ئالماس توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلاندىكى بارلىق تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر! ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!ئەسلى گەپكە كەلسەم: قايسى بىر كۈنىئۆيدىكىلەرنى يوقلىغاچ ئازراق ئىشلىرىم باتتى شۇ ئىشلارنى بېجەرگىلى ئۈرۈمچىدىن يۇرتقا قايتقانتىم، ئۆيگە كەلسەم ئۆيدىكىلەر توكسىكىلىتقا بېسىلغان كۆمۈرنى چۈشۈرگىلى تەمشىلۋېتىپتىكەن، مەن چۈشىرۋېتەي دەپ چۈشۈرۈپ بولاي دېگەندە بىر نەرسە كۆرىنىۋاتىدۇ كۆزۈمگە، كۆمۈرنىڭ ئارىسىدا ئىكەن تەستە ئالدىم، چىمچىلاق بارماقنىڭ تىرنىقىچىلىك نەرسە ئىكەن، ئىككى پارچە بىرى سەل كىچىك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تازلاپ قارىسام ئالتۇنغا سەل ئوخشىماي تۇرىدۇ، ئالتۇندەك سېرىق ئەمەس ئىكەن ، ئەينەكتەكمۇ ئەمەس، نۇر چاقنىتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئالماس ئوخشايدۇ دەپ ئەينەكنى سىزسام كىسىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ بۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتقا سېلىپ باقايمۇ دەپ ئويلىغان ئالماسنى كۆيىدۇ دەپ ئاڭلىغان، ناۋادا راست ئالماس بولۇپ قالسا كۆيۈپ كەتمىسۇن دەپ بىر يەردە تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئويلاشتىم ، ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىشەنچىلىك جاي بارمۇ ياكى باشقا ئامال بارمۇ شۇڭا بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار مىننەتتار بولغان بولاتتىم. بەيدۇ توردىن ئىزدەپ بېقىڭ. سىزگە كۈتۈلمىگەن ئامەت كەپتۇدە! ئەينەكنى بىمالال كەسكەن بولسا ئۇ چۇقۇم ئالماس دىيىشكە بولدۇ. ۋاھ .......... سىزگە ئامەت كەپتۇ مانا :lol، كۆمۈرنىڭ ئېچىدىن ئالتۇن چىققىنى كۆرگەن لېكىن ئالماس چىققىننى كۆرمەپتىكەنمەن ، ئۇ ئالماس ئەمەسئۇنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ بىقىڭ ئۇ ئۇگۇلۇپ كىتىدۇ .ئالماس ئىنتاتىن قاتتىق جىسىم .مەن سەھرادا بولغاچكومۇرنىڭ ئارىسىدىن چىققان بونداق روددىلارنى ئۇبدان بىلىمەن . ئالماس كۆيدۇ.يەنە بولقا بىلەن ئۇرۇپ سالماڭ ھەقىقى ئالماسمۇ چىقىلدۇيەنىلا تەكشۈرتىپ بىقىڭ ،ئەينەكنى كەسكىنگە قارغاندا ئالماس بولشى مۇمكىن ئۇ ئالتۇنمۇ ئەمەس ئالماسمۇ ئەمەس .بىر چاغلاردا كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوتتۇرا مەكتەپتە كۈمۈر چۈشۈرۈپ قۇيۇپتىكەنشۇ يەردە بىر نەچچە ئون بالا بىرلىشىپ مەكتەپ قوروسىغا چۈشۈرۈپ قويغان كۈمۈردىن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىلەرنى ئىزدەپ كۈمۈرنى چېچىۋەتكەن ئىدۇق .كىن مەكتەپ مۇدىرى چوڭ مەيدادندا ئۈرە تۇرغۇزۇپ سازايى قىلغان ئىدى .ھرلىمۇ ئىسىمدە .ئۇ ئالتۇن ئەمەس .ئىسمى .زالتايدىگەندەك بىر نەرسە ئۇ .كىن خەمىيە ئۇقۇتقۇچىمىز .تەجىربە ئىشلەپ بەرگەن .سۇلپات كىسلاتاغا سالغان ئىدى ئىرىپلا كەتكەن .ئادەتتە ئالتۇن ئالماس دىگەندەك نەرسىلەر ھېچقانداق نەرسە بىلەن رېئاكسىيەلەشمەيدۇ ...چۈشۈنۈشلىك بولغاندۇ ...:lol
بەت:
[1]