كارتون مۇسابىقىسنىڭ ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىلانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلمەس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-1 14:58http://rivayat.com/ur/data/attachment/common/cf/012157ujq9lub3bu3yzbum.gif
بىرىنچى قىتىملىق «رىۋايەت لوڭقىسى » نى تالىشش
كارتون مۇسابىقىسنىڭ ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىلانى
مەنبە - http://rivayat.com
1-مۇسابىقە مەقسىدىيىڭى يىل كىلىش ھارپىسىدا ئىلىپ بىرىلماقچى بولىۋاتقان بىرىنچى قىتىملىق رىۋايەت لوڭقىسنى تالشىش كارتون مۇسابىقىسىنىرىۋايەت كارتون سىتودىيسى تەشكىللىگەن بۇلۇپ ، بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرىغا تەجىرىبە ئالماشتۇرىدىغان ، ئىجادى قابىليىتىنى يۇقۇرى كۇتۇردىغان ، ئۇز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىشۋەبۇ ساھەدە يىڭىچە يۇكىسلىش ھاسىل قىلىش مەخىسىدى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى .سىزدە كارتون ئىشلەش ، كارتون ئوبرازلىرىنى لاھىيەلەش ،كارتون دىكراسيەسى سىزىش،سىنارىيە يىزىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ بىرى بولىدىكەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالايسىز . بۇمۇسابىقىگە كۆللىكىتىپ ۋە شەخىسلەرنىڭ قاتىنىششغا تامامەن بولىدۇ .
2- تەشكىللىگۈچى ئۇرۇنرىۋايەت كارتون سىتودىيسىرىۋايەت كارتون مۇنبرى http://rivayat.com
3- تەشكىللىگۈچىلەرئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن )تىلىغۇن- 13999858891 چ چ نۇمىرى - 605588378ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيسىدىن )تىلىغۇن- 13399776852 چ چ نۇمىرى -1037754601ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : uyguurcarto@126.com
4- مۇسابىقە ۋاقتىئەسەر قاتناشتۇرۇش ۋاقتى: 2014-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۇندىن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچەئەسەرلەرنى مۇنبەردە ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 10-كۈنى. ئەسەرلەرمۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئىجادىيەتچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن رىۋايەت كارتون مۇنبىىردە (http://rivayat.com)ئىلان قىلىنىدۇ ، شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ.باھالاش نەتىجىسنى ئىلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاي 21-كۈنىمۇكاپات تارقتىش ۋاقتى :2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
5-مۇسابىقە تۇرلىرى1-ئىككى ئۆلچەملىك ، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون كارتون فىلىم ( قانداق دىتال قانداق ئۇسلۇپتا ئىشلەش چەكلەنمەيدۇ) قۇنچاق كارتون ، قەغەز قىيما...... كارتون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ2-كارتون سىنارىيە ،كارتون ئوبراز ،كارتون دىكراتسىيەسى (مەنزىرە)6- تىزىملىتىش ئۇسۇلىمۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاۋال تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ ،ئىلىكترۇن نۇسخىسىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇسخەت ساندۇقىغا ئەۋەتسىز ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى يوللىمىغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلىرى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ، ئەسىرىڭىز پۇتمىگەن بولسا كىرەك يوق ئاۋال تىزىملتىشنى ئۇنۇتماڭ،تىزىملىتىش جەدىۋىلىنى تۇلدۇرۇپ بۇلۇپ ئەسەر قاتناشتۇرالمىسڭىزمۇ كىرەك يوق .تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە (http://rivayat.com)ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
7- مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار .1. مۇسابىقىگەقاتناشقۇچىلارنىڭ ياش ۋە كەسپى چەكلەنمەيدۇ .2. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر جوڭخۋا خەلىق جۇمھۇريىتنىڭ قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپ بولماسلىقى لازىم .3. ئەسەر چۇقۇم ئاپتۇرنىڭ ئۈزنىڭ ئىجادىيتى بولغان بۇلۇش لازىم ، ئوخشىتىپ ئىشلەنسە ۋەئۆزگەرتىلىسە ئىناۋەتسىز .4. مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىق ھۇقۇقى ۋە تارقىتىش ھۇقۇقى ئەسەر ئىگىسىدەبولىدۇ .5. بۇرۇن ئىشلەنگەن ۋە باشقا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلسابولىدۇ .6. مۇكاپات بۇيۇملىرىنى رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ .
8- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرگە قۇيۇلىدىغان تەلەپكارتون فىلىم ئەسەرلىرنىڭ ۋاقتى 60 سىكونىتتىن كام بولماسلىقى ، ئەسەر AVI、MPEG、MOV、SWFفورماتىلارنىڭ خالىغان بىرخىل شەكلىدە بۇلۇشى ، ئەسەرنىڭ تىمىسى ۋەچۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم .كارتون سىنارىيە ئەسەرلىرنىڭ خەت سانى 2000 خەتتىن كام بولماسلىقى ، ھىكايەۋەقەلىكى ئىجادىي ۋە تەسىر قىلارلىق بۇلۇشى لازىم ، قىستۇرما رەسىم قىستۇرۇلغان بولسا نۇمۇر قۇشۇپ بىرىلىدۇ .كارتون ئوبراز لاھىيىللىرى ئىجادى بولغان بۇلۇشى ، ئوسلۇبى ئۆزگىچە ،ئالاھىدىلىكى رۇشەن ، نىسبەت قۇرۇلمىللىرى ۋە پىرسپىكتىۋىسى توغرا ، بۇلۇشى ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇچ خىل يۇنۇلۇشتىكى (ئۇدۇل ، يان ، قىيپاش ) ھالتى سىزىلغان بولۇشى، ئەسەرRGB فورماتتىكى JPG ھۆججەت بۇلۇشى،چوڭ –كىچىكلىكى800*600 ، ئىنىقلىقى 300پىكسىل بۇلۇشى، ئىسىمى ۋە چۇشەندۇرشى بۇلۇش لازىم .ئەسەرنىڭ مۇۋاپىق ئۇرنىغا سالاھىيەت كىنشكە نۇمۇرىنى قالدۇرۇش لازىم
9- ئەسەر تاپشۇرۇش شەكلىئەسەرلىرىڭىزنىڭ يۇقارقى تەلەپ بۇيىچە تەييارلانغان نۇسخسىنى مۇسابىقەتەشكىلى ھەيئىتنىڭ مەخسۇس چ چ سى 1037754601 گە ئەۋەتسىز (ئەۋەتىشتىن بۇرۇن تىلىفۇن قىلىڭ 13399776852)ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ، ئەسەر تۇرى قاتارلىقلارنىمۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە (http://rivayat.com)ھەركۇنى ئىلان قىلىپ تۇرىدۇ .
10-مۇكاپاتلاش شەكلى1-دەرىجە بىر نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى -رەسىم سىزىش تاختىسى، شەرەپ گۇۋاھنامسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى (1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى).2 دانە كارتون دەرسلىك كىتاپ. Retas يۇمشاق دىتالنى ئۇگۈنۈش دەرىسلىكى(خەنزۇ تىلىدىكى سۈزۈك نۇسخسى)2-دەرىجە بىر نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى -رەسىم سىزىش تاختىسى ، شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى (1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى) .بىر پارچە كارتون دەرسلىك كىتاپ .3-دەرىجە بىر نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى - رەسىم سىزىش تاختىسى ،شەرەپ گۇۋاھنامسى ، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى)ئەڭ مۇنەۋەر سىنارىيە مۇكاپاتى1نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى -شەرەپ گۇۋاھنامىسى،رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىر قىلىدۇرغان 4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى(1-2-3-پىلاستىنكىلارنىڭ سۈزۇك نۈسخىسى).ئەڭ مۇنەۋەر كارتون ئوبراز مۇكاپاتى1 نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ، بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ .ئەڭ مۇنەۋەر كارتون دىكىراتسىيە مۇكاپاتى1 نەپەرمۇكاپات بۇيۇمى - شەرەپ گۇۋاھنامىسى، رىۋايەت كارتون سىتودىيسى نەشىرقىلىدۇرغان4 دانە كارتون پىلاستىنكىسى ،بىرپارچە كارتون دەرىسلىك كىتاپ .ئەسەر قاتناشتۇرۇش مۇكاپاتىمۇكاپات بۇيۇمى -رىۋايەت كارتون سىتودىيسى ئىشلىگەن «دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى » ناملىق كارتون پىلاستنكىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى .
11- مۇسابىقە باھالاش ھەيئىتىباھالىغۇچىلار :ئابدۇراخمان ئابلىز (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن )ئابدۇخىلىل داۋۇت (رىۋايەت كارتون سىتودىيىسىدىن )ئىرپان يارمۇھەمەت (ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گورۇپپىسدىن )ئەسەرلەرنى باھالاش ئولچىمىنى مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتى ئورتاق بىكىتىدۇ .ئەسەرلەر باھالىنىپ بولغاندىن كىيىن ، نەتىجىسى رىۋايەت كارتون مۇنبىرىدە(http://rivayat.com) ئىلان قىلىنىدۇ . تىزىملىتىش جەدىۋلىنى چۇشۇرۇڭ
(جەدىۋەلنى بىسىپ چىقىرىپ قولدا تولدۇرۇڭ، ئەۋەتكەندە سىكاننىرلاپ ياكى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىڭ)چۇشۇرۇش
http://rivayat.com/ur/static/image/filetype/msoffice.gif 神话杯动画大赛报名表2014-12-1.doc
مەنبە - http://rivayat.com
بەت:
[1]