تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى
تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرىhttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/ddbedad3/
تىل تەپەككۇر ئەينىكى، بىر تىلنى كۆپ بىلسە شۇ تىلنىڭ تەپەككۇرىنى بىلدى دېگەنلىك. ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدىكى تىلنىڭ زۆرۈرىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە سۆزلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇيەردە ئېيتىدىغىنىم تىل ئارقىلىق شۇ مىللەت مەدەنىيىتى، شۇ مىللەت ئىدىيىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا شۇ مىللەتتىكى نۇرغۇنلىغان دوستلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى، نەزەر دائىرىمىزنى، دۇنيا قارىشىمىزنى تېخىمۇ بەك توغرىلىۋالالايمىز. شۇ مىللەت دىيارىغا بېرىپ، شۇخىل ئۆزگىچە يات مەدەنىيەتتىن گۈزەللىك، ھەم ھۇزۇر ئالالايمىز. بىرەر شەيئى ياكى ھادىسىگە بىر مىللەت خەلقى بىر نۇقتىدىن قارىغان، تەپەككۇر قىلغان بولسا، يەنە بىر مىللەت خەلقىمۇ ئۆزىگە خاس نۇقتىدىن قارايدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز دەل تىل ئېگەللەش ئارقىلىق باشقىلارنى چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىمىزنى خەقنىڭكىگە سېلىشتۇرالايمىز، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ بەك ئالغا باستۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرالايمىز. تىلنى ھەرگىزمۇ پاسسىپ، سەلبىي نۇقتىدىن ئەمەس ئاكتىپ، تەشەببۇسكار پوزىتسىيىدە ئۆگىنىش كېرەك. تىل بىلىش ئىنتايىن خاسىيەتلىك ئىش. تۇرمۇشىمىزنى كۆزىتىدىغان بولساق، بىر تىلنى كۆپ بىلگەن ئادەمنىڭ تىل بىلمىگەن ئادەمگە قارىغاندا تەپەككۇرى ئېنىق، كاللىسى ئوچۇق، ئىلغار پىكىرلىك، چىقىشقاق، ھەرخىل رادىكال، چەكتىن ئاشقان ئىدىيىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە، باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان تۆھپىسىمۇ تىل بىلمەيدىغان ئادەمگە قارىغاندا ئومۇمەن جىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا تىل ئۆگىنىشنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئادىتىمىزگە، ھەم خۇشاللىنىش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. چۈنكى بىز تىل ئۆگىنىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلارغا، پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز، نۇرغۇن دوست تۇتالايمىز، سىرتقى دۇنيا بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلالايمىز. شۇڭلاشقا تىلنى چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىمەن، دەيدىكەنمىز. ئالدىنقى قېتىملىق لېكسىيىدە ئېيتىلغاندەك، يۈزدە ئىككى يۈز پىرسەنت قىزغىنلىق، تىرىشچانلىق زېھىن بىلەن ئۆگىنىپ تىل مەسلىكىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر. چۈنكى تىل ئۆگىنىش ۋاقتى قانچىلىك جىق سوزۇلۇپ كەتسە، يەنى ئۇنىڭغا بىز سەل قارىساق، بار-بارا شۇ تىلنى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىمىز ئاجىزلىشىدۇ ھەم ئۆز-ئۆزىمىزدە كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قېلىپ، تىل ئۆگىنىش تەسكەن، دەيدىغان پاسسىپ قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىزمۇ بىلىپ-بىلمەي پاسسىپ پىكىر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، تىل ئۆگىنىشنى ئۆزىمىزدىن ئەمەس، تىلدىن، باشقىلاردىن كۆرىدىغان بولۇپ قېلىپ، نورمالنى روھى كەيپىياتىمىز بۇزىۋالىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا پسىخىك ساغلاملىقىمىزغا تەسىر يىتىپ، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، خىزمەت، ئۆگىنىشىمىزنىڭ نورمال، راۋان يۈرۈشىگە زور توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆگەنگەنكەنمىز، راۋۇرۇس ئۆگىنىشىمىز، بار زىھنىمىز، بار قۇۋۋىتىمىز بىلەن ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر. ئەلۋەتتە، توغرا بولغان تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىلىم ئېگەللەشتىكى ئۇسۇلنى ئالدىنقى لېكسىيىدە تەپسىلىي بايان قىلغانىدىم. بۇيەردە قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرمايمەن. ئاساسلىق قەدەم-باسقۇچلار يەنە ئالدىنقى قىسىمدا كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تۆۋەندە مەن تىل ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن:
بىرىنچى، شۇ ئۆگەنمەكچى بولغان تىلنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى، شۇ تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدا قانداق خۇشاللىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئۆگىنىپ بولسا ئۆزىنىڭ قانداق خۇشاللىقلارغا، قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، مۇبادا ئۆگەنمىسە ياكى ئۆگىنىشكە سەل قارىسا قانداق پاسسىپ، سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەپسىلى بىلىش كېرەك. بولسا كۈندىلىك خاتىرىگە بۇ تۈرنىمۇ تەپسىلى يېزىپ چىقىش كېرەك.
