Maarip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 23:38:32

2015-يىللىق ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى


2015-يىللىق ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ 2015-يىللىق ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە :

  1. يېڭى يىل : 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە (پەيشەنبىدىن شەنبىگىچە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ . يەكشەنبىدىن جۈمەگىچە نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

  2. چاغان : 2-ئاينىڭ 18-كۈنى (چارشەنبە) دىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى (دۈشەنبە ) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن (يەكشەنبە) 2-ئاينىڭ 17-كۈنى (سەيشەنبە) گىچە نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ . 2-ئاينىڭ 28-كۈنىمۇ نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

  3. چوكانتال بايرىمى : 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (شەنبە)، 5-كۈنى (يەكشەنبە) 6-كۈنى (دۈشەنبە) ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .

  4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى : 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) دىن 3-كۈنى (يەكشەنبە) گىچە ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .

  5. تاڭزۇڭزا چاغىنى : 6-ئاينىڭ 20-كۈنى (شەنبە) دىن 6-ئاينىڭ 22-كۈنى (دۈشەنبە) گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  6. تاۋۇز چاغىنى : 9-ئاينىڭ 26-كۈنى (شەنبە) ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  7. دۆلەت بايرىمى : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 7-كۈنى (چارشەنبە) گىچە يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە)، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

       مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

Weliyof يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:48:43

تولا بايراملار شەنبە يەكشەنبە كۈنىگە توغرىلىنىپتۇ، چاغان7كۈن، دۆلەت بايرىمى 7كۈن قۇيۇپ بىرلىپتۇ. گاڭدا ياخشى تۇرۇپ مۇقۇملۇقنى ياخىشى قوغدىساق چاتاق چىقمايدۇ.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:28:28

خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت .

ئاراپات يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:56:52

   ۋاي ئاللا ، مەن تېخى ئىككى چوڭ ھېيتىمىزدا كۆپرەك قويۇپ بېرەرمىكىن دەپ كىرىپتىكەنمەن . ئەمما قويۇپ بەمەي ئات-كالىدەك ئىشتىدىغان ئوخشايدۇ ، خەۋىرىنى بەرمىگندىكىن:(:'(:'(:L
بەت: [1]
: 2015-يىللىق ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى