wifi تارقىتىشنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرى قانچىلىك؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 01:47ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، مەن مەلۇم بىر يېزا مەركىزىدە تۇرۇشلۇق. ئۆز ئورنۇمدا ئۆزۈم تېلېگرافنىڭ كەڭ بەلۋاغلىق تورىدىن پايدىلانغاندىن سىرت يەنە كۆپچىلىكنىڭمۇ ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇشىنى خالىس قوللاش يۈززىسىدىن مەخپىي نومۇر بەلگىلەپ، wifi تارقىتىپ، تور- ئۇچۇر بايلىقىدىن بەھرىمان قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تونۇش- بىلىشلەرگە ئۆزۈم تارقاتقان wifi مەخپىي شىفىرىنى دەپ كەلگەن ئىدىم. ئىگىلىشىمچە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق دائىرىدىن تەخمىنەن 10-20 مېتىر ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىدە مىنىڭ بۇ wifi سېگنالىم تارقىلىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك مىنىڭ دائىرەمگە كىرگەنلىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن بەھرىمان بولغۇسى كېلىدىكەن(ئەمەلىيەتتە بۇ تارقاتقان سېگىنالنىڭ تەسىرىگە كۈن بويى ئاز دېگەندە بىرقانچە ئون، ھەتتا بىرقانچە يۈز كىشى ئۇچراپ تۇرىدۇ). ئەسلى كۆڭلۈم بويىچە بۇنى خالىسانە ھالدا باشقىلارغا بىلدۈرگۈم كەلسىمۇ ئەمما يېقىنقى جەمئىيەت مۇقىملىقىدىكى بىرقىسىم ئىشلار سەۋەبلىك، بۇنى ئۆزگەرتىشىمگە توغرا كېلىپ قالغاندەك. چۈنكى، پەرىزىمچە بولغاندا ھەممىلا ئادەم بۇ ئۇچۇرلاردىن توغرا يوسۇندا پايدىلانماستىن، بەلكىم بىرقىسىم كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئۆز بىخەتەرلىكىم ھەم مەنپەئەتىمنى قوغداش يۈززىسىدىن بىرقانچە قېتىم مەخپىي شىفىرنى ھەقىقىي يوسۇندا «مەخپىي» تۇتۇشنى لايىقمۇ كۆردۈم. بۇنداق قىلىشىمنىڭ ئاساسىي بارمۇ- يوق؟ تور بىلىملىرىم ھەم بەزىبىر تېخنىكىلىق ھەم سىياسىي- ئىجتىمائىي بىلىشىمنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، يەنىلا بۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبە- ئۆرنەكلىرىنى بىلىپ بېقىش، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈززىسىدىن سىلەرگە بۇ ياردەم تېمىسىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ماڭا ئوخشاش بىلمىگەنلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى- قىسمەن ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن كەڭ مۇنبەر ئەھلىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى، مۇمكىنقەدەر نوقۇل ھالدا ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن سىرت يەنە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشىش توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ بىلىشى- چۈشەندۈرۈشىگە مۇھتاجلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئويلىغانلىرىم مۇۋاپىقمۇ- ئەمەسمۇ، پىكىر- تەكلىپ، تەجرىبە- ساۋاق بەرگەن بولساڭلار. ھەممە ئادەم ئوخششاش بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھەم بىلىپ يەتمەك تەس شۇڭا، ئۆزىڭىز ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئادەمگە مەخپى شىفىرنى دەپ بېرىڭ، بولمىسا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزىڭىزگە ئىش تېپىۋالىدىغىنىڭىز ئېنىق. ئۇندىن باشقا سىزنىڭ تورىڭىزغاباشقىلار چىقسا تور سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىدۇ سىگنالنى يۇشۇرۇپ شىفىرنى ئۆزگەرتىۋىتىپ ھىچكىمگە تىنماڭ پەقەت خاتىرجەم بۇلمىسىڭىز
بەت:
[1]