمۇ ....( ئەلۋەتتە ئاللاھ شۇنچىلىك ئۆمۈر بەرسە )

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:34:42

bagmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:16:42

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇنداق ئاقماس پاراڭنى قىلماڭ، بىز نىمە ئۈچۈن يالغاندىن ئاقكۆڭۈل بۇلىۋالىمىز؟   ئەگەر سىز مەن كۆز قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن دىسىڭىز قىنى بىر تۆت -بەش ئادەمنى يىغىپ لىكسىيە سۆزلەپ باقمامسىز، قىنى ئەلى مۇئەللىم نىڭ تۇغرىمۇ سىزنىڭ تۇغرىمۇ ياكى ئىككىڭلارنىڭلا تۇغرىمۇ؟.....

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:21:51

bagmurat يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 16:16
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇنداق ئاقماس پاراڭنى قىلماڭ، بىز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ يازمامدا تىلغا ئالمىغان نەرسىلەر بىلەن ماڭا سۇئال قويماڭ. پارىڭىم ئاقماس بولسا ئىنكاس يازمىسىڭىز بۇلىدۇغۇ؟

جوردان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:03:46

مەن تېخى ئانامنىڭ قورسىقىدا تۇرغان ئوخشايمەن ;P كۆپ رەخمەت
بەت: [1]
: 30ياشتا قايتا تۇغۇلۇش