ئادەتتىكى يانفۇندا 3D رەسىم تارتىش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلا ، يېڭى ژىلىڭلاغا مۇبارەك بوسۇن
نەخ گەپكە كەلسەم ، مۇشۇ 3D غا دائىر قىزىقىش سەۋەبىدىن بىر يېڭىلىقنى (بەلكىميېڭىلىق ئەمەستۇ) بايقاپ قالدىم . ئاۋال 3D كۆرۈنىشنىڭ قانداق بولىدىغىننى ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرەي .3D كۆرۈنۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى ، جىسىملارنىڭ نېرى يېقىنلىقىنى كۆرۈپ بىلگىلى بۇلىدۇ . 3D رەسىمگە قارىساق ، رەسىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ۋە مەنزىرلەر خۇددى دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاندەك سىزىمدە كۆرۈنىدۇ .
ئەمدى بىز ئۆزۈمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي يانفۇنىدا مۇشۇ خىل ئۈنۈمدىكى رەسىمنى كۆرمەكچى بولساق قانداق قىلىشىمىز كىرەك ، قانداق تېخنىكا ماتىريالغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ؟
ھېچقانداق!!
پەقەت كۆرۈش شەكلىمىزنى ئازراق ئۆزگەرتسەكلا بۇلىدۇ .
قانداق ئۆزگەرتىمىز؟
ئوڭ كۆز ۋە سول كۆزنىڭ كۆرۈدىغان ئوبىكتىنى بىرلەشتۈرسەكلا بلىدۇ .
قانداق بىرلەشتۈرمىز؟
ئادەتتە بىز يىراققا قارىساق يېقىندىكى جىسىم قوش كۆرۈنىدۇ . ئەگەر ئىككى بارمىقىمىزنى چىقىرىپ كۆزدىن بىر نېرىراق تۇتۇپ قارىساق يىراقتىكى مەنزىرە قوش كۆرۈنىدۇ ئىككى قولىمىز نورمال كۆرۈنىدۇ . ئەگەر يىراقتىكى مەنزىرگە قارىساق ئىككى بارمىقىمىز ئۈچ كۆرۈنىدۇ . دەل ئوتتۇردىكى بارمىقىمىز بىز كۆرمەكچى بولغان سىتروللۇق 3D ئۈنۈمدىكى كۆرۈنىشتە بولىدۇ . كۆز قارچۇقىمىزنى قىمىرلاتماي تۇرۇپ بارمىقىمىزغا سىنچىلاپ قارىساق بارمىقىمىز ئېنىق كۆرۈنگەندە بىز كۆرۈش شەكلىمىزنى ئۆزگەرتىشنى بىلگەن بولىمىز .
ئەمدى تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ 3D ئۈنۈمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلىنايلى . يانفۇندىمۇ كۆرەلەيسىز .
1
http://www.liuhs.com/
2
http://www.3wtu.com/
3
http://www.easystereogrambuilder.com
يانفۇندا رەسىمگە تارتقاندا ئوڭ كۆزنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتۇپ بىر قېتىم رەسىمگە تارتىمىز ئاندىن سول كۆزنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتۇپ يەنە بىر قېتىم رەسىمگە تارتىمىز نەتىجىدە ، ئوڭ كۆز ۋە سول كۆزنىڭ كۆرىدىغان ئوبقكتى تەييارلىنىدۇ . ئەمدى ئىككى رەسىمنى بىر جايغا ئەكىلىپ بىر ئىكىراندا ئىككى رەسىمنى تەڭمۇ تەڭ قۇيۇپ يۇقارقى ئۇسۇلدا دىگەندەك كۆرۈش شەكلىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئىككى رەسىمنى جىپسىلاپ قاىساق ئىككى رەسىم ئۈچ كۆرۈنىدۇ ، ئوتتۇردىكى رەسىمدە بىز تارتقان كۆرنۈشتىكى جىسىملارنىڭ نېرى يېقىنلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ .
كۆرۈش شەكلىنى كونتىروللاشنى بىلمىسەك 3D كۆزەينەك تاقاپ كۆرسەكمۇ بۇلىدۇ . قوش رەڭلىك كۆزەينەك ئەمەس قوش ئىكرانلىق كۆزەينەك
بۇ ئۇرۇننى ئېپ قۇياي
بەت:
[1]