شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش
شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسىنۆۋەتتە مەن سىزلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور بەتنىڭ نامى «شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مۇلازىمەت سۇپىسى » (新疆基础教育资源公共服务平台培训) بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەققىقات ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ زور مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشى ئارقىسىدا روياپقا چىققان ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئۈلگىلىك، نادىر دەرسلىكلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنغان تور مۇلازىمەت سۇپىسىدۇر.
تور بەت ئادرىسى:
شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسى
新疆基础教学资源服务平台
http://edu.xjcxedu.com
شىنجاڭ قوشتىل ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى مۇلازىمەت سۇپىسى
新疆双语教学资源服务平台
http://rsp.xjsyjx.net
بۇ ئىككى تور بەتكە تىزىملىنىپ كىرگەندىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ دەرسىگە ئائىت ھەرقانداق دەرسلىك دېتالى، ئوقۇتۇشقا ئائىت ھەرخىل سىن، رەسىم، ئاۋاز... قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز. ئۆزىڭىزدە بار بولغان دەرسلىكلەرنى باشقا ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئوقۇتقۇچى دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. ئۆزئارا پىكىرلىشەلەيسىز.
قوش تىل ئوقۇتۇشقا ئائىت چەكمە ئوقۇتۇش ، تەكرار ئوقۇتۇش، خەتنىڭ تۈزىلىشى،يېزىلىش تەرتىپى،پىنيىن ھەم تون بەلگىسى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قاتارلىقلاردىن بىرلا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.
بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدا لاھىيلەنگەن بولۇپ، ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى بىمالال پايدىلىنالايدۇ.
تۆۋەندىكىسىبۇ تور بەتكە تىزىملىتىش جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر:
تۆۋەندىكىسى بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىشقا ئائىت دەرسلىك دېتالى
新疆基础教育资源公共服务平台培训.ppt
新疆基础教育资源公共服务平台
新疆双语教育资源服务平台培训.ppt
[新疆双语教育资源服务平台培训.ppt
قالغان ئىقتىدارلىرىنى دوستلار ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالسا بولىدۇ.
ئەگەر بىلەلمىگەن ياكى چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا دوستلار ئۈچۈن ھەرزامان ياردەمگە ھازىرمەن.
بىلەلمىگەن جايلىرىڭىزنىئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ناھايىتى ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز، ئۇزۇن بولغان سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرمىگىلى //mobcent//app/data/phiz/default/23.png
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-9 19:40
ئاۋۇ دەرسلىك چۈشمەيدىكەن. ئادرېسىنى ئوڭشاپ قويسىڭىز!!!
PPT دەرسلىكنىڭ ئادرېسى ئوڭشىلىپ بولغىچە تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈپ تۇرۇڭلار.
دەرسلىك ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە قازاقچە تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىپ تۇرۇڭلار
http://edu.xjcxedu.com/index.php?app=changyan&mod=Guide&act=register مەنمۇ تىزىملاتقان ئىدىم، ناھايىتى تەس تەستىقلاندى. لىكىن ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماپتىمەن، ماۋۇ دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەتسەم بولغۇدەك. 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ مائارىپ نازارىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىغا ‹ شىنجاڭ ئاساسى مائارىپ بايىلىق مەنبەسى مۇلازىمەت سۇپىسى › تور بېتىنى رەسمى كەڭەيتىش خىزمىتىنى باشلىدى . كېلەر يىلى 9- ئايغىچە قاپلاش نىسپىتى 100% بولىدۇ . نۆۋەتتە ئالتاي ،چۆچەك، سانچى ، قارىماي، تۇرپان، قۇمۇل،كورلا قاتارلىق شەھەرلەر ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ سۇپا ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىشلەنگەن .
مەن يەنە بىر قوش تىل ئوقۇتۇش سۇپىسىنى تەۋىسسىيە قىلاي:
شىنجاڭ قوش تىل مائارىپ مەنبەلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى
ئادېرس:http://rsp.xjsyjx.net/rspWeb/
پايدىلىقئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھىرلەنگەيمىز. يوللۇغۇچىغا رەھمەت. بۇىڭغا ئازراق تەكلىپ بېرەي :
1.بۇ يەردىكى ppt,word ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خېتى نورمال ئەمەس.
2.بەزى ۋىدېولار نورمال قويۇلمايدىكەن. مەنمۇ تېزىملاتقان ، بۇ تور بەتلەردە ھەر قايسى ئوقۇتۇش پەنلىرىگە ئائىت ياخشى ماتېرىياللار بار . بۈگۈن ناھىيمىزدە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىتىشقا باشلىدى، ھەقىقەتەن بەك ياخشى سۇپا ئىكەن بۇ. يەكشەنبە كۈنىدىكى تەربىيلەشتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئالماشتۇرغۇچنى كۆرسەتكەن ئىدى،چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قايسىڭلار بىلىسىلەر ؟
بەت:
[1]
2