ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:28:10

بارلىقىنى بالىسىغا بېغىشلىغان پەرىشتە ئانا - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

بارلىقىنى بالىسىغا بېغىشلىغان پەرىشتە ئانا - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن




قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن 1973-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىلى ۋىلايىتى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى شوتا يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بالىلىق دەۋرى شۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، كېيىن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ناھىيىدە مەكتەپ بولماسلىقتەك قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرغىچە ئوقۇپ، كېيىن ئالى مەكتەپنىڭ ئاخپارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، بىراق شۇ ۋاقىتتا دادىسىنىڭ سالامەتلىگىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى ھەم بالىلارنىڭ چوڭى بولۇشتەك قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تەن بەرمەي 1993-يىلىدىن 1995-يىلغىچە «    قانۇنچىلىق گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »، «ئىلى گېزىتى» قاتارلىق جايلاردا پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەنتەربىيلىنىپ بۇ جايلارنىڭ «ئىختىيارى مۇخبىر»، «تەكلىپلىك مۇخبىر» لىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ۋە بىرنەچچە يىل ئۇدا «مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئۆز ناھىيىسىدىكى رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىغىدىلا باشلانغان بولۇپ «ئوتۇنچى يىگىت»، «دادامنىڭ چۈشى»، «قىسقۇچ پاقا» قاتارلىق چۆچەكلىرى مەكتەپنىڭ تام گېزىتىدە ئالاھىدە باھالانغان. 1991-يىلى «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغانتۇنجى ھىكايىسى «سىرتماق» بىلەن ئەدىبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىلى گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى ،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، قانۇنچىلىق گېزىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى، تەڭرىتاغ، مايبۇلاق ژورنىلى،نېفىت گېزىتى ...... قاتارلىق ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 600 پارچىگە يېقىن    ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىرقاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.   

روھلان مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالىق نامى Hiristal بولۇپ، مۇنبىرىمىزدە كۆپلىگەن ھېكايە ۋە شېئىرلارنى ئېلان قىلغان ، روھلان مۇنبىرىمىزنىڭ پەخىرلىك ئەزاسى، يولباشچىسى.
2014-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋېزىيسىنىڭ 5-قانىلى مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىدا «دۇنيا مېھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەل» تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان تېلىۋېزىيە سۆھبىتى قۇيۇلغان.
بۈگۈنكى (12.18) مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ
/forum.php?mod=viewthread&tid=3457

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن(Hiristal)خانىمنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈشكەبولىدۇ.

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 22:40:48

سۈيۈملۈك ئانا، قەيسەر ئاياللارنىڭ بىزدىكى ئۈلگىسى، ئوتلۇق قەلەم ئىگىسى قەلبىنۇر ئۇبۇلھەسەن (خىرىستال) خانىمنىڭ ھاياتى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلى تۇنۇشقىنىمدىن خورسەنمەن. قەلبىنۇر خانىمنىڭ ھايات مۇساپىسى بۇ جانپىدا ئانىدا نۇزۇگۇم ، رىزۋانگۈللەرنىڭ ئۇيغۇر ئانىللىرىمىزنىڭ قەيسەر ، تىز پۈكمەس خارەكتىرنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. مانا مۇشۇنداق ئانىللىرىمىز بولسا ئەرلىرىمىزدە نىمە غەم؟ مۇشۇنداق ئانىللىرىمىز بولسا ئەۋلادنىڭ كەلگۈسىدىن نىمە ئەندىشە؟ مۇشۇنداق ئانىللرىمىز بولسا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن پەرىشان بولمايمىز ئەلۋەتتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەلبىنۇر خانىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھاياتىغا سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخىت، قەلىمىگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن . ئادىلجان ھازىرقى زاماننىڭ ئانىلار ئۈلگۈسى قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن خانىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى يوللاپتۇ. بۇ ھەم بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. مومكىن بولسا قەلبىنۇر خانىمدەك ياخشى ئانىللىرىمىز ھەم قەيسەر ئاتىللىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش ، تەشۋېىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 03:46:03

