گۇگىل قاتارلىق شىركەتلەر رۇسىيەدىن چېكىنمەكتە
گۇگىل قاتارلىق شىركەتلەر رۇسىيەدىن چېكىنمەكتەئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 17-12-2014
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/f345ca7e/
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە گۇگىل (Google) رۇسىيەدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى توختىتىپ، خىزمەتچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەن. مىكروسوفت (MicroSoft)شىركىتىمۇ سىكايىپ (Skype) تەتقىقات ئەترىتىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەدوب (Adobe) شىركىتىمۇ رۇسىيەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب رۇسىيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ غەرب ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەر ھەمدە ئىنتېرنېتقا بولغان گۇمانىي پوزىتسىيەسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىشى ئىكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا، پۇتىن رۇسىيەنى گۇگىلنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «گۇگىلنىڭ ئېقىم مىقدارى ئامېرىكىدىن ئۆتىدۇ ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا يېڭى قانۇن ئىمزالىغان. بۇ قانۇندا تېخنىكا شىركەتلىرى رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىسا چوقۇم رۇسىيەدىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە ساقلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشى بەلگىلەنگەن، لېكىن پۇتىن بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى ئالدىغا (2015-يىلى 1-ئاي) سۈرۈۋەتكەن.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB )
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/bf7b38ed/
بەت:
[1]