ۋەيرانە يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 17:46:21

خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە تالقىنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-12 18:01

خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە تالقىنى    
بۇ تالقان كىچىكىدە قاراڭغۇدىن قورقۇش،چوڭ بولغاندا
خوتۇندىن قورقۇش،مۇھاببەتتە مەغلۇپ بۇلۇش،خۇتىنى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە ئۈزىنى ئۇرۇش،تېل ئاڭلىسىمۇ قورسىقى تۇيۇش،3 تە ياخشى 5تە نەمۇنىچى بۇلۇش ،ھەمدە ئايلىق مائاشىنى تىقالماسلىق ،ئانىسى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە پوكىنىدىن سىقالماسلىق ،ئۈزىنىڭ جېنىنى ئۈزى باقالماسلىق ،ئېغىلدىكى كالىسىنى ئۈزى ساغالماسلىق،خېمىر يۇغۇرۇپ نان ياقالماسلىق، ناننى چاينىيالماسلىق .يولدا تۈز ماڭالماسلىق ،يەنە كىلىپ ماتاڭ يېسە چىشىغا چاپلىشىپ قېلىش،ئالمىنى پۈتۈن يېسە ئاغېزىغا كەپلىشىپ قېلىش،پۇتبول ئوينىسا پۇتلىرى تېپىشىپ قېلىش، موللاق ئاتسا يىقىلىپ قېلىش قاتارلىق ئۇنىڭدىن باشقا،چوڭلادىكى 100 ياشقا كىرگەندىمۇ ۋېلىسىپىت مىنەلمەسلىك،ئۈزىنىڭ سىرتمىسىنى ئۈزى ئىتەلمەسلىك ،50 يىل بۇرۇنقى ئىشنى بىلەلمەسىلىك ،ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالسا كىلەلمەسلىك،يۇمۇر ئاڭلىسىمۇ كۈلەلمەسلىك،بۇزۇغان نەرسىسىنى تۆلەلمەسلىك، 80 ياشقا كىرگەندىمۇ مۇھاببەت تاپالماسلىق،يوتقىنى ئېچىلىپ كەتسە ياپالماسلىق،ئۈزىنىڭ كەشىنى ئۈزى ساپالماسلىق ،كىچە بولسا دەرت ئازاپتا ياتالماسلىق ،مىلتىق كۆتىرىپ ئوۋ ئاتالماسلىق ،يىڭنىگە يىپنى ساپالماسلىق ،5 قەۋەتتىن ئۈزىنى ئاتالماسلىق ،1 گە 1 نى قاتالماسلىق ،بىر كۈن كەتمەن چاپالماسلىق ،قاتارلىقلارغا خانىم قىزلىرىمىزدىكى بولسا ،كىلىشكەنلەرنى كۆرسە قاش ئاتالماسلىق ،ئىرى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە تاش ئاتالماسلىق ،راسقا يالغاننى قاتالماسلىق ،كۈندە 100 يۈئەنلىك گىرىم قىلالماسلىق ،كۈزى چۈشكەن مالنى ئالالماسلىق،ئالتۇن ئۈزۈك سالالماسلىق ،پايپىقىنى يۈتۈرۈپ قويۇپ تاپالماسلىق قاتارلىقلارغا ،ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرمىزدىكى بولسا ،ئۇقۇتقۇچىللىردىن قورقۇش ،فورما كەيمەي سىنىپقا كىرەلمەسلىك،ئۇقۇتقۇچىسىنى ئالدىيالماسلىق،دەرىستىن قاچالماسلىق،باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۈچىرەلمەسلىك ،تەييارلىقسىز ئىمتاھاندىن ئۈتەلمەسلىك،مۇھاببەت تۇتالماسلىق،قىما ئوينىسا ئۇتتالماسلىق ،ئۆتمىگەن دەرىسنى ئۇقالماسلىق،يۈرەكلىك باۋ يې قىلالماسلىق ،ئاتا - ئانىسنى پۇل سالدۇرالماسلىق،چېچىنى بۇيالماسلىق ،باشقىلارنى ئالداپ قۇيالماسلىق ،ئوغىرى پۇلىنى ئېلىۋالسا تۇيالماسلىق ،باشقىلاردىن ئۇيالماسلىق ،پۇتى سۇنۇپ كەتسە توپ ئوينىيالماسلىق ،يالغان گەپ تۇقۇيالماسلىق ،ئۆگەنمىگەن خەتنى ئۇقىيالماسلىق ،ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرالماسلىق ،ئۈزىدىن چوڭلارنى ئۇرالماسلىق ،قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن سىرت ،تاماكا چەكسە ئۆپكىسىگە كىتىش،ھاراق ئىچسە مەس بۇلۇپ كىتىش،كۈنىنى ئېلىش تەس بۇلۇپ كىتىش،باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە پەس بۇلۇپ كىتىش،ئۇرۇشقاندا يىڭىلىپ قېلىش ،دەرىس خوشياقمىسا مەكتەپتىن قېچىش ،كۈندا ئالەم چۈشكىچە يېتىش ، دەرىس ۋاختىدا ئۇخلاپ قېلىش ،كۈندا 3 ۋاخ تاماق يىيىش ،كىيىملارنى تەتە كىيىش ،كىچىسى ياتقان يىرىگە سىيىش ، ئاي شارىغا چىقسا بېشى قېيىش، ئۇخلاپ قالسا چۈش كۆرۈش،شۇنداقلا چېچىنى تارىيالماسلىق ،قىزىلارنى كۆرسە قارىيالماسلىق ،ئىشىك دېرىزىلەردىن مارىيالماسلىق ،قىز ئۇغۇللارنى ئايرىيالماسلىق ،قاتارلىق كىسەللىكلەرگە بولغان ئۈنىمى ناھايتى ياخشى سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز مىنىڭ مەنپەتىم ئۈچۈن ئالدى بىلەن 10 قاپ ئىشلىتىپ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلمىگەندىن كىيىن خاتىرجەم ھالدا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ،ئىشلىتىش ئۇسۇلى :كىچە سائەت 12 بىر ۋاخ ئەتتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ناشتا قىلىپ بۇلۇپ بىر قېتىم ئىچسىڭىز بۇلىدۇ ،دورىنىڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىشى ئۈچۈن ئامال بار پىجۇ ياكى ئەرگوتو بىلەن بىللە ئىچىڭ ، بىر داۋالاش باسقۇچىدىلا بارلىق كىسىلىڭىزنى تەل تۈكۈس شەنچۇ قىلىۋېتەلەيدۇ .ئورنى يەر شارىغا كىرىپ مىنوس 520 ياكى مىنوس886 يول مىتىرولىرغا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاچ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتىدا چۈشۈپ قېلىپ ،خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە كۇلىبىغا كىرسىڭىز بۇلىدۇ ،ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرمىز5959000 غا تېلىفۇن قىلسىڭىز بۇلىدۇئەسكەرتىش:مەزكۇر دورا پوچتىدىن ئەۋاتىلمەيدۇ
مەنبە:ئۆز قەلىمىم