مەنمۇ ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىم بىلەن يېرىم يىلدىن بېرى مۇنبەرداش، سىرداش سۈپىتىدە مۇنبەر، مۇڭداشقۇ ۋە تېلېفوندا بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلەردە پىكىرلىشىپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما تۈنۈگۈن كەچتىكى «مەدەنىيەت بوستانى» دا «خىرىستال» خانىم شۇنداقلا پروگرامما قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تەسىرلىك بايانلىرىدىن كۆزۈمگە قانداقلارچە ياش كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، بىر مەھەل ئاچچىق بىر نەرسە بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ، تۇرۇپ قالدىم، توردىن يېنىش- يېنىشلاپ مۇشۇ پروگراممىنى كۆردۈم. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇنەۋەر مۇنبەر شۇنداقلا قەلبى پەرزەنت ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان بىر ئۇلۇغ ئىنسان بىلەن مەسلەكداش بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم. بۈگۈن ئادىلجان مۇئەللىمنىڭ مەزكۇر تېمىسىدىن جاپاكەش مېھرىبانلار ئۈلگىسى قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن خانىمنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى يەنىمۇ تەپسىلىي، چوڭقۇر بىلىپ، ھۆرمەتلىك خانىم- زامانداش، مۇنبەرداش قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن خانىمغا ھۆرمەت- ئېھتىرامىم يەنىمۇ ئاشتى.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 05:26:14

قەلبىنۇر ھەسەن (خىرىستال) نىڭ ئىش-ئىزلىرىنى " مەدەنىيەت بوستانى" ئارقىلىق ئۇققىنىمدا، بۇ قەيسەر، ئۈمىدۋار ئانىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم." دۇنيا ئانىلار بىلەن گۈزەلدۇر" دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندىم.
يىغىپ ئېيىتقاندا، خىرىستال ھامان پارقىراقلىقىنى، سۈزۈكلىكىنى، قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق . ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولىشىنى تىلەيمەن.

Taxnayurak005 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:49:29

قەلبىنۇر خانىمنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ھاياتىغا خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 11:43:12

‹‹ مەدەنىيەت پىرۇگىراممىسى ›› ئارقىلىق بۇ قەيسەر ئانىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، بۇ قەيسەر ، مەسئۇلىيەتچان ئانىنىڭ تېرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئىيتماي تۇرالمايمىز .
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر تىلەيمەن .

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 15:32:42

ئاتاماننىڭ مېنى تونۇشتۇرۇپ يوللىغان بۇ تېمىسىنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن، مۇنبەرداشلار بىلەن تونۇشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالغان ،ئەمما بۇ تونۇشۇش ماڭا بېسىم پەيدا قىلىپ قويغاندەك قىلىدۇ،چۈنكى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن يۇقۇرى باھالىرىنى كۆرۈپمەسئۇلىيىتىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقنى، تېخىمۇ ياخشى ئايال.مۇنەۋۋەر ئانا بولۇش بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىمىز شۇنداقلا مىللىتىمىز ئۈچۈن مۇنبەرداشلىرىم رازى بولغۇدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىم لازىملىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم .ئىلگىرى پەرزەنتلىرىم قەلبىدىكى ياخشى ئانا بولغان بولسام ئەمدى كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىم پەخىرلەنگۈدەك،دوستلىرىم ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغۇدەك ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن.
ئاخىرىدا مېنى قوللىغان ۋە ماڭا يۈكسەك باھالارنى بېرىپ مەندە ئىشەنچ پەيدا قىلغان مۇنبەرداشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم ئالى سالىمىمنى يوللايمەن،رەھمەت سىلەرگە .

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 12:37:28

ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان قەيسەر ،ئۇلۇغ ئانىلار كۆپ بولمىسا كىرەك ،ھەقىقى قەدىرلەشكە تىگىشلىك جەسۇر ،ئىجتىھاتلىق ئۈنۋىرسال يازغۇچى ،شائىرە
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن خىرۇستال نىڭ بۇ ئەمگىكىدىن خۇش بولدۇم ئۇلۇغ ئىگەم پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن !ئەجىرىنى بەرسۇن ! ! !
بەت: [1]
: بارلىقىنى بالىسىغا بېغىشلىغان پەرىشتە ئانا - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن