2015-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىدىكى 9 چوڭ مۆلچەر
2015-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىدىكى 9 چوڭ مۆلچەرمەنبە : سىنا تورى | يوللىغان ۋاقىت : 13-12-2014
2014-يىلى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشكەن، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، ئۇنداقتا، 2015-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟ تەتقىقات ئورۇنلىرى 2015-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇ يىلقى %2.7 دىن %3 كە ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
تەتقىقات ئورۇنلىرى 2015-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك مۆلچەرلەرنى ئېلىپ بارغان:
1. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ
دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، بولۇپمۇ ئىستېمال خىراجىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئىزچىل باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا يېتەكلىگەن. ئىستېمال خىراجىتى ئامېرىكا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %70 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %2.5 تىن %3كىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
2. ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق تىركىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ
ياۋرو رايونى كەلگۈسىدە كاساتلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا يۈزلىنىدىكەن، ئەمما، ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى، ياۋرونىڭ پاخاللىشىشى، قەرز خەتىرىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن. ياۋرو رايونىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلقى %0.8 تىن %1.4 كە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
3. ياپونىيە ئىقتىسادى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ
ياپونىيە ھازىر ئالتە يىلدىن بۇيانقى تۆتىنچى قېتىملىق ئىقتىسادىي چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما كېلەر يىلى ياپونىيە ئىقتىسادى چېكىنىشتىن قۇتۇلىدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پەقەت %1 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
4. جۇڭگو ئىقتىسادىي داۋاملىق ئاستىلايدۇ
پۇل ۋە مالىيە سىياسىتى كېلەر يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %6.5 كە چۈشۈپ قېلىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.
5. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلاردا ئۈمىد ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت
ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ياۋروپا-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك، كۆپ قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ 2015-يىللىق ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىدىكەن. ئەمما، رۇسىيە كەلگۈسىدىكى بىر ئاجىز نۇقتا بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ئىقتىسادىي جازا، ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە مەبلەغنىڭ سىرتقا قاراپ ئېقىشى رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
6. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلەيدىكەن
ئېھتىياجنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، خام نېفىتنىڭ باھاسى ياز پەسلىدىن بۇيان %40 چۈشكەن. كېلەر يىلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
7. پۇل قىسلىق خەتىرى مەۋجۇت بولىدىكەن
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە يەر شارى ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ناھايىتى زور پۇل قىسلىق بېسىمىغا دۇچ كېلىدىكەن.
8. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەڭ ئاۋۋال ئۆسۈمنى ئۆستۈرىدۇ
مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى، كانادا مەركىزى بانكىسى قاتارلىقلار 2015-يىلى ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشنى باشلايدىكەن.
9. ئامېرىكا دوللىرى داۋاملىق «ھۆكۈمران» ئورۇننى ساقلايدۇ
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە بانكا ئۆسۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرو ۋە ياپونىيە يېنى پۇل سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭرى قويۇۋېتىلگەنلىك سەۋەبىدىن پاخاللىشىدىكەن.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/fa250022/
بەت:
[1]