ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 18:23:20

مۇزىكىلق ئالبۇم ئىشلەش دىتالى ‹ يىڭى يىللىق سوۋغا›

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-2 01:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى مۆھتىرەملەر شۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!! يىڭى يىلدا يىپيىڭى قىياپەتلەر،خۇشاللىقلار، بەخىت-سائادەتلەر ھەر قايسىڭلارغا بولسۇن!!


نەخ گەپكە كەلسەم، بىر نەچچە كۈن ئالدىدا توردىن بىر دىتال چۈشۈرگەنتىم، يەنى مۇزىكىلىق ئالبۇم ئىشلەيدىغان دىتال. دىتالنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن يىشىپ ئاچتىم، ئىچىلىپلا كۆزۈم دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە چۈشتى، لاھىيلىنىشى ئاددى، ئادەمگە بىر خىل ئازادىلىكنى ھىس قىلدۇردىكەن، ھەم ئادەمگە بۇ دىتالنىڭ مەشغۇلات تەرتىپلىرىنىڭ ئاددى ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇنى بىرىدىكەن.

دىتالنى سىناشنى باشلىۋەتتىم، سىناش جەريانىدا راس گەپنى قىلسام بۇ دىتالنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئىقتىدارى كەسپى لاھىيەلەش، كىرىشتۈرۈش دىتاللىرىغا يەتمىسىمۇئىشقىلىپ ئادەمنى رازى قىلالايدىكەن.

شۇ سەۋەپتىن يىڭى يىللىق قىلىپ ھەر قايسىڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىلەرگىمۇ ياراپ قالغۇسى


دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

1. رەسىمگە ناخشا-مۇزىكا كىرگۈزۈپ مۇزىكىلق ئالبۇم ئىشلەش.
مەن بۇ دىتالغا 108 پارچە رەسىم كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا يەنە مۇزىكا قوشۇپ ئالبۇم ئىشلەپ باقتىم، بۇ دىتال قانچە تال رەسىمنى قوللايدۇ بۇ ماڭا نامەلۇم.


2. ئالبۇم ئىشلەش ئۈچۈن دىتالغا كىرگۈزۈلگەن رەسىملەرنىڭ يۈزىگە ئۈنۈم قوشۇش.
سىز ئالبۇم ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىغان خالىغان بىر رەسىمگە ياكى بارلىق رەسىملەرنىڭ يۈزىگە. گۈل، يۈرەك، كىپىنەكقاتارلىق 87 خىل ھەر خىلدىكى ئۈنۈملەرنى قوشالايسىز.


3. رەسىم يۈزىگە ھەر خىل رەڭدەئۇيغۇرچە، لاتىنچە،... قاتارلىق يىزىقلاردا ھەر خىل مەزمۇندىكى خەتلەرنى يىزىش.
سىز رەسىملەرنىڭ يۈزىگە 48 خىل رەڭدە ھەر خىل ئۇسلۇپتا خەت يازالايسىز، سىز بۇ دىتالنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نۇرمال تونىماسلىقىدىن غەم قىلماڭ.چۈنكى بۇ دىتالدا 60 خىلدىن ئارتۇق فونت شەكلى

بار بۇلۇپ، بۇلاردىن بىزلەگە تونۇشلۇق بولغانلىرى ھەم يىزىقىمىزنى قوللايدىغانلىرىدىن:


ALKATIP

ALKATIP BASMA

ALKATIP BASMA TOM

ALKATIP TOR

ALKATIP TOR TOM

ALKATIP UI

microsoft uyghur


قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ناھايتى چىرايلق قوللايدۇ.


4.رەسىملەرنى رەڭگارەڭ بولغان 35 خىل رامكىغا ئىلىش.

5.مۇزىكا ۋە رەسىملەرنى ھەر خىل فورماتتا مۇزىكىلىق ئالبۇمغا ئايلاندۇرۇش
سىز بۇ دىتالدا مۇزىكا ۋە رەسىملەرنىئاندىرويىد، ئايفون، ئايپەد، قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قوللايدىغان قىلىپ15 خىل فورماتتا مۇزىكىلىق ئالبۇمغا ئايلاندۇرالايسىز.


ئىجرا مۇھىتى: Win2003, WinXP, Win2000, Vista, Win7

يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكۈچى بولغان ئۆزۈڭلار بىلىۋىلىڭلار، ھەممىنى دەۋەتسەم قىزىقىشىڭلار سۇسلاپ قالمىسۇن :lol


دىتالدىن بىر كۆرىنىش:


دىتال ئۈنۈم رەسىملىرى:






چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://zj.downxia.com/down/aiqi-pictures-to-video.rar?vspublic=98121466744730f6bbd739c1e8c2f971.exe
http://www.downxia.com/downinfo/19587.html

http://cnc.downxia.com/down/aiqi-pictures-to-video.rar?vspublic=98121466744730f6bbd739c1e8c2f971.exe

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 18:29:14

بۇ دىتال تورسىز مۇھىتتىمۇ نۇرمال ئىشلەيدۇ

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 19:28:41

رەخمەت مەنمۇ ساقلىۋالدىم

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 20:00:57

ياخشى بىر دېتالنى مۇنبەرگە ئېلىپ كەپسىز ، رەھمەت سىزگە .

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 20:51:44

ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى2015-1-1 20:00
ياخشى بىر دېتالنى مۇنبەرگە ئېلىپ كەپسىز ، رەھمەت سىزگە ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت {:1_1:}

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 21:05:55

ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 22:20:45

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2015-1-1 21:05
ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 23:18:09

بەك ياخشى دېتال سونۇپسىز، بۇ كۆپچىلىك روھلان ئەھلى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل بىر يېڭى يىللىق سوۋغا ئىكەن. رەھمەت سىزگە! مەنمۇ چۈشۈرۋالاي.
سىز شۇنداقلا كۆپچىلىك مۇنبەرداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك، بەخت ۋە خوشاللىق يار بولسۇن!

xatmen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 00:20:07

:lol:lol:lol بۇ دىتالنى ئالامەت ياقتۇرمۇدۇم جۇما

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 00:45:53

جام يوللىغان ۋاقتى2015-1-1 23:18
بەك ياخشى دېتال سونۇپسىز، بۇ كۆپچىلىك روھلان ئەھلى ئۈچ ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت :handshake
بەت: [1] 2 3 4 5
: مۇزىكىلق ئالبۇم ئىشلەش دىتالى ‹ يىڭى يىللىق سوۋغا›