arzu يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 22:12:21

قۇتلۇق كۈندىكى مۇشائىرە(ئارزۇ)

روھلان مۇنبىرىمىزنىڭ ئاپىرىدە بولغىنىغا ھەش - پەش دېگۈچە ئىككى يىل بوپ قاپتۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى يىلدا قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش... جەريانىدا ئاز بولمىغان ئەگرى - توقايلىقلارنىڭ بولغىنى ئېنىق. نېمىلا بولمىسۇن، مۇنبىرىمىز ھازىرقى ھالەتكە كەلگۈچە، نۇرغۇن بىلىمخۇمارلارنىڭ خۇمارىنى بېسىپ، چاڭقاق دىللارغا بىلىم شەربەتلىرىنى سۇنۇپ، ھەممەيلەننىڭ تەڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ كەلدى.....
مانا بۈگۈنكىدەك، بېكىتىمىزنىڭ ئىككى يىللىق قۇتلۇق كۈنى تەنتەنە قىلىنىۋاتقان خوشال دەملەردە   قاراپ تۇرساق بولماس، ھەممەيلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ شادلىقىغا شادلىق قاتايلى.... بېكىتىمىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەك تىلەيلى.
مۇشائىرىنى مەن باشلىدىم، جانلاندۇرۇش ھەممەيلەندىن بولسۇن.....
( ئەلۋەتتە مۇشائىرە قائىدىسى بويىچە بولىشى كېرەكتە، ئاۋال مەن مۇنبەر تېمىسىدا باشلايمان، كۆپچىلىكئاخىرىنى خالىغانچە چۈشۈرسە بولىدۇ، بىر - بىرىگە چاخچاق مۇشائىرىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى تورداشنىڭ يازمىسىنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى باشلىنىش قىلساقمۇ، ياكى خالىغانچە قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەركىنرەك بولسۇن. تورداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئاددىيراق باشلىدىم. )

قېنى كىلىڭ ئەزىزلەر ،
باشلايلى بىز چاقچاقنى .
قىزىپ كەتسۇن بۇ مۇنبەر،
شاتلاندۇرۇپ دىللارنى .


*******

قۇتلۇق بولسۇن مۇنبىرىم ساڭا،
تولدۇڭ بۈگۈن ئىككى يېشىڭغا.
جۇلالاندى چاقناپ ئۆزگىچە،
شەربەت سۇنغاچ تەشنا دىللارغا.

بولۇپ قالدىبىلىملەر كانى،
خاسلىقىڭغا قايىل ھەممەيلەن.
مەپتۇن قىلار بىزلەرنى مۇنبەر،
ئاۋات بولسا ئەزالار بىلەن.

بىرلا مەخسەت ھەم ئالىي ئىستەك،
مۇنبەر ئۈچۈن تەرلەر تۆكىشىپ.
يۈرەكلەرگەچوغلارسۇنىدۇ،
مۇنبەرداشلار ئوتلۇق بېقىشىپ،


قېنى داۋامىغا مەرھەمەت!!!



dulani يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 22:25:27

بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   dulani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2010-9-16 22:47

ئارزۇ خانىم مۇشائىرىنى باشلاپتۇ، قېنى تورداشلار مۇشۇ مۇشائىرە بىلەن مۇنبەرنى بىر قىزىتىپ باقمايلىمۇ؟
قاملاشتۇرالمىساممۇ تۇنجى بولۇپ ئەگىشەي ئەمىسە.

مۇنبەرداشلار ئوتلۇق بېقىشىپ،
ناخشا-قوشاق توقۇشمايلىمۇ؟.
ئىككى يىللىق توينى قۇتلۇقلاپ،
مۇشائىرە ئوقۇشمايلىمۇ؟.

بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىدى،
مۇنبىرىمىز ئىككى يىل بۇرۇن.
ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۈگۈن،
ئالدى دوستلار قەلبىدىن ئورۇن.

بىلىمخۇمار دوستلار ھەر ياقتىن،
جەم بولۇپتۇق مۇنبەر يۈزىگە.
مۇنبىرىمىز سەھىپىلىرى،
ئۆزگىچە ھەم خاستۇر ئۆزىگە.

