سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 21:46:12

ئايالىمنى ئۆلتۈرۋېتىمەن!!!،،،،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-3 23:40

ئايالىمنى ئۆلتۈرۋېتىمەن

!!! ئايالىمنى ئۆلتۈرۋېتىمەن؟

بىر دېڭىزغا ئوخشىتىپ
دائىم سىنى ماختاي دىسەم،،،
........................................
ياڭراتقۇدىن تاشمۇھەممەتنىڭ ناخشىسى ياڭراۋاتاتتى،ئايالىم ئۆي تازلاۋاتاتتى،مەن كىرسىلوغا پۇتۇمنى ئېلىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ،تاماكامنى قاتتىق شوراپ تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىۋاتاتىتىم.سىزگە دىسەم تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىشتا ھەر كىمنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلى بار.مەسىلەن :يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنى ئالايلى،جاڭ جاڭ سوغۇق قىش كۈنلىرى قىپقىزىل قىزارغان مەشنىڭ ئالدىدا موخۇركىسنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىش ئىكەن ....بۇرۇن قاتتىق ياغقان يامغۇردا پىشايۋانلىق ھويلىنىڭ سۇپىسىدا يوتقانغا كىرىپ شارقىرىپ يېغىۋاتقان   يامغۇرغا قاراش -مەن ئۈچۈن ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئىش ئىدى....بىر چاغدا خۇتۇنىمدىن سورىسام ،ئالتۇن كۈز ۋاقتىدا ساپسېرىق يۇپۇرماقلار ئۈستىدە مىنى قولتۇقلاپ ئايلىنىپ مېڭىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۇزۇركەن .ھىم !ئۇخلاپ چۈشى!قېرىغاندا نىمە بار ئورمانلىقتا؟ياش ۋاقتىمىزدا سائەت-سائەتلەپ ساقلاپ سەيلىگە بارايلى دەپ يالۋۇرۇپ كىتەتتىم.مانا بەزىدە تاغ ئايلانسا بەزىدە باغ ئايلىنىدۇ،،،،،،
---تاشمۇھەممەت ناخشىنى ياخشى ئېيتىدۇ ھە -،ھەي ...ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن قانچىلىك پەخىرلىندىغاندۇ؟ سىزمۇ بىز يۈرۋاتقاندا مەن ئۈچۈن توختىماي شىئىر يېزىپ ئېلان قىلدۇراتتىڭىز ،ئى تاشمۇھەممەتتەك بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە ماڭىمۇ،،،،،بىر كىگىزگە ئوخشىتىپ
                                                                                                   دائىم سىنى ماختاي دىسەم ،،،
كۈزۈمنى يۇمۇپ ناخشا توۋلاۋېتىپ كۈلۈپ تاشلىدىم،.....بىر ،ئىككى ،ئۈچ......
--ساراڭمۇ بۇ ؟قوپسىلا نېرى!ئۆينى ئاران تازلاۋاتىمەن،سىرىتقا چىقىپ چەكسىلە تاماكىلىرنى .......مەن ئۆزلىرنىڭ مالايلىرىئەمەس،كۈندە ئۆينى ئاران تازلىسام سېسېق پۇرىتىپ كۈل قىلىپ ،سىرىتقا چىقىپ چەكسىلە بۇ بىر نىمىلىرنى ......
--ئاران بىر كەلگەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتتىگىنىدە خۇتۇندىن دەشنام ئاڭلاپ ،چاپاننى يېقىنچاقلىغان پېتى بالكونغا چىقىپ يانپاشلاپ يېتىپ خىيالغا كەتتىم.
كونىلار دەپتىكەن -يامان خۇتۇن ئۈزۈلمەس تاسما،
                        ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما
