بالىلارغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرمەڭ!
بالىلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى ئانا سۈتى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ، ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرىتىنى كونترول قىلالمىغاچقا، ئىشتىنىنى ئوسا قىلىپ قويۇپ، ئانىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.كۈندىلا ئىشتان يۇيۇشتىن زېرىككەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەرەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرۈپ قويۇشىدۇ.توغرا، ئېغى ئوچۇق ئىشتان قۇلايلىق، بالىلار ئېڭىشىپ ئويناۋاتقاندا تەرەت قىلىۋەتسىمۇ ئۇدۇللا سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ-دە، ئىشتىنى ساق قالىدۇ. ئەمما ئانىلار شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يوق ،بالىڭىز ئۆمىلەشكە، مېڭىشقا باشلىغانىكەن، ئۇچرىشىدىغان نەرسىلىرى كۆپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كېڭىيىپ، دائىم سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەچكە، بالىلارنىڭ سۆڭگىچى توڭلايدۇ، يەنە سوغۇق شامال بىۋاستە قورساق ۋە يانپاش بىلەن ئۇچرىشىپ، بالىلارنىڭ ئاسانلا زۇكام بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغى ئوچۇق ئىشتاندا بالىلارنىڭ كاسىسى ۋە جىنسى ئەزاسى ئوڭايلا سىرتتىن كىرگەن مىكروبلار بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ.
يەنە بالىلاردىكى ئۈچەي يولىدا كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرۇت كېسىلىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرۈش بىزنىڭ جۇڭگودىلا بارمىكىن دەپ قالىمەن ، چەتئەلدە بۇنداق ئىشلار يوقكەن ، ئاتا-ئانىلار ياكى بالىلار بۇنى يىرتىلىپ كەتكەن ئىشتان، كىيگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.
بىر چاغلاردا تەرمىلەر ژورنىلىدا «ئېغى ئوچۇق ئىشتان ۋە جۇڭگولۇقلار» دەيدىغان ماقالىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، ئۇ ماقالىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ. چەتئەلدىن جۇڭگوغا تەتقىقات ئۈچۈن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى خەنزۇلار بىلەن بىرگە بىر قورۇدا تۇرىدۇ، بىر كۈنى ئۇلارنىڭ 6ياشلىق قىزى بىلەن قوشنىىنىڭ 4 ياشلىق خەنزۇ ئوغلى ھويلىدا بىرگە ئوينايدۇ، بۇ جەرياندا قىزچاق ئۇ بالىنىڭ ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگىنىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە يۈزىنى تۇتۇپ چىرقىراپ يىغلايدۇ، ئاتا -ئانىسىنى كۆرۈپ بۇ ماڭا جىنسى پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كەلدى، دەيدۇ. دېمەك، ئېغى ئوچۇق ئىشتان بىراۋلارنىڭ نەزىرىدە ئەدەبسىزلىكنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئىپادىسى.
ئانىلار بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭلار، قىزىڭلارنى ئۆز ئاتىسىغىمۇ ئىشتانسىز ھالەتتە كۆرسەتمەڭلار. شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە يادىڭلاردا بولسا كېرەك، بىر ئاتا ئۆزىنىڭ بىر ياشلىق قىزىنى، تىزىغا قويۇپ ئەركىلىتىپ ئولتۇرۇپ نىيىتىنى بۇزىدۇ . ئاللاھ بارچە قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئىمان بەرسۇن ئامىيىن.
ئەڭ مۇھىمىبالىلار كىچىكىدىن ھايالىق، ئەخلاقلىق بولۇشقا كۆنىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرگەندە :«بالام، بۇ كېيىملەرنى ئاللاھ سىزگە يەتكۈزدى، ئاللاھقا رەھمەت دەڭ» دېگەندەك گەپلەرنى بالىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.يەنە بالىغا كېيىم ئىلىپ بەرگەندە جانلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن ۋە ياكى ھەددىدىن زىيادە قىممەت كېيىملەرنى ئېلىپ بەرمەسلىكى، يۇيۇش ئاسان، بالىنىڭ تېرىسىگە زىيان قىلمايدىغان يۇمشاق، چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق، تار، بەدەننى سىقىۋالمايدىغان بولىشى كېرەك.
ئاندىن يەنە بالىنىڭ جىنس پەرقىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا كېيىم تاللاش كېرەك، مەسىلەن ئوغۇللۇق بولغۇسى بار، ئەمما قىز پەرزەنتلىك بولۇپ قالغان بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىغا ئوغۇلبالىچە كېيىملەرنى كىيگۈزۈپ ياساش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى پەسەيتمەكچى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنداق بالىلاردا ئوغۇلبالا مىجەز، خېنىم مىجەزلىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ ھەم يەنە ئېغىر پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ بۇندا بالىلار.
خۇلاسە كالام، بالىڭىزغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرمەڭ، بالىڭىزنىڭ كېيىمى ئاددى-ساددا بولسىمۇ پاكىز بولسۇن، پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدىكى بالىلارمۇ ئېغى ئوچۇق ئىشتانلارنى كىيگەن ياكى يالىڭاچ ھالەتتە قونچاقتەك دىڭىڭلداپ يۈرمىگەن بولغىيتى؟
مەنبە:ئەي بالام بىلوگى راست، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كەيدۈرۈشكە بولمايدۇ. :lol
بەت:
[1]