150015 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 22:21:31

راسلا ئىسىل تالقانكەن . ئەڭ يىڭى خەۋەرلەدە ئسپاتلىنىشىچە،بۇتالقاننى ئىستىمال قىلمىغانلاردا ؛ تىمىغا، ئنكاس يازامماسلىق . ئىملاغا دىققەت قىلالماسلىق . چىكىت - پەشلەنى جايىغا قويامماسلىق ............ ۋە شۇنۇڭدەك ، ھەرخىك كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرلىشى مۇمكىن .

ئاكاش0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 00:47:58

//mobcent//app/data/phiz/default/01.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png

ئالماس31 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 11:19:05

تىما بىلەن ماۋۇ ئىنكاس بەك ماسلىشىپتۇ جۇما

ۋەيرانە يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 11:39:51

150015 يوللىغان ۋاقتى2014-12-12 22:21
راسلا ئىسىل تالقانكەن . ئەڭ يىڭى خەۋەرلەدە ئسپاتلىنىشى ...

بۇگەپنىڭمۇ ئاساسىباركەن جۇما،كەمىنە بۇنى ئالى مەكتەپكە يىڭى بارغان ۋاختىمدا يازغانشۇنى كۈچۈرۈپلاتۈزەتمەي يوللاپ قۇيۇپتىمەن،،شۇنداقلا مەن بۇ دورىنى تېخى ئىشلىتىشنى باشلىمايلا ئالدى بىلەن بۇ ئېلانىنى يېزىۋەتكەن،شۇڭا مەندىن خاتالىق چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ،،مەنمۇ ئىستىمال قىلسام بولغۇدەك ئەمدى

خىيال388 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 12:17:20

;P:lol{:5_171:}
بەك ئوخشاپتۇ.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 14:39:00

خىلىلا ياخشى يېزىپسىز.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 14:39:04

خىلىلا ياخشى يېزىپسىز.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 17:49:34

بۇ دورىنىڭ ئەكىستەسىرى يوقتۇ ;P

ۋەيرانە يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 19:00:49

شىپا يوللىغان ۋاقتى2014-12-13 17:49
بۇ دورىنىڭ ئەكىستەسىرى يوقتۇ

خاتىرجەم بۇلۇڭپەقەت مەن دىگەندەكپىجۇ ياكى ئەرگوتو بىلەن ئىچسىڭىزقەتتى ئەكىس تەسىرى يوق:P
بەت: [1] 2
: خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە تالقىنى