--يەنە كىم دىدى ئىسىمدە يوق.-ياخشى خۇتۇنغا ئۇچىرساڭ بەخىتلىك بولىسەن ،يامان خۇتۇنغا ئۇچىرساڭ پەيلاسۇپ بولىسەن-دەپ.ئۆزۇمنىڭ بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىسەممۇ لىكىن چۇقۇپ پەيلاسۇپ ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم.توي قىلماسنىڭ ئالدىدا ئايالىم شۇنداق ياخشىتى ،سىلەر بىلمەيسىلەر ،قەشقەرنىڭ بۇرۇن خۇتۇن تاللاشتا شۇنداق ياخشى ئادەتلىرى باركەنتۇق،.....بىر ئىككىسنى دەپ بىرەي ھە....يىگىت قىزنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ لەغمەن بىلەن مېھمان قىلىدىكەن ھەم چاندۇرماي چوكىنى تەتۈر سېپ قويىدىكەن ،قىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلماي يەۋەرسە ،بولدى -تۈگەشتى،،،،ئىقلى بار قىزلار بولسا چوكىنى ئوڭشاپ ئاندىن يەيدىكەن .ئەمما ھازىر زامان تەرەققى قىلغانسىرى بۇ چارە ئاقماس بوپ قالدى ،ھىچ بولمىسا قىزلار گاڭپەن يەيمەن دەپ تۇرۋالدىغان بولدى،قۇشۇقنى تەتۈر سېپ قويسا ،كالۋا بولسىمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى ئۇقار،مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم .بىر يىگىت بىلەن قىز توي ئىشى ئۈچۈن تۇنجى كۈرۈشۈپ بىر بىرىگە ئىنتايىن يېقىپ قاپتۇ ھەم بىر بىرىنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىپتۇ.خوشلىشىدىغان چاغدا يىگىت قىزغا تىلفۇن نۇمۇرنى يىزىپ بىرىشنى ئېيتىپتۇ ،قىز بىر پارچە قەغەزگە تىلفۇن نۇمۇرنى يىزىپ بىرىپتۇ،يىگىت قارىسا قىز ئۇ قەغەزگە تىلفۇن نۇمۇردىن باشقىنى يازماپتۇ،يىگىت شۇ يەردىلا قىزدىن ۋاز كىچىپتۇ.
نىمىشقا؟ئۇ قىز ئىسىم فامىلىسىنى يازماپتىكەن ،يىگىت شۇنڭدىنلا ئۇ قىزنى دىتى يوق ئىكەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ.مىنىڭ ئايالىم بولسىچۇ،ئۇ قانداق قىلاتتى؟--ئىسىم فامىلىڭىزنى يازماپسىزغۇ دەپ بولغىچە،-ھۇيىت غوجام ،مەندىن باشقا قىزلارمۇ بارمىتى ؟شۇنىڭ قېشىغا باماملا ئەمسە.....ئۇ چۇقۇم شۇنداق دەيتتى.ئاكامنىڭ تويىنى قىلدىغان چاغدا دادام ئاكام بۇرۇن يۈرگەن قىزغا قەتتى قۇشۇلماي ،بىر خانىم قىزنى ئېلىپ بەرگەن .ئاكام ئۇ قىز بىلەن تاماق يىمەكچى بۇلۇپ رېستۇرانغا كىرەيلى دىسە ،ئۇ قىز ئادەتتىكى تاماقخانىغا كىرسەك بۇلىدۇ دەپ ئۇنىماپتىكەن ،ئەنە شۇ ئاددى بىر ئىش تۈپەيلى ئۇلار توي قىلىپ بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنىت كۈرۈپ شۇنداق بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ.
!!!ئايالىمنى ئۆلتۈرۋېتەيمىكىن؟؟؟
-ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويىدىغان بىر ئادىتىم بار،ئۈزۈممۇ ھەيران ،ئايالىم چىداپ بۇلالماي سورىدى:نىمىگە ئۇھ تارتىلا؟نىمىلىرى كەم؟دىسىلە بى،،،،ئاسماندىكى ئاينى ئەكەپ بىرەيمۇ؟يا يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ بىرەيمۇ ؟تاغنى تالقان چۆلنى بوستان قىلىپ بىرەيمۇ جېنىم؟،،،،،ئىنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتقىنىمچە كۈزىنىڭ ئىچىگە ئۇزاق قارىدىم،بۇ قارشىمدىن ئۇنىڭ كۆزلىردىن ئاستا ئاستا ياش ئەگىشكە باشلىدى ،مىنى قايتا ئۆيلەپ قويمامسەن؟-چىرايىمنى ئۆزگەرىتمەي تۇرۇپ شۇنداق دىدىم.-زادى سىزدەك ئادەمگە چىرايلىق گەپ قىلىپ بەرگىلى بولمايدۇ ....قانداق پۇشايمىنىڭىز بار زادى؟؟؟--مەن ئۆمرۈمدە بىر ئازغان ،قاتتىق پۇشايمىنىم بەك بەك پۇشايمىنىم بار،-،،،قانداق ئازغانتىڭىز؟