كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىدىن (قوزغاتقۇچ ھەققىدە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللايمەن دەپ بۈگۈن نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ.ئىنتىل سەيناسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن، بىلگەننى يوللاڭ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن دەپ. شۇڭا مۇشۇ قوزغاتقۇچ توغرىسىدا بىلگىنىمچە سۆزلەپ باقاي. خاتا ياكى كەم-كۇتا جايلىرى بولسا بىلگەنلەر تولۇقلاپ قويارسىلەر.
بەلكىم بەزى تورداشلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەندۇ، يېڭى سىستىما قاچىلىغاندا بەزىدە كومپيۇتېرنىڭ ئاۋازى چىقمايدىغان، USB ئېغىزى تونۇمايدىغان، تورغا ئۇلانمايدىغان، ئاۋاز ئېلىنمايدىغان ياكى سىمسىز تورغا ئۇلانمايدىغان ...... دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، قاتتىق دېتال ( كومپيۇتېر، تور سىمى، روتېر، ياڭراتقۇ، USB ئۈسكۈنىسى دېگەندەك) لارنىڭ نورماللىقىنى بىلگەن شەرت ئاستىدا، كومپيۇتېرىمىزغا لازىملىق قوزغاتقۇچ ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپ سىناپ باقساق بولىدۇ.
تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئامال بار تورسىز قوزغىتىش پروگراممىسىدىن بىرەرنى كومپيۇتېرىڭىزدا ساقلاپ قويۇڭ. چۈنكى كومپيۇتېرىڭىز تورغا ئۇلانماي قالسا تور بار مۇھىتتا ئىشلەيدىغان قوزغاتقۇچلار جانغا ئەسقاتمايدۇ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىستېما قاچىلاپ بولۇپ ئەڭ دەسلەپتە بارلىق قوزغاتقۇچلارنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ياكى تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ھەممىنى قايتىدىن يېڭىلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەۋسىيە قىلىدىغان تورسىز قوزغاتقۇچ بولسا:
ئىسمى: كۆپ ئىقتىدارلىق قوزغاتقۇچ ياردەمچىسى.
ئىگە تەرەپ تور بېكىتى: http://www.itiankong.net/portal.php
مەزكۇر دېتال مەخسۇس بېتى: http://www.itiankong.net/thread-343269-1-1.html
(مەخسۇس بەتتە پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ)
ئىجرا مۇھىتى: (Windows XP (x86)、Windows 7 (x86/x64)、Windows 8.1/8 (x86/x64)、Windows 10 (x86/x64
چۈشۈرۈش ئادرېسى: خەنزۇچە بىلىدىغانلار ئىگە تەرەپ تورىدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئىگە تەرەپ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
(Windows 7 (x64
http://download.itiankong.net/?name=wandrv6&os=win7.x64&ver=6.2.2014.1209
(Windows 7 (x86
http://download.itiankong.net/?name=wandrv6&os=win7.x86&ver=6.2.2014.1209
(Windows 8.1/8/10 (x64
http://download.itiankong.net/?name=wandrv6&os=win8.x64&ver=6.2.2014.1209
(Windows 8.1/8/10 (x86
http://download.itiankong.net/?name=wandrv6&os=win8.x86&ver=6.2.2014.1209
(Windows XP (x86
http://download.itiankong.net/?name=wandrv6&os=winxp.x86&ver=6.2.2014.1209
ئىگە تەرەپ تور دىسكا ئادرېس:
http://kuai.xunlei.com/d/oenJAALvJAB3eppU537
ئۆزۈڭلارنىڭ سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغىنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى: قاچىلاش ئاسان. پىرىسلانغان ھۆججەت ئىچىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئاچسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈشتە ئېچىلىدۇ.
http://data.itiankong.net/itkdx/attachment/forum/201412/24/164954gatffbj3z0u3rf3f.jpg
ئوڭ تەرەپ ئاستىدا ئىككى تاللاش بار.
بىرىنچىسى تاللاپ 开始(باشلاش) دېگەننى باسسىڭىز، قوزغاتقۇچلارنى پەقەت تاللىغان ئورۇنغا يىشىپ بېرىدۇ، لېكىن قاچىلىمايدۇ.
ئىككىنچىسىنى تاللاپ开始(باشلاش) دېگەننى باسسىڭىز، ئاۋۋال قوزغاتقۇچلارنى يىشىپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يەشكەن قوزغاتقۇچلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. (تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئىككىنچى خىل ئۇسۇل).
