كىتاپ ئوقۇشنى تاشلىمايلى!
كىتاپ ئوقۇشنى تاشلىمايلى !ئوسمان جۈمە
ئوقۇتقۇچى – ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى بۇلۇپ ،ھۆرمەت سەلتەنىتىدە ھۆرمەتنىڭ خاسىيەتلىك – نۇرلۇق ئابىدىسى.ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار بوغاچقا ، مەۋجۇدىيەت ئالىمى گۈزەل مەنىلەر بىلەن خارەكتىرلەنگەن ؛ ئوقۇتقۇتچى-ئۇستازلار بولغاچقا گۈزەللىك ، بەخىت، سائادەت جۇلالانغان. ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ۋىژدان،ھايا كۇچىسىنى يۇرۇتقۇچىئۆچمەيدىغان نۇرلۇق چىراق. ئاسايىشلىق، بەخىت، گۈزەللىككە باشلايدىغان ماياك. ئاسمان گۈمبىزىنى قۇياش يۇرۇتۇپ، قاراڭۇلۇقنى سۈرۈپ،
تاڭ ئاتقۇزىدۇ،كۈندۈزگە ئايلاندۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بولسا ئىنسانىيەت روھىنى ئويغۇتۇپ، پاكلاشتۇرۇپ،ئىلىم ھىكمەت بىلەن قۇراللاندۇرۇپ،روھىيەت ئالىمىنى گۈزەل نۇرلار بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى تۇنۇپ چىقىشىغا رۇشەنلك( تاڭ) ئاتا قىلىدۇ. مۇتەپپەككۈرلار :‹‹ ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى ›› دەپ ئالى باھا بەردى،شۇنداق. ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھى ئالىمىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى . ئوقۇتقۇچىلار مەڭگۈ مەدىيەلىنىدىغان تىما .ئوقۇتقۇچىسىز ئىنسانلار ئالىمىنىقىياس قىلغىلى بولمايدۇ .
بىراق ،ۋاقىت ئارقىغا باقماي ئۇچقاندەك چاپماقتا، دەۋر چاقى ۋاقىت بىلەن تەڭ توختىماستىن ئالغا ئايلانماقتا. جاھان رىقابەت بىلەن تۇلۇپ ،‹‹پۇل، پۇل›› ئالجىپ گۈزەللىك ،مىھرى-مۇھەببەت،ئىنسانىي خىسلەتلەر – ئادىمىيىلىكنى قايرىپ پۇلسىزلارغا خىرس قىلماقتا. ‹‹پۇل›› دىن ئىبارەت ئېزىتقۇ ( كىسەل ) ۋىرۇسىنى تارقىتىپ ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ۋىرۇسلىماقتا. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ‹‹كىسەل›› سەۋەبىدىن ئۆزىنى تاپالماي ، گاڭگىراش ئىچىدە ئۆز غېمىمىزدە ھەلەك،بەزىللىرىمىز ئۇيقۇ سۇيىنى ئىچىپ قېلىپ،بۇۋاق بالىدەك خىرامان ئۇيقۇ ئىچىدەتۇرىۋاتىمىز .
ئوقۇتقۇچى مللەتنىڭ ۋەكىلى-ئۈلگىسى.ئۇ،ئالدى-
ئارقىغا نەزەرسېلىپ تارىخنى كۆرۈپ‹‹بىر سېپىلغان تۈشۈككە پۇت سالماي››بۈگۈن ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ كېلەچەكنى يارتىدۇ.ھەقىقىي ئادىميلىككە ئىگە ئنساننى يارتىدۇ.ئۇقۇتقۇچى- ئنسانلارنىڭ ئۈلگىسى.تارىختىكى ئالىملارنىڭ بەزىللىرى‹‹ئۈلگىسزھېچ نەرسىنى ئۈگىنەلمەيسەن›› دىسە، يەنە بەزللىرى‹‹ئاليجاناپ ئادەملەر ئۈلگە ئارقىلىق يىتىلىدۇ››② ديشىدۇ. ئەلۋەتتە-شۇنداق.
ئۇقۇتقۇچىلار،ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىۋاستە ئۈلگە. ئۇقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلانىڭ سۆز ۋە قىلىق – ھەركەتلىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۇرىدۇ،دورايدۇ،ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭھەر بىر ھەركىتى، قىياپىتى ،كىيىنىشى، تۇرمۇش ئادىتىگە زەڭ سېلىپ دىقەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلغسى كىلىدۇ؛ شۇنداق قىلىدۇ.ئائىلە ،جەمىيەت ، مەكتەپتىن ئىبارەتئۇچتەرەپ ئەچىدەمەكتەپ تەربىيىسى ئەڭ ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەكتەپ تەربىيىسى ئەۋلادلارنى ياراملىق – ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارغا ئىگەسوتسىيالىستىك ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.دىمەك،مىللەتنى گۈللەندۈرىشنىڭ ئۈمۈدى – مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۇرىشنىڭ ئۈمۈدى ئوقۇتقۇچىلاردا.
