lenovo G50 كومپيۇتېرغا 64 بىتلىق Windows7 قاچىلاشتىن ياردەم
[ياردەم] سىستېما قاچىلاشتىن ياردەم بەرسەڭلارئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان ئەھلى، قىيىنچىلىق بولغاندا سىلەرنى ئىزدەپ قالدىم. توغرا چۈشەنگەيسىزلەر ۋە ياردەمدە بولغايىزلەر. رەھمەت!
مەن بىر ئايدەك بولدى lenovo G50 ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېردىن بىرنى ئالغان ئىدىم. ئەسلىدە Windows 8 قاچىلاقلىق بولۇپ، مەن ئالغان ۋاقىتتا شىركەتىكىلەرگە Windows 7 قاچىلىتىپ ئالغان، 32 بىتلىق بۇ سىستېمىنى 64 بىتلىققا ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى بىلەن سىستېما قاچىلاش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارالماي بۈگۈن شىركەتكە چىققان ئىدىم . ئائاسىي مەقسەتتە: ئۇلار دەسلەپكى يەكۈنىدە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچتا مەسىلەباركەن دەپ؛ مەخسۇس رىمونىتلاش ئورنىغا باردۇق. ئۇلار دېسكا قوزغاتقۇچتا مەسىلە يوق، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايۇنغا ئايرىپ سىستېما قاچىلىسا بولىدۇ دېگەن يەكۈننى چىقاردى. ساتقان شىركەتكە قايتىپ كېلىپ بۇنىمۇ قىلىدۇق. لېكىن يەنىلا قاچىلاش ئىمكانىيتى بولمدى. بارماق دېسكىدا قاچىلىساق سىستېما قاچىلىنىدۇ. لېكىن ئوپتىك دېسكىدا قاچىلانمايدۇ. شۇ تەرىقىدە بىر كۈن پايپىتەك بولۇپ، ئاخىردا بۇ كومپيۇتېرغاGHOST نۇسقىسىنى قاچىلاش ئىمكانىيتى يولىقىنى(ئىشلەپچىقارغان ۋاقىتتا شۇنداق تەڭشەلگەنلىكىنى دىدى ھەم lenovoتور سۇپىسىدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خاتىرلەنگەنكەن) قاچىلاش نۇسقىسى قاچىلسا بولىدىغان مەقسەتنى دېگەندىن كېيىن قاچىلاش نۇسقىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاچىلاپ بولغاندىنقايتىپ كېلىپ سىستېمىغا قارىسام 32 بىتلىق سىستېما قاچىلىنىپتۇ .
شۇنداقتا:
1- ئۇلارنىڭ ئوپتىك دېسكىدىن قاچىلاش نۇسقىسىنى قاچىلايسەن دېگىنى ئەمەلىيەتكە ئويغۇن كېلەمدۇ.
2-بۇ تەڭشەلگەن ھالەتنى ئۆزگەرتىپ ھەر قانداق نەشىردىكى سىستېمىنى دېسكىدىن قاچىلاش ئىمكانىيتى بولامدۇ(توردىن كۆرگەندە ئۆزگەرتىش ئىمكانىيتى بولىدۇ دەپ خاتىرگەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ باشقا ماركىدىكى كومپيۇتېرغا قارىتىلغان دەپ تۇرىۋالدى ،ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى بالىنىڭ دېگىنىدە بۇ شىركەتتە تۇنجى كۆرۈلگەن ئەھۋال دېدى).
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاقسۇ شاڭگاڭ بازىرى كومپيۇتېر شەھەرچىسىدىكى جەنۇبىي ئىشىكتىن چىقىشىدىكى 2- قەۋەت سولتەرەپ 1- شىركەتتىن مال ئېلىشتىن ئامال بار دېققەت قىلغايسىزلەر؛
بۇ خەتلىرىم تاققا -تۇققا بولۇپ قالغان بولسا تۈزىتىپ كەتكەيسىزلەر، ھەم مۇشۇ مەسىلىدە تەجىربىسى بار ئۇستازلار مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر. رەھمەت! لىئەنشاڭنىڭ .ئەسلىدىن زاۋۇت تەرەپتىن .بىز بىلمەيدىغان ھۈنەرلىرى كۆپ .قاتتىق دىسكىغا ئۈزى بىلىدىغان مەلۇمدەرىجە قۇلۇپ سېلىنغانمىكىن دەپ قالدىم .بۇ بەلكىم باشقا قاتتىق دېتال ئۆزەكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .مىنىڭ ئىنىمنىڭمۇ بىر ئۈستەل كومپىيوتىرى بار ئىدى .مەنمۇ قەتئى سىستىما قاچىلىيالماي .ساتقان شىركەتكە ئاپارسام .بىردەمدە بىرنىمە قىلىپ سىستىما قاچىلايدۇ .لېكىن ئۈزىمىزياخشى كۆرگەن ياكى باشقا سىستىما قاچىلىماقچى بولساق .مەلۇم بىر قاتتىق دېتالنىڭ تۇنۇماسلىق ،سىستىمىنى قوللىماسلىق ئۇچۇرى چىقىۋالاتتى .ئاخىرى 3000 سوم غا ئالغان كومپىيوتىرنى بىر يىلدىن كىن بىر كونا كومپىيوىتىر ساتىدىغانلاارغا 500 سومغا بىرۋېتىپ قۇتۇلدۇق .ئەگەر لىئەن نشاڭ ئىشلىتىمىز دىسەك .لىئەنشاڭنىڭ شىركەتلىرى ياكى ساتقان يەرگە بېرىپ يالۋۇرۇپ ،ئۈزىمىز پۇلغا ئالغان نەرسىنى ئۈزىمىز باشقۇرالماي يالۋۇرۇپ خار بۇلۇدىغان گەپ .بۇ ( پەقەت ئۆز خۇلاسە كاللام .) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Shungqar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-20 23:35
ۋاھ! باھادىر ئۇستاز سىزمۇ باركەنسىز. دىدارلاشقانلىقىمدىن بەك خوش بولدۇم.
