بۆلەكچىلا يۇمۇرلار
بۆلەكچىلا يۇمۇرلاربىر كۈنى بىر دوستۇممېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.بىز تاماق يەپ بولۇپ تاماق پۇلىنى تۆلىگىچە ئۇ دوستۇم شۇنداق ئەزمىلىك بىلەن يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.مەن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا‹‹بولدى ئاداش،تاماق پۇلىنى مەنلا تولىۋېتەي››دىدىم.ئۇنىڭ چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈگىردى ۋە ماڭا«سەت بولدى ،سېنىڭ دىگىنىڭدەك بولسۇن ››دىدى.مەن «ھېچقىسى يوق››دىگەچ ئۈنۈڭ يانچۈقىغا قۇلۇمنى تىقىپ پورتمالىنى چىقاردىم.
*********************************************
مەن تاماكا چېكىمەن ،لېكىن ئەزەلدىن تاماكا سېتىۋالمايمەن. ئەمما نىمىشقىكىن يېقىن ئوتىدىغان دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلىدى ...نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم.
*********************************************
باشلانغۇچتىكى چاغلىرىم ئىدى.مەن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان قەغىزىمنى ئاپامغا كۆرسەتتىم.ئاپام ئىمتىھان قەغىزىدىكى 90 نۇمۇرنى كۆرۈپ خۇش بولماقتا يوق ناھايىتى كەسكىن ھالدا:ئوغلۈم راستىڭنى ئېيت،مۇنۇ كەينىدىكى 0 نى ئۆزۈڭ قويىۋالدىڭغۇ دەيمەن –ھە؟ئەگەر يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلساڭ، مەن ساڭا بەش يۈەن بېرىمەن››دىدى.شۈنىڭ بىلەن مەن ئاپامغا كەينىدىكى 0 نى ئەمەس بەلكى ئالدىدىكى 9 نى ئۆزۈم يېزىۋالغانلىقىمنى ئىقرار قىلدىم.
***********************************************
بىرى مەندىن سوراپ قالدى:
-يىللىق مۇئاشىڭ قانچە؟
-بىر مىليۇن
-ئەمسە ئايلىق مۇئاشىڭ 800 مىڭدىن توغرا كېلىدىكەندە.
-شۇنداق ،بۇ مۇئاشنىڭ بىر قىسىمى.
-ياخشىغۇ ،سەن نىمە خىزمەت قىلىسەن؟
-چۈش كۆرىمەن.
ئىلتىماس:"ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونى"نى قوشىۋېلىپ قوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.سالونىمنىڭ ئىزدەش نامى:angarxeirliri //mobcent//app/data/phiz/default/01.png
ۋاخ بۈگۈن كەيپىياتنى 100% قىلۋەتىڭز . رەخمەت .سىزگە . ھې..... ئالامەت...! //mobcent//app/data/phiz/default/01.png//mobcent//app/data/phiz/default/04.png
بەك قىززىقكەن.
بەت:
[1]