بەزى كىشىلەر تىلنى مەجبۇرىيەت، بېسىم يۈزىسىدىنلا ئۆگىنىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئەمەس، بۇنداق قىلغاندا توغرا ئۆگەنگىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە شۇ ئۆگەنگۈچىنىڭ ئۆزىگە زور روھى، جىسمانى، ئىقتىسادى ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق تىل ئۆگەنگەننىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋۋال باشقىلارنىڭ تىلىنى باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدە، دوستانە ئۆگىنىش كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال شۇ تىل ئىگىسىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار بولۇپ، ئاندىن شۇ تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىغان تۈزۈك.
ئىككىنچى، شۇ ئۆگەنمەكچى بولغان تىلنى ئەڭ ياخشى ئېگەللىگەن(ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش، ئوقۇشى راۋان بولغان) كىشىدىن بىرنەچچىنى دوست تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ماتېرىيال توغرىلىق مەسلىھەت ئېلىڭ.
بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار نېمىلا دېگەنبىلەن سىزگە قارىغاندا تەجرىبىلىك ھەم ئۆگىنىپ بولغان، شۇڭلاشقا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋاقتىڭىز، زېھنىڭىز، ئىقتىسادىڭىزنى تېجەپ يۇقىرى ئۈنۈم قازىنىشىڭىزغا زور پايدىسى بار. ھەرگىزمۇ ئۆگىنىمەن، دەپلا قارىغۇلارچە بىرمۇنچە ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، كۇرسلارغا تىزىملىتىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھېچنەرسە بىلەلمەي، تىل ئۆگىنىش تەسكەن، دەيدىغان قاراشقا كېلىپ قالماڭ.
ئۈچىنچى، شۇلارنىڭ ئايرىم، كونكرېت مەسلىھەتىگە ئاساسەن، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان، يەنى قىزىقىشىڭىزغا، بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىش يۆنىلىشىڭىزگە ماس كېلىدىغان ماتېرىيال تاللاڭ. بۇ ماتېرىيال ئىلاج بار، تۇرمۇشتا قوللىنىلىشچانلىقى كۈچلۈك، قاراتمىلىقى يۇقىرى، ئاڭلاش، سۆزلەش قىسىمى ئاساسلىق تەكىتلەنگەن بولۇشى زۆرۈر.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، كىشىنىڭ مەسلىھەتنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا ماس كېلىشى ناتايىن، سىز پەقەت باشقىلاردىن ئىجابىي مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دېگىنىنى ئەينەن قىلماڭ، ئۆزىڭىزگە ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇڭ. ماتېرىيال تاللىغاندا ئىلاج بار، ئاڭلاش، سۆزلەش، كۆرۈش بۆلىكى تەكىتلەنگەن، تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى يۇقىرى، سىستېمىلىق، تۈزۈلۈشى قىزىقارلىق، سىزنىڭ ئۇنۋېرسال ساپا ۋە نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشكە ياردىمى بولىدىغان ماتېرىيالنى تاللاڭ.