يەنە قانداق يېڭى يېڭى ئىشلارنى ئاڭلارمەن ھە،،،دەڭە قېنى؟سەن بىلەن توي قىلغانلىقىمنىڭ ئۈزى قاتتىق ئازغانلىقىم بولماي نىمە؟بولمىسا ئەتىراپىمدا قىزلار ئازمىتى؟مىنىڭ ئىشقىمدا كاۋاپ بۇلۇپ ساينىڭ تېشىدەك بۇلۇپ كەتكىنىنى بىلمەمسەن ؟،،،،-كىم بىلەن توي قىلسىلىرىبۇلاتتى؟دىسىلە بىر مۇرادلىرىغا يەتكۈزەي......ھېلىقى سەن بىلەن ئىشلەيدىغان كاسىر قىز نەدە قالغان بولغىيتى دەيمەن؟،،،--ئۇ ياقامغىلا ئېسىلدى ۋە مىنى تۇرغۇزۇپ كەينىمدىن قۇچاقلىدى.....يۈرىڭە سىزنى خوش قىلىدىغان بىر نەئاسە كۆرسىتەي....دىگىنىچە مىنى ئاستا ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە -ئىشىكنى ئېچىڭە جېنىم .،،،،،ئۇ مىنى بىرلا ئىتترىپ ئۆيدىن چىقىرۋېتىپ ئىشىكنى شۇنداق قاتتىق ياپتىكى ،ئەيھانناس!،،،،،،،،،،،
ئۇدۇل قوشنام بېشىنى ئىشىكتىن چىقىرىپ شۇنداق سەت ھىجىيىپ تۇرۇپ سورىدى:ئۆدىن ھەيدەپ چىقاردىما؟؟؟-ياق ئۇيۇن ئويناۋاتىمىز.خۇتۇن ئەمسە مەن پەسكە چۈشۈپ چىقاي ،چۈشتە ئۈزۈپ تاشلاپ مىفەن ئىتىپ قويۇڭلا-ھە!!!مەن پىتىمنى بۇزماي پەسكە چۈشۈپ كەتتىم ،ئەمما ئاۋۇ قوشنامنىڭ سەت ھىجىيىشى جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى....ئۇنداق مىنى
خەقنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويغان خۇتۇننى ئۆلتۇرۋېتىمەن ،ئۇرسام يامانلايدۇ .خۇتۇنۇمنىڭ بىر قىززىق يامانلىشى بار،خۇتۇن كىشى يامانلاپ تۇردۇ ھە-!ئەمما ماۋۇ خۇتۇن يامانلىسا
ئۈزنىڭ ئەمەس مىنىڭ ئاپامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ يامانلايدۇ،مەن بىچارە بولسام ھېلىقى ئۆيدە بىر كۈن ياشايمەن ،ئەتىسى يەنە ئاغىنىلىرىم بىلەن بۇلۇپ ئۆگۈنى ئاندىن خۇتۇن ئىسىمگە كىلىدۇ .ئۇنىڭ ئەتىسى سەھەردە شىپ شىپ قىلغان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كىتىمەن ،ئۇ قايتىپ كىلىدۇ ،يوتقانغا بېشىمنى پۈركەپ ھىجىيىپ ياتىمەن .كۈنلىرىم بۇرۇنقىدەك ،
ئەمما ئاپامنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزۈمنى قويمىسا يا.....ئۆلتۇرۇپلا قۇتۇلمىسام خەپ ........................بالكوندا يانپاشلاپ يېتىپ مۇشۇ خىياللارنى سۈرۈپ چىقتىم.ئۇنى قانداق ئۆلتۇرۈش
كىرەك؟،،،،
ئەمما ئۇنى چۇقۇم ئۆلتۇرۋېتىمەن ،،،،،
ئۇنى قانداق ئۆلتۈرۈش كىرەك؟،،،،،،،،،ئۇ بالكۇندا دېرىزە سۈرتىۋېتىپتۇ ،قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگۈم كەلمەيۋاتاتتى.......
--...تۇغماس تۇخۇ ياتىدۇ ئۇۋىلىقنى ئىگەللەپ
       تۇخۇم تۇغقان كوچىدا يۈرەر سەرسان ھەسسىلەپ.
مۇشۇ شىئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدە ئۇ قانداق ئەسكىلىك قىلغان ھە --مىنى بەك يالۋۇرتقۇزغان......ئۆلتۇرۋېتىمەن !يۈگۈرۈپ بېرىپلا ئۇنى دېرىزىدىن ئىتتىرۋەتتىم .ئا.....................
گۈپ -،،،،،،،دەرھال بېرىپ تىلۋۇزۇرنى تازا يۇقىرى ئاۋازدا قويدۇم -دە ھىچنىمىنى بىلمىگەندەك تېلىۋۇزۇر كۈرۈشكە چۈشتۈم .گوم گوم گوم گوم-....چۇقۇم قوشنىلار ‹ۋاي ئايالىڭىز بىنادىن چۈشۈپ كىتىپ ئۈلۈپ قاپتۇ تىز بۇلۇڭ›دەيدۇ.ئەمدى كىمنى ئالسام بۇلار...ھە،دەل شۇ قىزنى ئالاي،ئىشىكنى ئاچتىم ،ئاچتىم ئەمما قېتىپلا قالدىم .ئايالىم جەينىكىنى ئۇۋلىغىنىچە كىرىپ كەلدى.ياق چۇقۇم ئۇنىڭ ئەرۋاھى........تىلىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى........ۋاي ،ئاۋايلىماي دېرىزىدىن چۈشۈپ كەتتىم ........-قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ -ھە،بىر كۆز
ئەينەك قالغان سۈرتىۋېتەي،سەل تۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي .ئۇ يەنە ‹ تۇنجى مۇھاببەت ›كە يەڭگىل غىڭشىپ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.
كۈل بۇلۇپ كەتسىمۇ بىز چۈشكەن سۈرەت ،
نىمىشقا ئۇنتۇلماس تۇنجى مۇھاببەت.
رامبو خۇتۇن ،شىۋاشىنگىرمۇ يا!!؟ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يىل ئۆي تۇتىۋاتقىنىمنى ئويلاپ تەنلرىم شۈركىنىپ كەتتى.مەن ئۇنى نەچچە قېتىم ئۇرغىنىمدا جىملا تۇرغان،سىلەرگە دىسەم خۇتۇن كىشىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئېرى ئۇرغاندا ئېرى بىلەن تەڭ تۇردىغىنى ،،،،تاياق يىگەندە يەرگە قاراپ "كەچۈرۈڭ "دىسىلا ھەر قانداق ئەر كىشى ئىرىمەي قالامدۇ ...؟
بەزى خۇتۇنلار تېخى ئىرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ مىنى ئاتا ئاناممۇ ئۇرۇپ باقمىغانەي ،،،،ئۇ-بۇ-،،،،دەيدىكەن .لىكىن مىنىڭ مىجەزىمنى ئايالىم بىلەتتى ،ئاچچىقىم شۇنداق تۇتقاندا جىملا تۇرۋالاتتى،كىيىن كەيپىياتىم ئوڭشىلىپ قالغاندا -‹پالانى كۈندىكى پۇستانى ئىش ئەسلىمۇنداق ئىدى ،ئەمما سىز مۇنداق قىلدىڭىز ،مۇنداق دىدىڭىز ›دەپ چۈشەندۈرۈپلا قوياتتى يۇ ،قايتا يۈزۈمگە سالمايتى.ئەگەر شۇ چاغدا مىنى بىرلا قويغان بولسا ،ئاقىۋىتى نە بۇلۇر ئىدى -ھە......؟
مىنىڭچە ئۇ چۇقۇم مىنىڭدىن ئۆچ ئالىدۇ ،شۇڭا ئۆچ ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆلتۇرۋېتەي،،،،--يۈرە سىرىتقا چىقىپ پەيزى بىر تاماقخانىدا تاماق يەپ كىرەيلى،ھەقاچان ھېرىپمۇ كەتتىڭ،،،،،--ھە مەيلىغۇ ،ئەمما كوچىدا يەنە باشقا قىزلارغا قاراپ لىۋىڭىزنى تامشىپ ماڭسىڭىز قانداق قىلىمەن ؟
--قانداق قىلاتتىڭ مىنى ئاپىرىپ مېھمان قىلىسەندە --،،،،
ئۇنىڭ ھالقا ،زەنجىر سېلىشىغا قاراپ تۇراتتىم،ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويغان ۋاقتىم ئىسىمگە كەپ قالدى.....قۇلىقىڭىزدىكى ھالقا بوپ قالسام ھە--
--قانداق قىلاتتىڭىز؟
--كۈندە قۇلىقىڭىزغا تاتلىق پىچىرلاپ بىرەتتىم -،،،ئۇ ۋىللىدە قىزىراتتى -دە يەرگە قاراپ ئولتۇرۋالاتتى.
--زەنجىرىڭىز بوپ ئالسام ھە--
--قانداق قىلاتتىڭىز ؟
كۈندە يۈرىكىڭىزنىڭ سۇقۇشىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم-.....ئۈزىكىڭىز بوپ قالسام -ھە-....-
ئىللىق ئالقىنىڭىزدا ئەللەيلىنىپ ،نازۇك بارماقلىرىڭىزغا ئېسىلىپ .....ھەي مەڭگۈ سىز بىلەن ياشىسام دەيمەن .توي قىلايلى،،،،،،،
يەنە نىيتىمدىن يېنىپ قالدىم.ئۆلتۇرمەيمۇ يا--!؟
ئەمما ئۇ مىنىڭ تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشىمغا بەك ئۆچ ئىدى ،ئۈزى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا سەل كالۋا ئىدى ،يېنىمدا كامادەك قاراپ ئولتۇرۇپ پىنگىۋىندا
باشقىلارغا يازغان خېتىمنى ‹ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىۋاتىمەن ›دىسەم -،ھە دەپلا ئولتۇراتتى.تولا مۇنبەردىن چىقمىسام ،بىر قېتىم نەدىن بىلدى بۇ گۆشنىڭ ئەسكىسى تۇخۇ تاشلىقى ،
ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى ،،،،،دەپ شىئىر تۇقۇۋاپتۇ ،ئەمما ئاچچىقىم جېنىم چىققۇدەك كەپتىكەن ،ئون كۈنگىچە گەپمۇ قىلمىغان ئىدىم.
زادى ئۆلتۈرۋېتەي.......
يولدىن ئۆتكۈچە چاققانلىق بىلەن ئۇنى ئىتتىك كىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئىتتەردىم ،ماشىنا "جاڭ"لا قىلدى-دە ،قاتتىق تۇرمۇز قىلىپ توختىدى .ئايالىم سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغان تۈلكە جىندەك ھاۋايى مۇئەللەقتە بىر موللاق ئاتتى -دە يەرگە يىقىلدى،يىقىلدى يۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئۇدۇل قورقىنىدىن غال غال تىتىرەپ تۇرغان شوپۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ ،ئۇنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ ماشىنىدىن چۈشۈردى،،،،--ھۇ خۇمسى ئادەم جىق بولغاندىكىن چۈشۈپ ھەيدىسەڭ بولمامدۇ تەرەكتۇرۇڭنى ،،،ما ئىرىم مەندىن ئايرىلسا .ئېلىپ بىرىدىغان ئىگىچە سىڭلىڭ بارمىتى يا؟ئالە پىراۋاڭنى ،نەدە يۈرۈپ ئالغان نىمە ئۇ؟!!!،،،،،،،،
يا پاناھ،،،،،ئايالىمنىڭ مۇنداق سەت تىل بىلەن ئادەم تىلللىغىنىنى كۈرۈپ باقماپتىكەن مەن ،ئايالىم پىراۋىنى ئالدى دە پارچە پارچە قىلىپ شوپۇرنىڭ چىرايىغا ئاتتى ۋە مېنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى.
كېچە،ئۇ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى،مەن بولسام چىلىق -چىلىق تەر ئىچىدە تېلىۋىزور كۆرۈۋاتىمەن.مەن ئادەم ئەمەس ئالۋاستى بىلەن ياشاپتىمەن ئەمەسمۇ....!!!!
تېلىۋىزور كۆرگۈچىلەر دىققەت:بۈگۈن سائەت 19:00دا قەشقەردىكى داڭلىق سودا سارىيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن كىشىلەر خارابىلىك ئاستىدا قالدى،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ئىكەن .ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ ،،،،،--ھەببەللى!ئەمدى ياخشى بولدى ،ئالدىراپ بىنانىڭ كەينىگە ئۆتتۈم -دە ،ئورەك كولاشقا باشلىدىم .ئايالىمنى چاچتىن سۆرەپ كۆمىۋېتىپلا ،ساقچىغا تىلفۇن قىلىپ ‹ ئايالىم ئاشۇ سودا سارايغا نەرسە كىرەك سېتىۋالغىلى كەتكەن ›......دەپلا مۇرادىمغا يەتمەمدىم،،،،،ئۇنى راستىنلا كۈمۈۋەتتىم ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم .
بىردەمدىلا بىر توپ ساقچى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ كەلدى،مەن بىر نىمەن دەي دەپ بولغىچە ساقچىلار مىنىڭ قۇلۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى . كىمدۇر بىرى چىقىپ قاراپ بېقىڭلار بىنا ئەتىراپىدا يېڭى كولانغان يەر بارمىكىن ؟مۇشۇنىڭ بىلەن شەھرىمىزدە 47 ئەر ئايالىم سودا سارايدا ئۆلدى دەپ --ئايالىنى ئۆلتۇرۋەتكەن ،،،،،لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .
--تۇرىڭە ....تۇرىڭە ..،تاماق پىشتى -،،،تۈرمىدە ئوخشايمەن .كۈزۈمنى ئاچتىم ،ئايالىم بېشىمدا قاراپ تۇراتتى ،،،يەنە شۇ بالكونىمىز ...........................ئاھ خۇدا!!!!
چۈشۈم ئىكەن ،مەن سەكرەپ تۇرۇپ ئايالىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم !!!خۇتۇن سەندىن ئايرىلالمايمەن.