ھەممە مەشغۇلات بىرلا كۇنۇپكىدا تاماملىنىدۇ.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بارلىق قوزغاتقۇچلارنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: بۇ قوزغاتقۇچلار نورمال قاچىلانغان بولسا تورغىمۇ نورمال ئۇلىنىدۇ. ھېچ بولمىسا سىملىق ياكى سىمسىز تورنىڭ بىرەرسىگە ئۇلىنىدۇ. شۇڭا توردىن驱动人生 دېگەندەك تور بار مۇھىتتا ئىشلەيدىغان قوزغاتقۇچ تەكشۈرۈش ۋە قاچىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈپ، قوزغاتقۇچلارنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىقىڭ ۋە كەم قاچىلانغانلىرى بولسا مۇشۇ دېتال ئارقىلىق توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
驱动人生 ئىگە تەرەپ تور بېتى:
http://www.160.com/
ھەر قېتىم سىستېما يېڭىلىغاندا قوزغاتقۇچلارنىمۇ بىر قېتىم يېڭىلاشنى ئادەت قىلىڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يوللاندى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. مەن بىلىپ قويسام بولىدىغان بىلىملەركەن بۇ، چۈنكى مېنىڭ كومپىيۇتېر ھەققىدىكى بىلىملىرىم ئانچە ياخشى ئەمەس. ئەلشىر ئەپەندىمگە رەھمەت. مەن ياردەم سوراپ يوللىغان تېمىنى كۆردىڭىز مەن چۈشەنمىگەن بىر ئىش بۇرۇن سىمسىز تور كارتىسىغا ھېچقانداق قۇزغاتقۇچ قاچىلىمايتىم سىمسىز تور كارتىسنى نۇرمال تۇنۇيتى لېكىن مۇشۇ قېتىم بەكلا خاپا سالدى كومپيۇتېر سەۋيەم بەك تۆۋەنمۇ ئەمەس بۇرۇن نۇرمال تۇنىغان سېستىمنى قاچىلسساممۇ يەنىلا تۇنمىدى سىمسىز تور كارتسى بۇزۇلغان بولسا كۆرۈنمەستى دەيمەن يەنە بىر ئىش مەن توردىن بۇ كومپيۇتېرغا قاپ بىلەن بىر يۈرۈش كۇنۇپكا تاختىسى ئالغان شۇنى چاتقان ۋاقىتتا ھەرىپلەر نۇرمال چىقماي ئازراق كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ھەپلەشكەن ، كۆڭلۈمدە شۇندىن بىرى تۇنۇمىدىمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئەھمەد يوللىغان ۋاقتى2015-1-10 23:56
مەن ياردەم سوراپ يوللىغان تېمىنى كۆردىڭىز مەن چۈشەنمى ...
بەزى ئەھۋاللارنى كۆرمەي تۇرۇپ بىر نېمە دېيىش تەس جۇمۇ.
قوزغاتقۇچنى پات پات تەكشۈرۈپ قويمىسا بولمايدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-11 01:11
ئەھمەد يوللىغان ۋاقتى2015-1-10 23:56
مەن ياردەم سوراپ يوللىغان تېمىنى كۆردىڭىز مەن چۈشەنمى ...
مىنىڭچە بەلكىمقاتتىق دىتالداكاشلا كۆرۇلدى ياكى bios دا قاتتىق دىتال چەكلىنىپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن
ئاخىرىدا تۇرداشلارغا دەيدىغىنىم سىستىما بارلىققاتتىق دىتاللارنى نۇرمال تۇنىغاندابارلىق قۇزغاتقۇچلارنىمۇ زاپاسلاپ قاتتىق دىسكىغا ساقلاپ قۇيۇشمۇ ياخشى ئادەت كىيىن قايتا سىستىما قاچىلىغاندا بىرەر دىتالنى نۇرمال تۇنىماي قالسا ھىچقانداقدىتال ياكى تور ئىشلەتمەي يەرلىكتە ناھايىتى تىزلا نۇرمال تۇنۇتقىلى بۇلىدۇ رەھمەت،بەك ياخشى نەرسىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز. ياخشى بىلىملەركەن رەھمەت سىزگە سارسان يوللىغان ۋاقتى2015-1-11 01:09
مىنىڭچە بەلكىمقاتتىق دىتالداكاشلا كۆرۇلدى ياكى bios...
مەنمۇ بۇزۇلدىمىكىن دېسەم كومپيۇتېر بايقايدۇ قوزغىتىش پروگرامما دېتاللىرىمۇ بايقايدۇ بىرسى ھەتتا قوزغىتىش پروگراممسنى چۈشۈردى ھەم قاچىلدى لىكىن يەنلا تۇنۇمدى شۇ دېتالنى قايتا قۇزغاتسام يەنە قوزغىتىش پروگراممسى يوقلا دەيدۇ
سىموسنى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ باقتىم بولمسا ياخشى تېمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم.
بەت:
[1]
2