مەن بىر كۈن شۇنداق بولۇپ قالدىم. بەك ....بەك جىلە بولۇپ كەتتىم.....11 يىللىق كومپيۇتېر تارىخم بار تۇرۇپ تاس قالدىم يېڭىلىپ كەتكىلى، شۇنداق جىلە قىلىۋەتتى . ئاخىردا ياقىنى ئالدىم. قۇساق ئاش، ھازىر كېلىپ يىللاپ تېما يازمىغان بۇ روھلانغا دەردىمنى بىرقلا يېزىۋالدىم ...:lol (لېكىن مەن يەنىلا يېڭىلدىم :L ) مۇشۇنداق ھۈنەرلىرى كۆپ بولغاشقا دۇنيا بويىچە ئۆز كەسپىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا 2- ئورۇنغا چىققان شىركەت بۇ. مەنمۇ مۇشۇ ليەنشياڭ نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەم ئەرۋاھىم ئۇچىدىغان بولۇپ قالدى. سىستېمىدىن چاتاق چىقىپ قالسا يا ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغىلى بولمىغان بۇ نەرسىنى. بۇ ئىشنى ئاز دېگەندەك دورامچىلىق قىلىپ 清华同方 مۇ ئۆگەندى بۇلاردىن. مېنىڭچە لىيەنشاڭنىڭ ياخشىمىكىن،،،
سىزنىڭ شۇنداق چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ،،مېنىڭ ئۇنداق ئەمەس بولمىسا،
بىزنىڭ مەكتەپتە يېڭىدىن كومپىيۇتىر ئەككەلگەن ،لىيەنشاڭ ماركىلىق كومپىيۇتىرلاركەن ھەممىسى مۇئەللىم ھەممىسىگە ئوقۇغۇچىلار سىستىمىسى قاچىلىدىغۇ:lol مېنىڭچە لىيەنشاڭنىڭ ياخشىمىكىن،،،
سىزنىڭ شۇنداق چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ،،مېنىڭ ئۇنداق ئەمەس بولمىسا،
بىزنىڭ مەكتەپتە يېڭىدىن كومپىيۇتىر ئەككەلگەن ،لىيەنشاڭ ماركىلىق كومپىيۇتىرلاركەن ھەممىسى مۇئەللىم ھەممىسىگە ئوقۇغۇچىلار سىستىمىسى قاچىلىدىغۇ:lol يەنىلاسەپلىمە كۇمپىيۇتىرلارئۇبدان بۇلىدىكەنمۇنىمەيەنى كىلىپ ماركىلىقكۇمپىيۇتىرلار سەپلىمە كۇمپىيۇتىرلارغا قارقغەندا قىممەت تۇختاپ قالىدىكەن سەپلىمە كۇمپىيۇتىرلاردا ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىمىز مەن بۇ شىركەتنىڭ سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىدىن ئېغىر گۇمانلىپ قالدىم.
http://jingyan.baidu.com/article/03b2f78c7522b65ea237ae1b.html
مۇشۇنداق تېخنىكىنىمۇ ئىگەللەپ بولامىغان ئەھۋالدا ..... روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-12-20 23:50
مېنىڭچە لىيەنشاڭنىڭ ياخشىمىكىن،،،
سىزنىڭ شۇنداق چىقى ...
ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ لىيەنشاڭ دىن يىراق تۇرايلى:lol بۇ بەلكىم cpuنىڭ 64لىق سېستىما ئىشلىتىشكە بولماسلىقىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن،سىز 64لىق سېستىمانى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.