قەشقەر دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرىشى مۇمكىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-18 13:03قەشقەرنىڭ دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرىشىدە ئۈمىد زور
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ئاسىيا كىندىكى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 18-12-2014
12-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى كۇڭ دېجيەن (孔德建) مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز بۇ ئىككى يىلدا قەشقەر كوناشەھەر مەنزىرىلىك رايونىغا بارمىغان بولسىڭىز، چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ، ھازىرقى مەنزىرىلىك رايون بىلەن بۇرۇنقىسى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.»
بۇنداق دېيىشتە، قەشقەر كونا شەھەر مەنزىرىلىك رايونىنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون قىلىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى كۆزدە تۇتۇلغان.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/65ea27c9/
قەشقەر كونا شەھەر رايونى دۇنيادىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ خام توپا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، كوچا-رەستىلىرى گىرەلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر مۇكەممەل ساقلانغان سىرلىق ئوردا شەكلىدىكى شەھەر كوچا رايونى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قەشقەر يىپەك يولىدىكى دۇنياغا داڭلىق تارىخى مەشھۇر شەھەر، دۇنيا مىراسلىرى قاتارىدا قەشقەرنىڭ بولماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ.»
قەشقەر كونا شەھەر رايونىغا 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، مەنزىرىلىك رايوننىڭ ئاساسى مۇئەسسەسە شارائىتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 9961 ئائىلىلىك ئولتۇراق ئۆي ئۆزگەرتىلگەن. 2013-يىلى، مەنزىرىلىك رايوندا ئومۇمىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2 مىليون 440 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئەمەلىي يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/d2febb4a/
قەشقەر شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى ، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرىشىگە تىلەكداشمەن . ئەزىزانە يۇرتۇمنىڭ دۇنيا مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالىدىغان بولىدىغىنىدەك بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن . راستىنلا خوشخەۋەر ئىكەن. ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن رەھمەت. ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن رەھمەت. ئانا يۇرتۇم قەشقەرنى ياخشى كۆرۇمەن
بەت:
[1]