بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 11:17:15

دىققەت!يانفۇن ۋىروسلىرى ئۇيغۇرچە ھەرخىل ئەپ ناملىرى بىلەن يامراپ كەتتى


ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەۋھۇم دۇنيادىكى ئەزىز قېرىنداشلار،
ئەزىز تېنىڭلار ئامان بولسۇن!
سىلەرنى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قېلىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يېزىپ تېلفۇنىمنىڭ ئېكرانىنى تەۋىرتىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ۋاقىپ بولغايسىزلەر ……

يېقىنقى كۈنلەردە كۆپ تورداشلارنىڭ ئىنكاس قېلىشچە يانفۇن ۋىروسلىرنىڭ ئۇيغۇرچە ئادەم قىزىقتۇردىغان ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ تېلفۇنغا چۈشۈرۈپ قاچلىغان ھامان، تېلفۇننىڭ بۇزۇلغانلىقى بەزى تېلفۇنلار پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى يەنە بەزى تېلفۇنلارنىڭ كىسەك بولۇپ 30/40/50-يۈن تۆلەپ رىمىنۇتخانىدا سىستىما يازدۇرۇپ ئوڭشاتقانلىقى قاتارلىق كۆپ ئىنكاسلارنى قىلدى

تورداشلار تەمىنلىگەن يانفۇن ۋىروسلىرنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
كۆك ياللىق بۆرە/
چ چ ئالماسلارنى ھەقسىز يورۇتۇش دېتالى/
چ چ VIP ھەقسىز ئېچىش دېتالى/
ئويۇن پۇلى كۆپەيتىش دېتالى/
پەچەت رەسىم ياسىغۇچ/
تېلفۇن كەلگەندە چاقناش چىرقى/
قاتارلىق ئادەم قىزىقتۇردىغان ھەرخىل《ئەپ》ناملىرى بىلەن ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىق تونىغا ئورنىۋېلىپ چ چ توپلىردا تارقتىلىپتۇ، يەنە قانداق ناملارغا ئۆزگەرتىلىپ قايسى تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە رومى ئارسىغا قىستۇرلۇپ تارقىتىلدىغانلىقى بىزگە نامەلۈم ، ھەرخىل ناملارغا تەرجىمە قېلىپ تارقاتقۇچى باشقىلارغا زىيان سالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ،
بۇ ۋىروسلار توغۇرلۇق》ئالپ مۇنبەر ئەزاسى《yaylak》ئەپەندى تەپسىلى توختالغان ئىدى،
شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ بۇ ۋىروسلاردىن قاتتى ئىھتيات قېلىپ ئامراق تېلفۇنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قېلىمەن!

مىنىڭ قولۇمغا چۈشكەن ئىككى نەپەرنىڭ ۋىروسنىڭ ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ئۆزتىلدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسمى:پەچەت رەسىم ياسىغۇچ
ئومومى ئىغىرلىقى: 203kb

2-ئۆزتىلدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسمى:تېلفۇن كەلگەندە چاقناش چىرىقى
ئومومى ئىغىرلىقى:285kb


تەكشۈرلۈشچە بۇ ۋىروسلارنى تەرجىمە قېلىپ تارقاتقۇچىلار 15-ياشتىن 18-ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى،
ھەم شۇنداقلا زىيانلانغۇچىلارمۇناسىۋەتلىك چ چ نومۇر/ چ چ توپ ئۇچۇرلىرى/ ئۇچۇرلاربىلەن ج خ ئورۇنلىرغا مەلۇم قىلدىغانلىقلىرنى بىلدۈردى،
بۇبالىلار ئۆزنى ھىچكىم تاپالمايدۇ ھىچكىمنىڭ بىز بلىەن كارى يوق دەپ ئويلاپ قالغان چىغى
ئېشىنىمەنكى بۇ كىچىك بۇزغۇنچىلارنى ج خ ئورۇنلىرى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۇزغۇنچىلار چوقۇم تىگىشلىك جازاسىغا تارتىدۇ،

مۇشۇنداق بولىۋەرسە، ئۆز يېزىقىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەردىن ئۆزىمىز قورقۇپ، ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەرنى ئىشلىتەلمەي، يا بىر ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان ئىشلار چىقىدۇ،
ئۇچاغدا يانفۇن ئەپلىرنى كىم تەرجىمە قىلىدۇ؟
ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كىم ئىشلىتىدۇ؟
بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،


شەخىسلەر يوللىغان يانفۇن ئەپلىرنى، ئىشەنج قىلالمىغان ئەپلەرنى ، ئىھتىيات بىلەن چۈشۈرىشىڭلارنى ئۈمىد قېلىمەن

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 15:25:50

شۇڭا مەن ئادەتتە بىرەر نوپۇزلۇق تور بېكەت ياكى شىركەت تۈزىگەن، تەرجىمە قىلغان ئەپلەر بولسا ئىشلىتىمەن، تاغتۇرا تەرجىمە ئەپلەرنى ۋە تارقىتىلغان ئەپلەرنى ئىشلەتمەيمەن، خەنزۇچە بولسىمۇ ئەسلى ئورگان تورىدىن ياكى ئىشەنچىلىك ئەپ بازىرىغا چىقىرىلغان ئەپلەردىن تاللاپ ئىشلىتىمەن، بولۇپمۇ مەندەك يانفۇندا ھېسابات قىلىدىغانلار تېخىمۇ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇدە .

yaxlik007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:04:28

مەنبىرەرنىمۇكۆرۈپباقمىدىم.كۆرگەن بولساراسائەدىپىنىبىرەكەنمە

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:14:14

مەن بىرنى چۈشۈرگەن، ئۇچار ماشىنىنىڭ ئالمىسىنى كۆپەيتكۈچ دەپ، ئەمىلىيەتتە ئۇ :curse:

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:18:10

مەنمۇ ئۆزى قاچىلىنىپ قالغان ئەپنى ئىچىپلا 15يۈەن تىلفۇن پولوم ھاۋاغائۇچۇپ كەتتى شۇنىڭدىن بۇيان ناتۇنۇش ئەپلەردىن قاچىدىغان بۇلۇپ قالدىم

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 23:05:01

مەن بىرنى قاچلاپ تاس قالغان تىلفۇننى يوق قىلغىلى. مىڭ جاپادا يۇيۇپ چىقىرۋەتتىم.
بەت: [1]
: دىققەت!يانفۇن ۋىروسلىرى ئۇيغۇرچە ھەرخىل ئەپ ناملىرى بىلەن يامراپ كەتتى