مۇشۇ خاسلىق داۋاملاشقۇسى،
كەڭ دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن.
يۈكسىلەيلى يېڭى پەللىگە،
يېڭى ئارزۇ ئۈمۈدلەر بىلەن.

baharyamguri يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 22:38:43

ئارىدا ئۆتۈپتۇ شانلىق ئىككى يىل ،
ۋاقىت ئاز ،ئەكسىچە نەتىجە بەك كۆپ .
تىلەيمەن كۆپچىلىك بولۇپ ئىتتىپاق ،
مۇنبەرگە كىرەيلى ، بىلگەننى تۆكۈپ .

داۋامىنى يەنە يازاي ، ئىلھام تازا يوق تۇرىدۇ .

ئويرۇك يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 22:51:47

ئۈتۈپ كەتتى ئىككى يىل،
كۆزنى يومۇپ ئاشقۇچە.
بىلمىگەننى بىلۋالدى،
چوڭ مېڭىسى توشقىچە.


ناغرا سوناي ياڭراتتۇق،
روھلانجاننىڭ تويىغا.
تېنىچ ئامانلىق تېلەيمز،
ئادىلجاننىڭ تېنىغا.

xirna يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 23:03:58

بىلىمئىرپانئىزدىنىپ ،
روھلانىمدا كۆكلىدىم .
ئىككى يىللىق تۇيۇڭدا ،
دەمدەر كەبى ئۇنلىدىم .

alogli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 23:46:51

ھەي مەن يەنە كىچىكىپ قاپتىمەن،شۇنداق بولسىمۇ ئەگىشىپ كەتتىم.

شەربەت سۇنغاچ تەشنا دىللارغا،
يۈكىسلىسەن كۈنسىرى روھلان.
مۈدۈرۈپ ھەم چېنىقىتڭ تۇلا،
تەۋىرتەلمەس ئۇلىڭنى قىيان.

تەۋرىتەلمەس ئۇلىڭنى قىيان،
تالاي ئەزمەت ساڭا يۈلەكتە.
ھاجەت بولماي ئۆتەلەيدۇ كىم،
ھاجەتمەنگە سەن بىر يۆلەكتە.

قۇتلۇق بولسۇن مۇنبىرىم ساڭا،
بۇلاق،ئارزۇ،ھەۋەس،ئادىلغا.
تۇرسۇن ھەمدە تالاي تۆھپىكار،
دەرت بەرمىسۇن تەڭرى ئۇلارغا.

تولدۇڭ بۈگۈن ئىككى يېشىڭغا،
نى قىسمەتلەر كەلدى بېشىڭغا.
سەندە خاسلىق،سەندە بىلىم كۆپ.
شۇڭا ھەممە كەلدى يېنىڭغا.

جۇلالاندى چاقناپ ئۆزگىچە،
سەندىكى ھەر بىر تىمىلار.
قەدەم باسقان ھەر بىر ئىنساننىڭ.
قەلبى قەلبى رازى،ئۈنسىز شادلىنار.

كىرىپلا ئالدىراپ،قاملاشمىغان بىر نەرسىلەرنى يازدىممۇ نىمە،تەقەززا بولغانغا چۇشلۇق ئىش بولماي قالدى

alogli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 23:48:59

ئىككى يىلغا تولغان كۈنۈڭدە ،
ئولتۇرۇپمەن يەنە داق يەردە.
سۆڭگەچلەرنى قاپارتىپ تۇرۇپ،
تازا تۇقۇي ساڭا مەدىھيە

alogli يوللانغان ۋاقتى 2010-9-16 23:51:29

ئىككى يىلغا تولغان كۈنۈڭدە،
7-نى ئالاي ئۆزەمگە.
سەن بىلەن تەڭ يۈكسىلىپ مەنمۇ،
تۇرۇۋەرمەي يەنە داق يەردە

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 00:45:19

مەنمۇ ھەمقۇرۇق كەلمىدىم،
ئېلىپ كەلدىم ئاددى سالامنى.
قۇتلۇق كۈنۈڭنى تەبىركلەپ
تۇتاي ساڭائاددى گۈلۈمنى.

قولنى قولغا تۇتۇشۇپ
جەم بۇلايلى روھلانداشلىرىم
تەبرىكلەيلى راسا كۈي قېتىپ،
بىلىمخۇمار روھلانداشلىرىم

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 00:50:41

كىرىپ قاپسەن ئىككىگە،
قۇتلۇق كۈنۈڭبولامدۇ ؟
قۇتلۇق كۈنۈڭگە تورداشلار
قول قويۇشتۇرۇپ تۇرارمۇ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: قۇتلۇق كۈندىكى مۇشائىرە(ئارزۇ)