Erqal-Media يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 00:26:55

شياۋمى ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىنماقچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-17 00:44

شياۋمى ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىنماقچى

ئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىغان
مەنبە : سەنچىن تورى | يوللىغان ۋاقىت : 16-12-2014

يېقىندا، ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئاپتوموبىلى ساھەسىگە قەدەم باسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لېشى (乐视) نىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى جيا يۆتىڭ مىكرو بىلوگىدا لېشىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان مەخپىي ھالدا ئېلىپ بارغان «SEE پىلانى» بويىچە «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىل» ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر شياۋمى (小米) دىكى لېي جۈن (雷军) ۋە بەيدۇ (百度) دىكى لى يەنخۇڭ (李彦宏) لارنىمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ساھەسىدە پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «مىسلا» شياۋمى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى نامى بولۇپ، بۇ خىل ئاپتوموبىل ئاللىبۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان، ۋاكالەتەن ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئورۇن دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم بىر چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى ئىكەن.
ئەڭ مۇھىمى، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شياۋمى ئاپتوموبىلىغا شياۋمىنىڭ MIUI سىستېمىسى سەپلىنىدىغان بولۇپ، مىسلانىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 39999 يۈەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەلكىم، شياۋمىنىڭ ئەنئەنىۋى تۆۋەن باھا ئىستراتېگىيەسى ئاپتوموبىل بازىرىغا خۇددى تېلېفون بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرگە ئوخشاش غايەت زور تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):
http://erqaltest.erqal.com/app/images/ercode.png

tumankut يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:50:37

مۇشۇ جىقققققققققققققققققق پۇلۇم بولغاندا شيامىي نىڭتېلېفونى ، تېلېۋىزورى، ماشىنىسى ، مايكىسى ، شەپكىسى ، روتېرى ...............ۋاھازاكازالارنىڭ ھەممىنى ئېلىپ تازا ، ئۆيگە تىزىپ قوياپ ...................

tumankut يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:52:48

شىيامىي دەپ يېزىلىپ قاپتۇ ، شياۋمىي
بەت: [1]
: شياۋمى ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىنماقچى