ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 00:49:45

بۈگۈنكى (12.18) مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار

بۈگۈن كەچ يەنى 2014-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا شىنجاڭ تېلىۋېزىيسىنىڭ 5-قانىلىدا مۇنبىرىمىزدە ئۆزگىچە ھېكايە ۋە نەسرى ئەسەرلىرىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتقان مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىسى، پەخىرلىك ئەزاسى Hiristal (قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن) خانىم بىلەن «دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەل» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پىروگراممىسى قۇيۇلىدۇ.



بۇ پىروگرامما 2014-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈن تۇنجى قېتىم قۇيۇلىدىكەن.






بۇ پىروگرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ چوقۇم كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ، شۇڭا ئۆز ئارا خەۋەرلەندۈرۈپ، ۋاقتىدا كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر تېلىۋۇزۇردا كۆرۈشكە زادىلا شارائىتىڭلار يار بەرمىسە روھلان تورىمىزنىڭ تور تېلىۋىزىيە قانىلى /tv دا 5-يۈرۈش قانالنى ئېچىپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
تېلىۋۇزۇر ۋە توردا نەق ۋاقتىدا كۆرەلمىگەنلەر ئۈچۈن بىز ئامال قىلىپ بۇ پىروگراممىنى تور بېكىتىمىزدە كۆرەلەيدىغان قىلىپ يوللاپ قۇيۇشىمىزمۇ مۇمكىن.

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن(Hiristal)خانىمنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

tapan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 01:39:00

خەۋەردار قىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت . نەزىرىمىز ئەتىدىكى پىروگىراممىدا بولسۇن. ھە راس تېلىفۇنۇمغىمۇ 7:30 دىن بۇرۇنراق ئەسكەرتىش بېرىشكىرگۈزۈپ قوياي

tapan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 01:39:50

خەۋەردار قىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت . نەزىرىمىز ئەتىدىكى پىروگىراممىدا بولسۇن. ھە راس تېلىفۇنۇمغىمۇ 7:30 دىن بۇرۇنراق ئەسكەرتىش بېرىشكىرگۈزۈپ قوياي

150015 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 03:42:50

مەن ، ‹‹ كۆڭۈلدىكى سۆز ›› ،‹‹ قانۇن ۋە پۇقرا ›› ، ‹‹ قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت ››پىروگىراممىلىرىنىياقتۇرۇپ كۆرەتتىم . باشقا پىروگىراممىلىرىنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيتىم . بۈگۈن كەچتە ‹‹ مەدەنىيەت بوستانى ››پىروگراممىسىنى    بىر كۆرۈپ باقاي .

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:16:55

ياخشى خەۋەرئىكەن.رەھمەت

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:54:31

مەنمۇ دەل ۋاقتىدا كۆرىمەن.

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:19:38

بىزنىڭ ئۆيدە تېلۋىزور ئاچمايمىز ئادەتتە. ئۇيغۇرچە ئىككى قانال باردەك قىلغان. بىراق قايسى قانال بار ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ھې ھې... مەن توردا كۆرەي ئىنشائاللاھ. قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ ھېكايىللىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:35:30

بىۋاستە كۆرەلمەيمەن، تېلىۋىزورنىڭ خېتىنى بەرگىلى نى كەم:lol
كېيىن ئىگە تەرەپ تورىدىن كۆرۈۋالاي

ئايقۇت1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:21:10

ئۇنداقتا كۆرەيلىچۇ،مەن خېلى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ‹مەدەنىيەت بوستانى›پىروگىراممىسىنى ،چۈنكى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ئۆزگىچە،ئاخىردا قەلبىنۇر خانىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:51:27

خەۋەر قىلىپ قۇيغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، مەنمۇ بۈگۈن كەچتە چوقۇم كۆرىمەن .
بەت: [1] 2 3
: بۈگۈنكى (12.18) مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