تۆتىنچى، شۇ ماتېرىيالغا ئاساسەن ئۆزىڭىز مۇقىم ئۆگىنىش نىشانى، ئۆگىنىش پىلانى، ئۆگىنىش ۋاقتى، ئۆگىنىش ئورنى بېكىتىڭ. ھەم ھازىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىڭ.
مۇبادا ماتېرىيال ئېلىپ قويۇپ، سىزدە كونكرېت نىشان، پىلان بولمىسا، ئىختىيارىڭىزچە ئۆگەنسىڭىز، ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز غايەت زور تۆۋەن بولىدۇ. مۇنداقچە قىلغاندا سىزدە تىل ئۆگىنىشكە نىسبەتەن زېرىكىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆگەنگەنكەنسىز راۋۇرۇس ئۆگىنىڭ، بولمىسا ئۆگەنمەي باشقا ئىش قىلىڭ. بىر ئىشنى قىلغانكەنسىز شۇ ئىشتىن ھەقىقى ئۈنۈم ھاسىل قىلمىغۇچە بولدى قىلماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىر ئىشتىن نەتىجە قازانمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان ئادەملا، ھەقىقى بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ. سىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ، يا تۈزۈك نىشانى يوق، يا تۈزۈك پىلانى يوق ئادەم بولۇپ قالماڭ. تىل ئۆگىنىشنى زۆرۈرىيەت ھەم مەجبۇرىيەت، نىشان قىلغانكەنسىز، چوقۇم ئەمەلىي، كونكرېت پىلان بىلەن ئىلگىرىلەڭ. نىشانغا يەتمىگۈچە قەتئىي بولدى قىلماڭ.
بەشىنچى، شۇ پىلانىڭىزنى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالغا ئاساسەن، كۈندە ياكى ھەپتىدە تۈزىتىپ يېڭىلاپ، توغرىلاپ تۇرۇڭ.
چۈنكى ھازىر تۈزۈلگەن پىلاننىڭ ئەتىدىمۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىنمۇ پۈتۈنلەي توغرا كېلىشى ناتايىن، شۇڭا ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن پىلانىڭىزنى، نىشانىڭىزنى، ئۇسۇلىڭىزنى توغرىلاپ، يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
ئالتىنچى، قەتئىي بوشاشماڭ، داۋاملاشتۇرۇڭ.
ھېچكىممۇ يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ، تىلنى ياخشى ئۆگەنگەن ئەمەس. چوقۇم داۋاملاشتۇرۇڭ. تاكى شۇ تىلنى ئۆگىنىش نىشانىڭىزغا يەتكۈچە قىلچىلىك سۇسلۇق، بوشاڭلىق قىلماڭ.
يەتتىنچى، ئۆگىنىش جەريانى، نىشانىنى قىزىقارلىق، خۇشاللىنارلىق ئىشقا ئايلاندۇرۇڭ.
ئادەم ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىگە ئاساسەن، سىز مۇبادا ئۆگىنىشنى ئىنتايىن زېرىكىشلىك، مەززىسىز قىلىۋالسىڭىز سىز ھەرگىز داۋاملاشتۇرالمايسىز، بۇخىل ئۆگىنىش سىزگە زور روھى ئازاب، چۈشكۈنلۈك، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا دائىم خۇشال-خۇراملىق، ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە تىل ئۆگىنىڭ.
تۆۋەندە خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى تىل ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىغا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىمنى تونۇشتۇرىمەن.
1.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيىڭىزگە ماس كېلىدىغان ماتېرىيال تېپىپ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈڭ. (مۇبادا بەلگىلىك سەۋىيىڭىز بولسا، يەنى نۆلدىن باشلىمىسىڭىزلا ماتېرىيال تاللىغاندا ئىلاج بار شۇ خىل تىل بويىچىلا تۈزۈلگەن كىتابلارنى ئېلىڭ، ئانا تىلىڭىز ۋە ياكى قوشۇمچە ئىككىنچى تىل بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن كىتابلارنى ئالماڭ. لۇغەت ئالسىڭىزمۇ شۇخىل تىلنىڭ ئۆزتىللىق چۈشەندۈرۈشى بار لۇغەتنى ئېلىڭ. ھەرگىزمۇ ئىككى تىللىق چۈشەندۈرۈشى بار لۇغەت ئالماڭ.)