مەنبە ئۇيكاتىپىم ئۈندىدار سالونىدىن ،،،،،،













arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 00:03:14

كىمىدۇ ئەمدى بۇقارا قىشتا ئۆيىگە ئوت قالاپ. تامىقىنى ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغان ئايالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپبالا-قازا تېرىماقچى بولغان؟.....دەپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرسەم، كۆرگىنىم بۇ بولدى...
نېمىمۇ قىلارمىز مۇشۇنداق جۆيلۈپ!؟ كىم بىلىدۇ. ئاغزىمىزدىن 24 سائەت چىقىپ كەتسە، بۇ تىلەككە يېتىسىز تېخى غوجام. شۇڭا بۇنداق تېتىقسىز چاقچاقنى ئېغىزدىن چىقارماسلىق، ھەتتا خام خىيال شەكلىدىمۇ ئويلىماسلىق كېرەك!!!!

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 01:15:26

رەھمەت سىزگە ئ‍ەركىزات ئ‍ەپەندىم،،،،،قارىسام خېلى تەربىيۋى ئ‍ەھمىيىتى باردەك قىلدى شۇڭا يوللىغان ئ‍ىدىم،،،،،

چاقنار يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:30:48

كىمدۇبۇخوتۇن ئالماقنىڭ تەسلىكىدە تەييار خوتۇننى ئۆلتۈرۋەتكىلى قوپقاندەپيۈگۈرۈپ كىرسەم،،،تازاقىزىق يۇمۇر ئىكەن:lol

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:15:13

ياقتۇرغان بولسىڭىز خوش بولدۇم،،،،،،

alxir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:50:11

لېكىن سەل چۇۋالچاق تۇيۇلدى ماڭا:lol

جوردان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:51:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ تىمىنى كۇرۇپكۇلۇپ...كۇلۇپ....كۇلۇپ...تاسلا قالدىم ...............ئۇلۇپ كەتكىلى .;P

8584013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:10:30

ئالامەت ياخشى يېزىلىپتۇلىكىن ................. بۇنداق خىيال قىلىشخەتەرلىك

menggutash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:30:11

مەن بۇ ئەسەرنى خەنچە ماتېريالدا ئوقۇغان قسىمەن يەرلىرى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ ، قانداقلا بولمىسۇن قالتىس چىققان ئەسەر بۇ

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:54:24

"ئايالىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن" دىگۈچە " ئايالىمنى تىللايمەن" دىمەمدۇ دەيمەن، خوتۇن ئالماق تەس تۇرسا ھازىر.{:6_263:}
بەت: [1] 2 3
: ئايالىمنى ئۆلتۈرۋېتىمەن!!!،،،،