روھلان يانفۇن تېرمىنالى 3.2.2 نەشرى تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.ئالدىنقى قېتىم روھلان تېرمىنالى تاقالغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار تېزراق ياساشنى ئۈمىت قىلغان ھەم ياخشى تەكللىپ-پىكىلەرنى بەرگەن ئىدى، بۇ قېتىم تەكرار سىناش ئارقلىق ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولغان تېرمىنالنى ياساپ تارقاتتۇق، بۇ تېرمىنالنىڭ ياسىلىشى، سىناش، بولاقلاش قاتارلىقلارغا باشتىن ئاخىر مەسئۇل بولۇپ ئەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولوشىغا تكھپە قوشقان ئەركيۇرت مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، روھلان مۇنبىرىمىزنىڭ يولباشچىسى ئەركيۇرت ئەپەندىگە چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى:
1. سەھىپىلەر تولۇق كۆرۈنىدۇ، خالىغانچە سەھىپىنى تاللاپلا ، تېمىلارنى ئاچقىلى بولىدۇ.
2. رەسىملىك تېمىلارنى ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
3. يېڭى تېمىلار، نادىر تېمىلار باش بەتتە بىۋاستە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
4. تېمىلارنى باھالىغىلى، ئىنكاس قايتۇرغىلى، تېما يوللىغىلى بولىدۇ.
5. تېمىلارنى ئۈندىداردىكى دوستلارغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
6. ساقلىۋالغان تېمىلارنى كۆرگىلى، ئۆزىنىڭ تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
7. دوستلارغا ئۇچۇر يوللىغلى، سۆز قالدۇرغىلى، باشقىلارنىڭ ھويلىسىنى زىيارەت قىلىغلى بولىدۇ.
قالغان جەريانلار قىسقارتىلدى، تورداشلار ئۆزلىرى چۈشۈرۈپ، سىناپ بېقىش جەريانىدىكى تەسراتلىرىنى بۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا بولىدۇ.
بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلەر:
ئاندىروئىد نۇسخىسى
روھلاندىن چۈشۈرۈش ئادرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ
iphone نۇسخىسى
بۇنى چۈشۈرمەكچى بولغانلار بۇ ئىككىلىك كودنى سىكارنىلاپ چۈشۈرەلەيسىلەر
http://img.appbyme.com/d/aca/QRcCodeImg/ios/app62497/app62497.png
http://dl.mobcent.com/d/aca/ipa/app62497/Rohlan_3.0.0.ipa ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ، كۆركەم ھەم پاكىز، نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلۇپتۇ، تىخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا تىلەكداشمەن//mobcent//app/data/phiz/default/06.png
ناھايىتى كۆركەم چىقىپتۇ ، ‹‹ روھلان›› نىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ناھايىتى ياخشى بوپتۇ
مەن يەنىلا ئۇيغۇرچىسى چىققاندا چۈشۈرەي. //mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/22.png
ئاندىروئىد 2.3.5 سېستىمىلىق يانفۇندىمۇ سىناپ باقتىم .پۈتۈنلەي نورمالكەن. بۇمۇ ياخشى بوپتۇ. ئەركان يوللىغان ۋاقتى2014-12-2 23:00 static/image/common/back.gif
مەن يەنىلا ئۇيغۇرچىسى چىققاندا چۈشۈرەي.
سىز ئالما ئىشلىتەمتىڭىز؟ پەقەت يېڭى تېما، نادىر دېگەندەك خەتلىرىلا خەنزۇچە قالغانلىرى يەنىلا ئۇيغۇرچە چىقىدۇ، بولسا سىناپ باقسىڭىز بولاتتى، بىزدەك كەمبەغەللەردە سىناش شارائىتى بولماي قالدى //mobcent//app/data/phiz/default/19.png
ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللا....رەھمەت سىزگە!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-3 08:48
مەنمۇ سىناپ باقاي، ئەمدى يەنە بۇرۇنقىدەك قولاي بوپتۇدە! مۇبارەك بولسۇن! كۈرۈنمە يۈزىمۇ ناھايتى چىرايلىق چىقىپتۇ.