كونكرېت باسقۇچلار يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەندەك بولىدۇ. ماتېرىيال سەۋىيىڭىز تەخمىنەن سىز 50% چۈشىنەلەيدىغان ماتېرىيال بولسا بولىدۇ، ئۆگىنىدىغان ماتېرىيالىڭىزنىڭ چوقۇم ئۈن لېنتىسى(سىن لېنتىسى بولسا تېخى ياخشى)، تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىشچان قىسىمى بولۇشى كېرەك.
2.شۇ پىلان بويىچە ئىلگىرىلەڭ. ھەركۈنى ئاڭلاش ۋاقتىڭىز 2 سائەتتىن كەم بولمىسۇن.
تىل ئاساسەن ئاڭلاپ ئۆگىنىدىغان ئىش. شۇڭلاشقا ئاڭلاشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. ھەم ئاڭلىغاندا، ئىلاج بار پۈتۈن دىققىتى بىلەن، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ ئاڭلاش، بۇ ھەم بەدەننى ئارام ئالغۇزۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ بىردەم ئاڭلاش، ھەم ئاڭلىغاننى شۇ ئاڭلاش سۈرئىتى بويىچە تەڭ ئوقۇپ، سۆزلەش كېرەك. شۇنداقلا ھەركۈنى كەچتە ئۆگەنگەن مەزمۇنلىرىڭىزنى تەكرارلاڭ، ياكى ئۈنئالغۇنى يىنىك قۇيۇپ، شۇ ئۆگەنمەكچى بولغان تىلنىڭ لېنتىسىنى بىرەر سائەتتەك تىڭشاڭ، بۇنداق قىلسىڭىز شۇ تىلنىڭ مېڭىڭىزدىكى يوشۇرۇن ئاڭغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىزدە شۇ خىل تىل سېزىمى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق. ئەلۋەتتە، بۇخىل سېزىم بىركۈن ئىچىدە، بىرەر ئاي ئىچىدىلا يىتىلمەيدۇ، بۇخىل ئادەتنى تاكى شۇ تىلدا ئۆزى نىشانلىغان سەۋىيىگە يەتكۈچە ھەركۈنى ئاخشىمى يىنىك ئاڭلاشنى توختاتماسلىق كېرەك.
3.ئۆگەنگەن تېكىست، مەزمۇنلارنى ھەركۈنى يادىلاڭ ياكى يۇقىرى ئاۋازدا قۇلىقىڭىزنى ئېتىپ تۇرۇپ كېمىدە -2030 قېتىم ئوقۇڭ.
يادلاش بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش، ئاڭلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە سىزنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق. شۇڭلاشقا قېتىم سانى قانچە جىق، قانچە پىششىق بولسا شۇنچە ياخشى. يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك، يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش سىزگە تېخىمۇ بەك ئىشەنچ، جاسارەت، جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەربىر ئوقۇغاندا چوقۇم يۇقىرى ئاۋازدا بار ئىشەنچ، جاسارەتكە تولۇپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇلارنى، ئىلاج بار ھەركۈنى سەھەرگە، ياكى باشقىلار دەخلى قىلمايدىغان ئورۇن، جايغا توغرا كەلتۈرۈپ ئورۇنداڭ. ھەرگىز ئۈزۈپ، توختىتىپ قويماڭ.
4.ئاڭلاپ بولغان، ئوقۇپ بولغان، يادلاپ بولغان مەزمۇننى تەپسىلىي ئاڭلاپ يېزىش كېرەك.
ئاڭلاپ يازغاندا سىزنىڭ ئاڭلاش، يېزىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ياردىمى بار. ھەربىر ئۇلانما تاۋۇشنى سىزىۋېلىشىڭىزغا(بۇخىل ئۇلانما قىلىش ئىنگىلىزچىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.) پايدىلىق.
5.ئۆگەنگەن مەزمۇنلاردىكى مەشىق، تاپشۇرۇقلىرىنى چوقۇم ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنداپ چىقىش، ھەرگىز سەل قارىماسلىق، كېيىنگە قالدۇرماسلىق كېرەك.
ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ ئۆگىنىش، قانچىلىك ئۆگەنگەن بولسا شۇنى قورقماستىن، جاسارەت بىلەن باشقىلارغا ئېيتىش، ئىشلىتىش كېرەك. ئەمەلىيەت قىسىمى ئىنتايىن مۇھىم. سىز شۇنچە ئۆگىنىپ تۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئىشلەتمىسىڭىز ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇ تىللىق رادىئو، كىنو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، خەۋەرلەرنى ئاڭلاڭ ھەم كۆرۈڭ، سەۋىيىڭىزگە ماس كېلىدىغان گېزىت-ژۇرناللارنى، ھەرخىل قىزىقارلىق كىتابلارنى شۇ دەرسلىك كىتابىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ. ئۆگەنگەن جۈملىلىرىڭىزنى كىشىلىك ئالاقىدا قورقماستىن ئىشلىتىڭ. چۈنكى خەقمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم، ئۇ ھەرگىز يەتتە باشلىق يالماۋۇز ۋە ياكى ئاللىقانداق كىشىلەردىن ئەمەس، ئۇمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئاددى ئادەم. ئۇنىڭ بىلەنتەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلىشىڭ، دوستلىشىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.
6.ئۆگىنىش ماتېرىيالىڭىزنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرۇڭ. كونكرېت باسقۇچلار يەنىلا يۇقىرىقىدەك بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بىر ماتېرىيالنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆگىنىدىغان ماتېرىيالنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەپسىلى باسقۇچلار يەنىلا يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. سىز پەقەت مۇشۇ ئاددى ئۇسۇل بويىچە قەدەممۇ-قەدەم داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. داۋاملاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. سىز بىركۈنى ئون نەچچە سائەت ئۆگىنىۋەتكىنىڭىزنىڭ جىق ئۈنۈمى بولمايدۇ، پەقەت سىز داۋاملاشتۇرسىڭىزلا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا داۋاملاشتۇرۇش، يەنى ئاددى ئىشلارنى ھەركۈنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. داۋاملاشتۇرالمايدىغان ئادەم ھېچقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەس. تىل ئۆگىنىشنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ، يەنە باشتىن باشلاپ ئۆگىنىش ئادەمنىڭ نۇرغۇن زېھىن، ۋاقىت، ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا بىر باشتىن باشلىغان پەدىسىدە تاكى شۇ تىلنى راۋان سۆزلەپ، چۈشىنىپ، ئاڭلىغۇچى ھەرگىز بولدى قىلماسلىق كېرەك. يەنى ھەركۈنى 6-3 سائەت مۇنتىزىم تىل ئۆگىنىش ۋاقتى بولۇش كېرەك. بۇنداق ئۆگىنىش ۋاقتىنى پەقەت 5-6 ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندىلا ھەرقانداق تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
7.مۇبادا ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرماقچى بولسىڭىز، ئۆگىنىش ماتېرىيالىڭىزغا قوشۇمچە قىلىپ، شۇ ئىمتىھان سوئاللار توپلىمىنى تېپىپ، شۇلارنى ئىشلەڭ ھەم يادىلاڭ.
چۈنكى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئىمتىھانمۇ ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭلاشقا چوقۇم شۇ ئىمتىھان سوئاللىرىغا ئىنتايىن پىشىش كېرەك. شۇ ئىمتىھان سوئاللىرىنى يادىلاڭ، ياكى پىششىق ئوقۇڭ.
8.ئۆگەنگەندە ئۆزىڭىز نىشانلىغان يۇقىرى سەۋىيىگە يىتىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ شۇ تىلنى يەنە ئۆگىنىشنى، ئىشلىتىشنى ئۆمۈر بويى توختىتىپ قويماڭ.
تىل دېگەن ئادەم ئىشلەتسە، كۆپلەپ ئۇچراشسا ئاندىن ئەمەلى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرىدىغان گەپ، شۇڭلاشقا تىل ئۆگىنىشنى ئۆمۈر بويى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. يۇقىرىقى ھەربىر باسقۇچقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. ھەم قارىغۇلارچە يېزىپ، ئىچىدە ئوقۇپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرمەسلىك. بەزىبىر تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى تۆۋەن ماتېرىياللارنى(بەزى مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان تىل دەرسلىكى) كەچكىچە قولتۇقلاپ شۇ ماتېرىياللارنىڭ كەينىگە كىرىۋالماسلىق كېرەك. تىل ئۆگىنىشتىن مەقسەت تەتقىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي قوللىنىش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئانچە-مۇنچە يېزىش. شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىش دائىرىڭىز، پائالىيەت كەسىپ دائىرىڭىزگە ئاساسەن تىل ئۆگىنىش يۆنىلىشى بېكىتىڭ. بولسا ئۆزىڭىزدە مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىڭىز بولسا ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىز، ۋاقتىڭىز، ئورنىڭىزنى مۇقىم باشقۇرالىسىڭىز ھەرخىل تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋاقتىڭىز، ئورنىڭىز، ئادىتىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز، ئەڭ ياخشى مۇنتىزىم كۇرسلارغا تىزىملىتىپ ئۆگىنىڭ. شۇ كۇرسلارنىڭ پۇلىنىڭ قىممەت-ئەرزانلىقىغا ئەمەس، شۇ مۇئەللىمنىڭ قانداق قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرەلىشىگە قاراڭ. پۇلدىن كۆرە، ئادەمنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھى ۋە ۋاقتى ھەممىدىن مۇھىم. سىز ئازغىنە پۇلنى(مەيلى ئۇچاغدا قانچىلىك جىق بىلىنسۇن)، كىچىككىنە ئاۋارىچلىقنى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش پۇرسىتىڭىز، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. بولۇپمۇ مۇنتىزىم مەكتەپلەرنى تۈگەتكىچە ئارىلىقتا ئانا تىلدىن باشقا كېمىدە ئىككى تىلنى پىششىق بىلىش كېرەك. بولۇپمۇ، 35 ياشلاردىن تۆۋەنلەرگە نىسبەتەن كېمىدە ئىككى تىلنى بىلىش ھەم پەرز ھەم قەرز- مەجبۇرىيەت. بىز بۇرۇن تىل بىلگەنلەرنى ھۆرمەتلىگەن بولساق، ئەمدى تىل بىلمەيدىغانلارنى زاڭلىق قىلىدىغان بولدۇق. تىل بىلىش ئاللىقانداقتۇر ئېسىل زادىلارچە، يۇقىرى قاتلام زىيالىي، باشلىق ئەمەلدارلارغا خاس ئىش، ھەم ئاللىقانداق تەس، سىرلىق ئىش ئەمەس. ئۇ ئەمدى بىزنىڭ ئىبادەت قىلغىنىمىز، كىيىم كەيگىنىمىز، تاماق يىگىنىمىز، ۋېلىسىپىت، موتسىكىلىت مىنگىنىمىزگە ئوخشاش، تېلېفوندا سۆزلىشىپ، كومپيۇتېردا تورغا چىققىنىمىزغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ، بىزنىڭ ھازىرقىدەك كەڭرى پۇرسەت ۋە خىرسقا تولغان زاماندا يەنە نەچچە مىڭ يىللىق ئېسىل جەڭگىۋار، جۇشقۇن روھنى يوقىتىپ، يەنە ئەبگالارچە، ھاماقەتلەرچە ئۆتۈپ قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن مېڭىمىزگە يېڭى بىلىملەرنى، يېڭى تونۇشلارنى، يېڭى روھلارنى قاچىلىشىمىز زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت، پەرز-قەرز بولۇپ قالدى. تىل بىلىش ھەرگىز ئانا تىلىمىزغا، ئانا مەدەنىيىتىمىزگە خىرس كەلتۈرمەيدۇ، بەلكى مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىزغا زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ شەخسى تۇرمۇش، خىزمەت ئېھتىياجىنى قامداشقا ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىزنى نۇرغۇن غەمدىن، پەرىشانلىقتىن خالاس قىلىدۇ. سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا، باشقىلارغا، جەمئىيەتكە جىق تۆھپە قوشۇپ ئادىمىيلىك قىممىتىڭىزنى قايتىدىن تېپىۋېلىشىڭىزغا، يارىتىشقا، ئۆستۈرۈشكە جىق يارىدىمى بار.