بىز مارىپىمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،بۇيۇك بۇددا ئالىمى كومىراجىۋا دەۋرىدىكى‹‹ دۇمبە روھى›› دىنتەۋپىق روھىغىچە بولغان دەۋىرلەردە ، جاپا مۇشاقەتتە ،قىيىنچىلىقتا ئوقۇ- ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ( ئۇلارنىڭ ئوقۇشروھىنىمەڭگۈ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىدۇ.) ئادەم تەلىم تەربىيەسىدە ئاساسلىقى مەكتەپ، مەكتەپنىڭ ھاياتى كۈچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاياتى كۈچىكىتاپتا. ‹‹ كىتاپ بۇيۇك كۈچتۇر›› ( لېنىن) .‹‹ كىتاپ ھەرقانداق بىلىمنىڭ جېنىۋە يۈرىكى ›› ( س.تۋېيگ) كىتاپ- بىلىم بۇلىقى. كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەر- بۇلاقتىن بەھىرلەنگۈچىلەردۇر.ئوقۇتقۇچىلار بولسابەھىر ئالغۇچىلاردۇرھەم بۇلاقنىڭ كۆزىنى رۇشەنلەشتۇرگىچىلەردۇر. بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇلاقنىڭ كۆزىگەبىرەر نەرسە تىقىلىپ قالسا بىخىرامان تۇرساق ئۆزىمىزنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئۇسسۇتۇپ-قاغجىرتىپ قۇيىمىز. ئۆزلىرىمىزنى ھالاك قىلىمىز. بىز ئوقۇتقۇچىلار كىتاپ ئوقۇشنى قەتئى تاشلىمايلى.
‹‹ كىتاپ قەلىپنى يۇرىتىدۇ، يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىدۇ ۋە كۈچكە كۈچ قۇشىدۇ .ئەڭ ياخشىسى ئارزۇ – تىلەكلەرنى ئويغۇتىدۇ. ئەقىلنى ئۆتكۈرلەشتۇرىدۇ ۋە يۈرەكنى يۇمشىتىدۇ.››( ئو.تېككېرىي)
ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگە بولايلى !‹‹ ئەمدىلىكتە كىتاپسىز،نەياشىشىمىز، نە چوڭقۇر ئىتقات قويغانتۇلۇق ۋە گۈزەلئىقباللىرىمىزغائىشەچ بىلەن بېرىشىمىزمۇمومكۈن ئەمەس.››(ك.گ. پائۇسترۇسكىي)
قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە ،جەمىيەت مەكتەپتە رولىنى يوقۇتۇپ ،ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ،پۇل غەپلىتىدە ئۆتىپ كەتسەك قانداق بۇلار؟ بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بىلەن كارىمىز يوقمۇ؟مىللىتىمىز‹‹ئەبجەش مەدىنىيەت›› تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. كىيىن قانداق بۇلار ؟ قانداق تەرەققىي قىلار؟ بېشىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ باقايلى! گىزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇيلى، مىللەت روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىتقادىمىزنى مۇستەكەملەيدىغان روھىمىزنى پاكلاشتۇرىدىغان، ئىتپاقلىقىمىزىنى قوغدايدىغان سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن ئالغا يىتەكلەيدىغان كۈچ مەنبەسى گىزىت – ژۇرناللارغا دائىمىلىق مۇشتىرى بولايلى.( مۇشتىرى بۇلۇش- كىتاپ ،گىزىت-ژۇرناللارنىڭمەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىدىكى ئالدىنقى شەرت؛كىتاپ، گىزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇپ تۇرۇش- ئىنسانلارنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە بۇلۇشنىڭئاساسى – تىلتىزى.) مەملىكەت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتلەرگە دىقەت قىلايلى ئەقىل كۆزىمىزدىكى غەپلەت ئۇيقۇسىنىڭ چاپاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆزىمىزنى ئېچىپ ئەتراپقا دۇنياغا نەزەر سالايلى .( مائارىپىمىزدىن ‹‹ يېڭى ساراڭ››لار كۆپلەپ چىقسۇن .2005-يىل4-سان 59-بەت ئۆمەرجان ئوبۇلنىڭ‹‹ يېڭى ساراڭ›› ھىكايىسىدكىپىرسۇناژنىڭ ئىسمى .)
سابىق سېۋىت ئىتپاقى مائارىپچىسى – پىداگوك سۇخوملسكي:‹‹شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالماستىن،بەلكى ئۇلارنىتەربىلىگۈچى،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇستازى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يول باشلىغۇچىسى بۇلىشىڭىز كېرەك›› دىگەنىدى.
دىمەك، گىزىت-ژۇرنالارغا مۇشتىرى بولايلى! ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇشتىرى بۇلۇشقا دەۋەت قىلايلى،ئۈلگىلىك رولىمىزنى ھەرگىزئۇنتۇپ قالمايلى! (جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەسەدكى كىشىلەرنى كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرايلى!) بىز ئوقۇتقۇچىلار كىتاپ ئوقۇشنى تاشلىمايلى!
(بىڭتۇەن 3-شى 49-تۇەن 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى15599860074)
بىر كىتاب-بىر ئالەم. كىتاب بىزگە ئەڭ يېقىن سىرداش دوست بۇلالايدۇ . بىر كىتاب - بىر يېڭى ئىدىيە . :owمەن گەرچە مائارىپ ساھاسىدە خىزمەت قىلمىساممۇ كىتاپ ئوقۇشنى ئۈزۈمنىڭ تۇرمۇش تەرتىۋىمنىڭ مۇھىم بۆلىكى قىلغان ،،،،ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز ،،،،رەھمەت ھارماڭ،،،،ياخشى كىتاپلار بولسا بىزگىمۇ تۇنۇشتۇرىڭە
بەت:
[1]