تارىم قوۋۇقى چېكىلدى، يالغۇز چېكىلىپ ئېچىلدىلا ئەمەس، ئىشىكىمىز غايەت زور ئاۋازدا قېقىلىپ، ئېچىلدى. تارىخ قالدۇرغان، جەمئىيەت قالدۇرغان ئىنتايىن جىق سوئاللار ئالدىمىزغا تىزىلدى. بىز تاللاشقا دۇچ كەلدۇق، ياكى مۇشۇ تارىخى، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ياكى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھاماقەتلىكىمىز بىلەن تارىم موزىيىنىڭ تىرىك موردىلىرىغا ئايلىنىش. ئۆتمۈشتىكى ھەربىر يىل ھەربىر كۈن تارىخقا ئايلانغان بولسا، ھازىرقى، ئەتىكى ھەربىر كۈنمۇ، ۋاقىتمۇ، سائەتمۇ، مىنۇتمۇ تارىخ يارىتىدۇ.
دېمەك، ھازىرنى چىڭ تۇتۇش، ئەتىگە ئۈمىدۋار بولۇش، ئىنتايىن مۇھىم. تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يالغۇز، ھەئە شۇنداق، دەپلا قويماستىن بەلكى ھەربىر تىنىققا بىز ئېھتىياج بولغاندەك، ھەربىر ئىبادەتنى مۇھىم بىلگىنىمىزدەك ھەركۈنى تىلنىمۇ شۇنداق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يېشىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكى، كەسپىڭىزنىڭ قانداقلىقى، جىنسىڭىز ۋە يۇرتىڭىز، ياشاش ئورنىڭىزنىڭ قانداقلىقى، ئۆتمۈشىڭىزنى قانچىلىكلىكى ھەرگىز سىزنىڭ تىل بىلمەسلىكىڭىزگە، تىل ئۆگەنمەسلىكىڭىزگە سەۋەب، باھانە بولماسلىقى كېرەك. تىل ئۆگىنىش يالغۇز بالىلارنىڭلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭلا، ياشلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەربىر تىنىقى بار ئىنساننىڭ ئىشى. سىز بىر تىلنى بىلگىنىڭىزدىن باشلاپ، ھاياتنى، تۇرمۇشنى قايتىدىن تونۇيسىز. ئەلۋەتتە، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش مۇھىم بولغىنىدەك، ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش، سۆيۈش ئىنتايىن مۇھىم، يەنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. يات تىلغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئانا تىلنى سۆيۈش، ھۆرمەتلەش، ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بىز تىلنىڭ قورالىغا ئايلانماي، تىل بىزنىڭ قورالىمىزغا ئايلىنىشى كېرەك.
مەنبە: تاھىرجان ئۇبۇلقاسىمنىڭ «ھاياتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان 17 لېكسىيە» دېگەن كىتابدىن ئېلىندى. رەھمەت سىزگ ئالدى بىلەن ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ كەڭ تىل ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
مەن يەنە مۇنداق بىر نۇقتىنىمۇ قوشۇپ قويماقچى: تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن نومۇس قىلماسلىق، ئىزا تارىتماسلىق كېرەك. رەھمەت سىزگە ئەزھەر ئەپەندىم تىل ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يىتەكلەش ئەھمىيتى زور بولغان تېمىكەن.
ئەزھەر ئەپەندىگە رەھمەت. تىل ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يىتەكلەش ئەھمىيتى زور بولغان تېمىكەن.
ئەزھەر ئەپەندىگە رەھمەت. كۆپتىن كۆپ رەھمەتبەك ياخشى تىما يوللاپسىز . نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 16:51
ئالدى بىلەن ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ كەڭ تىل ھەۋەسكارلىرى ئ ...
شۇنداق تىل ئۆگىنىشتە دادىل بولۇش تولىمۇ مۇھىم . ئانا تىلىمىز ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىش ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى . نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-12-14 16:51
ئالدى بىلەن ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ كەڭ تىل ھەۋەسكارلىرى ئ ...
شۇنداق تىل ئۆگىنىشتە دادىل بولۇش تولىمۇ مۇھىم . ئانا تىلىمىز ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىش ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى .
بەت:
[1]
2